باش بەت

durdana

1066يوللانما
56مەستانە

تايلاندتىكى داڭلىق 10 چولپان توغرىسىدا مەلۇمات

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-05-19 23:09 24 ئىنكاس چۈشتى


يېقىنقى يىللاردىن بېرى تايلاند تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى، تايلاندلىق گۈزەل ۋە كېلىشكەن چولپانلار دىققىتىمىزنى تارتتى. لېكىن بىزگە تونۇشلۇق بولغان تايلاند چولپانلىرى چوقۇم داڭلىق بولۇشى ناتايىن، ھازىر تايلاند ۋە جۇڭگۇغا نىسبەتەن بىر قەدەر تونۇشلۇق ۋە داڭلىق بولغان 10 نەپەر چولپاننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

 poly Laila Boonyasak

Ploy «تايلاندقا مۇھەببەت»《暹罗之恋》 دە June/Tang نىڭ رولىنى ئېلىپ جۇڭگۇلۇق تاماشىبىنلارغا تونۇلغان. ئۇ يەنە «مۇئەللىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى»، «ھەر خىل ئاماللار بىلەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم»《教师日记》،《千方百计爱上你》فىلىملىرىدە رول ئالغان.

ئۇ ئارتىس ھەم مودېل بولۇپ، بويى ئېگىز، فىگۇرىسى قاملاشقان، چىرايى گۈزەل، تايلاندتا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇ ھەم چىرايلىق ھەم تاماشا چەمبىرىكىدە ھېچقانداق ئۆسەك سۆزى تارقالمىغان، ئىزچىل ئۆزگىچە خاراكتىرىنى ساقلاپ كەلگەن. لېكىن ئۇنىڭ باجدىن قېچىش قىلمىشى بولغاچقا ئۇنىڭغا تەسىرى تازا ياخشى بولمىغان، لېكىن ئۇ ھەمىشە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ۋە خەۋەرلەرگە چىقىپ تۇرىدۇ.

نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان باھاسى بىردەك ئەمەس، بەزىلەر ئۇنى مىجەزى تۈز، ياسالما ئەمەس دېسە، بەزىلەر ئۇنىڭ خاراكتېرى بەك كەسكىن، باشقىلارنىڭ دىلىنى ئاغرىتىدۇ دەيدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئادەم ئۇ ئېكراندا بولامدۇ ياكى باشقا خەۋەرلەردە بولامدۇ باشقىچە گۈزەللىككە ئىگە، باشقا چولپانلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇ مەستانىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان.


Woranuch Wongsawan

ئۇ «تايلاندتىكى كىم ھى سىئون» دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ چىرايى چىرايلىق بولۇپلا قالماي، رول ئېلىش ماھارىتىمۇ تايلاندتىكى مەستانىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

 ئۆتكەن يىلى ئۇ رول ئالغان «زەھەرلىك مۇھەببەت» 《毒爱》ھەتتا زوڭلىنىڭمۇ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ رول ئالغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى نۇرغۇن قېتىم جۇڭگۇغا كىرگۈزۈلگەن، «قەلىبتىكى كۆلەڭگە» 《心影》دىكى تۇرمۇش ۋە مۇھەببەت ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاپ قالغان ئايال باش پېرسۇناژنىڭ رولىنى ۋە «ئادەمنىڭ قىممىتى» 《人的价值》دىكى ئالىيجاناپ پەزىلەتكە ئىگە رولنى ياراتقانلىقى بىلەن جۇڭگۇلۇق كۆرۈرمەنلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

ئۇنىڭ چىرايى تىپىك «تايلاندچە گۈزەل»، سۈزۈك تېرە، قاڭشارلىق بۇرۇن، ئادەمگە ئىللىق تۇيغۇ بېرىدىغان يوغان كۆز، شەرقى جەنۇبى ئاسىياچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، يەنە ئازراق سىرلىق تۇيغۇ بېرىدۇ.

