باش بەت

abdulaziz

1258يوللانما
6مەستانە

ئامېرىكىلىقلار نېمە ئۈچۈن ئوغرىدىن قورقمايدۇ؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-16 16:28 6 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگودىكى بىنا ئۆيلەرنىڭ بىر يارقىن ئالاھىدىلىكى شۇكى، 1-قەۋەتتىن ئەڭ ئۈستى قەۋەتكىچە ھەممىسىنىڭ دېرىزىسىنىڭ سىرتىغا يەنە بىر ئوغرىلىقتىن مۇداپىيەلىنىش رېشاتكىسى ئورنىتىلغان، بەزى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ سىرتىغىمۇ يەنە بىر ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش ئىشىكى ئورنىتىلغان.

 لېكىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئامېرىكىدا مەيلى بىنا ئۆيلەر بولسۇن ياكى داچا ئۆيلەر بولسۇن جۇڭگودىكىدەك ئۇنداق كۆپ رىشاتكىلار ۋە ئىشىكلەر يوق، ئادەتتە ئۆيلەرنىڭ ئالدى-كەينىمۇ ئاساسەن چىملىق بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئەينەكتىن ياسالغان. ئۇنداقتا ئامېرىكىلىقلار ئوغرىدىن قورقمامدۇ؟ دەرۋەقە شۇنداق، ئامېرىكىلىقلار ھەقىقەتەن ئوغرىدىن قورقمايدۇ، بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە سەۋەبى بار.

  بىرىنچىدىن، ئامېرىكىلىقلار ئۆيىدە بەك كۆپ نەق پۇل ساقلىمايدۇ، ئادەتتىمۇ كارتا ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ھېسابات قىلىدىغان بولۇپ، جىددىي نەق پۇل كېرەك بولۇپ قالسىمۇ ھەممىلا يەردە ئۇچراپ تۇرىدىغان پۇلئالغۇلار ئۇلارغا قولايلىق يارىتىدۇ.

 ئىككىنچىدىن، ئامېرىكىدا رېمونت ھەققى بەك قىممەت، ئادەتتە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بۇزۇلۇپ قالسا ئۇلار نۇرغۇن پۇل خەجلەپ رېمونت قىلدۇرۇپ ئولتۇرماي يېڭىدىن بىرنى سېتىۋالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دائىم ئازراق يېرى بۇزۇلغان ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىمۇ تاشلىۋېتىلىپ تۇرىدۇ. دېمەك، ئامېرىكىدا جاپا تارتىپ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئوغرىلاشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق.

 ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكىلىقلار بىر قىسىم قىممىتى يۇقىرى بولغان زايوملار ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت دېگەنلەرنى بانكىنىڭ بىخەتەر ئىشكاپىدا ساقلايدۇ، ئۆيىدە ساقلىدى دېگەن تەقدىردىمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ.

  تۆتىنچىدىن، كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى سېتىۋالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغرىلىق ۋە ئوت ئاپىتى دېگەندەكلەرگە ئۇچرىسىمۇ سۇغۇرتا شىركىتى ئۇلارغا تۆلەم بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغرىلىققا ئۇچراشتىن بەك قورقۇپ كەتمەيدۇ.

  بەشىنچىدىن، ئامېرىكىدا كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇنچە كارى يوق ئەمەس، ئۆي ئىگىسى ئۇزۇنراق ۋاقىت قايتىپ كەلمەيدىغان ئىشلار بولسا قوشنىلار ئۆيلىرىگە قاراپ قويىدۇ.

  ئالتىنچىدىن، ئامېرىكىدا قورال ساقلاش قانۇنلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇندا يەنە «ئەگەر شەخسىي تۇرالغۇ قانۇنسىز سوقۇنۇپ كىرىش ياكى بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۆي ئىگىسى، ئىجارە ئالغۇچى ياكى ۋاكالىتەن قاراپ قويغۇچى قورال-ياراغ، كالتەك ياكى پىچاق قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئۆيىنى قوغدىسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن، بەزى ئىشتاتلار ھەتتا ھويلا بىلەن ماشىنىنىمۇ بۇ دائىرىگە كىرگۈزگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئوغرىلىق قىلىش ھەقىقەتەن بىر خەتەرلىك ئىش، ھەتتا جېنىنى سېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەنزىل4 ئاي ئىلگىرى

    ئۇماچ بېگىم ، تېلېفونىڭىزغا دىققەت قىلىڭ.

  • كەمپۈت4 ئاي ئىلگىرى

    ئۇماچ بېگىم بەك قىززىقكەنسىز

  • نىمە كارىم4 ئاي ئىلگىرى

    ئەڭ ئاخىرقىسى خەتەركەن

  • مەن4 ئاي ئىلگىرى

    باشقىلىرى قۇرۇق گەپ، ئەڭ ئاخىرقىسىنىڭ جېنى باركەن

  • ئۇماچ بېگىم4 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ ئوغرىدىن قورقمايمەن ،چۈنكى ئۆيۈمدە ئوغرىنىڭ كۆزى چۈشكىدەك بىر نەرسىنىڭ تايىنى يوق .

  • ئوتالدۇراخۇن4 ئاي ئىلگىرى

    ئەڭ ئاخىرىدىكىسى خەتەركەن مىنە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号