باش بەت

ئادىلجان

6872يوللانما
70مەستانە

تاشقى پىلانېت ئادەملىرى يەر شارى بىلەن ئالاقىلىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتامدۇ؟

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-17 18:45 8 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 16-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالىملار 10 يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم تېز سۈرئەتلىك رادىيو رادىئو بورىنىنى بايقىغان، بۇ بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان، قىسقا مەزگىللىك ئالەم بوشلۇقى رادىئو بورىنى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى يېشىش قىيىن بولغان سىرلارنىڭ بىرى. يېقىندا ئۆلچەپ چىقىلغان تېز سۈرئەتلىك رادىيو دولقۇنى FRB 150215 بەلكىم ھازىرغا قەدەر ئۆلچەپ چىقىلغان ئەڭ مۇرەككەپ تېز سۈرئەتلىك رادىيو بورىنى بولۇشى مۇمكىن. گەرچە تەتقىقاتچىلار ئۆتكەن ئىككى يىلدا تېلېسكوپ ئارقىلىق بۇ رادىيو دولقۇنى بىلەن باشلىنىشلىق بولغان بارلىق يىپ ئۇچىنى كۆزەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تاپالمىدى. 

يېقىدىن بايقالغان رادىيو دولقۇنى، بەزىلەر ئۇنى «تاشقى پىلانېت ئادەملىرى چىقارغان سىگنال» دەپ قارىماقتا.


2015-يىلى گوللاندىيە رادىيو ئاستىرونومىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى FRB 150215نى تۇنجى قېتىم بايقىغان ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەھلىل قىلىشقا باشلىغان. 

تېز سۈرئەتلىك رادىيو بورىنى (FRBs) ۋاقىتلىق تاسادىبىي رادىيو نۇرى بولۇپ، ئۇنى بايقاش تەس بولۇپلا قالماي، تەتقىق قىلىشمۇ ئىنتايىن تەس. ئۇنىڭ سىرلىق تەرىپى شۇ يەردىكى، قايسى خىل ئامىل بۇنچە قىسقا ۋاقىتلىق رادىيو بورىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ سوقۇلۇشى ياكى تاشقى پىلانېتا مەدەنىيىتىدىن كەلگەن ئۇچۇر بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا. ھازىرغا قەدەر 22 دانە تېز سۈرئەتلىك رادىيو بورىنى بايقالدى، ئەمما ئاسترونوملار ئالەم بوشلۇقىدا ھەركۈنى 2000 قېتىم تېز سۈرئەتلىك رادىيو بورىنى قويۇپ بېرىلىدۇ دەپ قارىماقتا. 

گەرچە ئاسترونوملار ئادەتتە تېلېسكوپ ئارقىلىق تېز سۈرئەتلىك رادىيو بورىنىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كۆزەتسىمۇ، ئەمما FRB 150215 گوللاندىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسىنى گاڭگىرىتىپ قويدى. ئۇلار بىر قانچە تېلېسكوپ ئارقىلىق كۆزىتىپمۇ ھېچقانداق سىگنال ياكى نۇر مەنبەسىنى بايقىمىدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، FRB 150215 رادىيو بورىنى 11 دانە تېلېسكوپ ئىشلىتىپ رادىيو، ئوپتىكا، X نۇرى، گامما نۇرى ۋە نېيترىنونى كۆزىتىش جەريانىدا بايقالغان بولۇپ، نۆۋەتتە بايقالغان تېز سۈرئەتلىك رادىيو بورىنىغا ئالاقىدار قىسقا ۋاقىتلىق ۋە ئۆزگىرىشچان نۇرلۇق رادىيو دولقۇنىنى 1725 سائەت كۆزىتىپمۇ تەكرار ئىمپولسنى بايقىيالمىغان. 

FRB 150215نىڭ تېخىمۇ سىرلىق بولغان تەرىپى، يەر شارى نۇقتىسىدا ئۇنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ، بۇ تېز سۈرئەتلىك رادىيو بورىنى چوقۇم سامان يولى سىستېمىسىدىكى ئىنتايىن زىچ بولغان ئورۇندىن ئۆتۈش ئارقىلىق ئاندىن يەر شارىغا يېتىپ كېلىدۇ، سامان يولى سىستېمىسىنىڭ ماگنىت مەيدانى رادىيو بورىنىنىڭ نۇر يولىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۆزگەرتمىگەن. 