2016-يىلى ئۇ باي ئائىلىگە ياتلىق بولۇپ، زەردارنىڭ ئايالى بولدى. گۈزەللىكى ئىلگىرىكىدىن يەنە بىر ھەسسە ئاشقاندەك تۇيۇلىدۇ. تورداشلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن سەلبى باھاسى يوق دېيەرلىك.

Chompoo Araya A. Hargate

تايلاند ئارلاشما قانلىق چولپانلار ئىنتايىن كۆپ دۆلەت، chompoo مۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئۇ ئەنگىلىيە ۋە تايلاندنىڭ قوش تەۋەلىكىگە ئىگە بولۇپ قالماي، مودېل ۋە ئارتىسلىقتىن ئىبارەت قوش سالاھىيەتكە ئىگە.ئۇنىڭ فىلىملىرىنى دەپ كەلسەك، كۆپ ئادەم ئانچە بىلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن «گانا كىنو فېستىۋالى» نى تىلغا ئالساق، ھەممەيلەن ئاۋۋال فەن بىڭبىڭنى ئەسلىگەندەك، تايلاندلىقلارمۇ بىرىنچى بولۇپ ئۇنى ئەسلەيدۇ.

ئىلگىرىكى نۇرغۇن كىنو فېستىۋاللىرىدا chompoo ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، قىزىل گىلەمدە جۇلالىنىپ، نۇرغۇن گېزىت-ژۇرناللارنىڭ باش بېتىگە چىققان.

ئۇنىڭ بەش ئەزاسىدا شەرقلىقلەرنىڭ يۈز ئالاھىدىلىكى بىلەن غەربلىكلەرنىڭ يۈز ئالاھىدىلىكىنىڭ روشەن نامايەندىلىرى بار، ئۇ مۇراسىم كىيىمى كىيگەندە سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ.

ئەمەلىي تۇرمۇشىدىمۇ ئۇ ناھايىتى مودا، مەيلى كوچا سۈرەتلىرى بولامدۇ ياكى ساياھەتتىكى ئۆز تارتىملىرى بولامدۇ، ئالاقە بەتلىرىگە يوللانسىلا يۈرەكلەرگە كۆمۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بىلىدىغانلار ئۇ ئادەمگە ئاسان يېقىنلاشقىلى بولىدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ، ناھايىتى جەلىپكار دېيىىشدۇ. ئۇ 2015-يىلى توي قىلغان بولۇپ، بىر قېتىم بويىدىن ئاجراپ كەتكەن، ئانا بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىغان chompoo نىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ھامىلدار بولغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلاندى. بۇ يىللىق گانا كىنو فېستىۋالىغا ئۇمۇ قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ.

Yaya Urassaya Sperbund

تايلاند بىلەن نورۋىگىيە ئارلاشما قان سېستىمىسىغا تەۋە YAYA پىشقان رول ئېلىش ماھارىتى ۋە ئاقكۆڭۈل خاراكتىرى بىلەن تايلاند خەلقىنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلغان. يېقىندا قويۇلغان «ھاياتتىكى دولقۇن»《人生的波动》يەنە بىر قېتىملىق مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان، نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭ ئۆزى ياراتقان كىلاسسىك ئوبرازنى غۇلىتىپ ياراتقان يېڭى ئوبرازىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ئادەمگە يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدىغان YAYA مەيلى قايسى ئەر ئارتىس بىلەن ھەمكارلاشمىسۇن ئاز-تولا ئۆسەك سۆزلىرى چىقىپ قالىدۇ، بۇ ئىككى يىلدا ئۇ ئاندىن تارتىنىپقىنە nadech نىڭ ئوغۇل دوستى ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىغان. بۇ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مەستانىلىرى ئۇلارغا بەخىت تىلىگەن، لېكىن ئۇلار تۇرمۇشتا ئۆزىنى بەك ئاشكارىلاپ، چوڭچىلىق قىلىپ يۈرمەيدۇ.

