باش بەت

مۇخپۇل تۇرسۇن

514يوللانما
18مەستانە

يەر شارىدىكى مىليونېرلار نېمىلەردىن ئەندىشە قىلىدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-18 19:00 0 ئىنكاس چۈشتى

                     

تېڭشۈن تورى مالىيە- ئىقتىساد قانىلى ئۇچۇرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: BI تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋېتسارىيە بانكىسى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، مىليونېرلارنىڭ %82 تى سىياسىي تۇراقسىزلىق، چىرىكلىك ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئۇلار ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان ئامىللار دەپ قارايدىكەن.

10 نەپەر مىليونېرنىڭ يەتتىسىنىڭ قارىشىچە، سىياسىي تۇراقسىزلىق ئەڭ چوڭ ئەندىشە ئامىلى ئىكەن، چۈنكى ھۆكۈمەت قىسقا مەزگىللىك كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، يىراق مەزگىللىك پىلان چىقىرالمايدىكەن.

شىۋېتسارىيە بانكىسى 17- ماي ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر قاتار زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك يۈزلىنىش داۋاملىق ساقلانماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە كېلىمات ئۆزگىرىشى، نارودنىكلىق ھەمدە سۈنئىي ئىقتىدار ۋە ماشىنا ئادەمنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر يۈزلىنىش زور بۆسۈش ۋە تۇراقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.».

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، جەمئىي 7 دۆلەت ۋە رايون (جۇڭگو شياڭگاڭ، سىنگاپور، ياپونىيە، مېكسىكا، ئىتالىيە، شىۋېتسارىيە ۋە ئەنگلىيە) دىكى 2800 دىن ئارتۇق مىليونېر شىۋېتسارىيە بانكىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان.

گەرچە خەۋپ- خەتەر يۇقىرى ئۆرلەش ئالامىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ %51 تى ئۆزىنىڭ مالىيە ئەھۋالى كەلگۈسىدىكى بىر يىل ئىچىدە ئاز- تولا ياخشىلىنىدۇ، دەپ قارىغان. زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ %13 تى بولسا ئۆزىنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ناچارلىشىدۇ دەپ قارىغان. زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۇزۇن مەزگىللىك مالىيە نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىغان.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كەلگۈسى ئىستىقبالىغا ئەڭ ئۈمىدسىز قارايدىغانلار ئىتالىيەلىك زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号