تەتقىقاتقا مەسئۇل ئېمىلىي مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ سامان يولى سىستېمىسىدىكى مەلۇم ئۆڭكۈردىن ئۆتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. بىز قانداق ئامىلنىڭ بىز كۆرگەن رادىيو بورىنىنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز، ئەمما بىز بۇ تاشقى پىلانېت ئادەملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىمايمىز.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان4 ئاي ئىلگىرى

    تاشقى پىلانىت ئادەملىرى مەۋجۇت بۇپ قالسا ، مىنىڭچە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلمىغان ياخشى ، ئۇلار يەر شارنى بايقاپ قالسا ئىنتايىن خەتەرلىك، بۆرنى قوتانغا باشلىغاندەكلا ئىش

  • نۇر6 ئاي ئىلگىرى

    ئالىملا ساراڭمىدۇ دائيىم تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ئۇنداق تەرەقىي قىلغان دەۋىرىدىكەنسىلە نىمىشقا ئويلىغىنىمىزدەك ئەمەسلىكىنى ئۇلانى كۆرمەي تۇرۇپ جەزىملەشتۈرۋىتىسلە ئۇلارنىڭ بزدەك تەرەقىياتى بولمىسىچۇ

  • قانات6 ئاي ئىلگىرى

    پاھ مەن مۇشۇ ئىككىڭلاردەك ئىلمىي ئىنكاسلانى كۈرۈشكە ئامراق نەدە ھاياجانلىنىپ ۋالاقلايدىغان نىمىلە جېقكە ئادەمنى قايىل قىلارلىق ئاساسىي بار گەپلەرنى قىلىپ باقمامسە سابىر

  • پالۋان6 ئاي ئىلگىرى

    نۇر تورىدا تاشقى پىلانىت،ئالەم بوشلىقىغا قارىتا بىر سەھىپە ئېچىلسا بەك ياخشى بولاتتى

  • ناتۇنۇش6 ئاي ئىلگىرى

    قانداق دوت نىمىلەر بۇ ئۆزگەرتىش كىرەكتى لىكىن ئۆزگەرتمىگەن دەپ راس قىزىق كەن

  • وىېرۇس6 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ چە كائىناتتا نۇرغۇنلىغان سامان يولي يۇلتۇز سېستىمىسى بار قۇياشىتىنمۇ بىر سسى بولماسلىقى ئېنىق كائىناتتا نۇرغۇنلىغان تۇرغۇن يۇلتۇز لار توخىتىماستىن ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ ھەركەتلىنىش جەرياندا بىرى بىرگە سوقۇلۇپ ماگىنىت مەيدانى ياكى قارا ئۆڭكۈر قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىنې شەكىللەندۇرۇشى ئىنىق ماگىنىت مەيدانى قويۇپ بەرگەن ماگىنىت توردولقۇنې باشقا تۇرغۇن يۇلتۇز لارغا تارقىلىدۇ شۇڭلاشقا يەرشارىدىكى قوبولغۇچ ياكى سۇني ھەمرا قوبولقىلىغان ماگىنىت دولقۇنى بولشى ئىنىق ،

  • سابىر6 ئاي ئىلگىرى

    نەچچە تال سىزىقنى سىزىۋىلىپ ئانىن تاشقى پىلانىت ئىۋەتكەن دەپ ئىزدنىدىغان لەقۋالاركەن بۇلار ، تاشقى پىلانىتتىكىلەرنىڭ تىخنىكىسى شۇنچە يۇقىرى تۇرسا بىردەمدىلا كىپ ئۈز كۈزى بىلەن قۈرۈپ قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ بۇلاتتى ، قايسى كالۋادۇ بۇ سىزىقنى سىزىپ قويۇپ بىلامايۋاتقان

  • زىيا6 ئاي ئىلگىرى

    سامان يولى سىستېمىسىنىڭ ماگنىت مەيدانى رادىيو بورىنىنىڭ نۇر يولىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۆزگەرتمىگەن.

    _______________

    قىزىقارلىقكەن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号