YAYA خىزمەتتىن باشقا ئات مىنىش، رەسىم سىزىش، ساز چېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ماھىر. يەنە تېخى 5 خىل تىلدا سۆزلىشەلەيدۇ. بۇ چولپان ئەگەر چولپان دېگەن قالپىقىنى كەيمىسىمۇ ئوخشاشلا چاقناۋېرەلەيدۇ. شۇڭا ئۇ ياشلارنىڭ قەلبىدىكى سەنىمىگە ئايلانغان، تايلاندتا قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان.


Aum Patapa Chaichuea

تايلاند تاماشا چەمبىرىكىدە ئاللىقاچان سەنەمگە ئايلانغان Aum Patapa Chaichuea’ نامى چىققان 10 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن مەستانىگە ئىگە بولغان، 70-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق ئۇنىڭدا قېرىغانلىق ئالامەتلىرى ئازراقمۇ يوق، خۇددى يىللار ئۇنىڭغا نىسبەتەن نەچچە يىل ئاۋۋال توختاپ قالغاندەكلا.

ھەر قانچە گۇزەل بولسىمۇ يەنىلا غاجايدىغان ئادەم چىقىدۇ، ئەمما ئۇ تەبئىي، ياسالما بولمىغان رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن تايلاند خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئۇ رول ئالغان «نىكاھىدىكى خوتۇن»《正妻》تايلاند ئەڭ يۇقىرى كۆرۈلۈش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان، ئۇ رول ئالغان تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى تايلاندلىقلار ئۆتكۈزىۋەتمەي كۆرىدۇ، ئۇ بارغانلىكى جايدا خەۋەرلەر ئۈزۈلمەيدۇ، ئۇ بىرىنچى نومۇرلۇق ئارتىسلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

جۇڭگۇلۇق كۆرۈرمەنلەرگە «ئۆيۈمدىكى پەرىشتە»، «مېنىڭ سۆيۈملۈك جىنتىكىم»《我家的天使》،《我亲爱的小鬼》 فىلىملىرى بىلەن تونۇلغان.

ئۇ كۆپىنچە ۋاقتىنى فىلىم ئىشلەشكە قاراتقان، ئۇ ئىشلىگەن ئاز بىر قىسىم تېلىۋىزىيە تىياتىرى تايلاندتىكى كىلاسسىك تىياتىرلار قاتارىدن ئورۇن ئالغان، ھازىر ئىشلىنىۋاتقان نۇرغۇن تىياتىرلار كۆپىنچىسى ئۇ بۇرۇن رولغا چىقىپ بولغان تىياتىرلاردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.

ئۇ ئاۋام تەرىپىدىن «تايلاندتىكى بىرىنچى گۈزەل» دەپ ئاتالغان. گەرچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ نام يەنە باشقىلارغا بېرىلىشى مۇمكىن، لېكىن ساپ تايلاندلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ گۈزەللىكى، رول ئېلىشى، پەزىلىتى ئاللىقاچان يۇقىرى پەللە يارىتىپ، رىۋايەتلىك شەخىسكە ئايلاندى.

Mario maurer

نۇرغۇن ئادەم ئىلگىرى «تۇنجى مۇھەببەت دېگەن كىچىك ئىش»《初恋这件小事》نى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئارتىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇ بىر قانچە يىلدا مارىئو يېڭى بىر ئەۋلاد ياش ئەر ئارتىس سۈپتىدە بۇ كىنوسى بىلەن تونۇلدى. جۇڭگۇ قان سېستىمىسىغا ئىگە بولغان بۇ يىگىت جۇڭگۇدا ئەڭ قارشى ئېلىنىدۇ. مۇغەمبەرلەرچە كۈلكىسى، ئىللىق تۇيغۇ بېرىدىغان خاراكتىرى بىلەن ئۇ جۇڭگۇلۇق قىزلارنىڭ گۈزەللىك باھالاش ئۆلچىمىگە ئەڭ چۈشىدىغان تايلاندلىق چولپان بولۇپ قالغان. لېكىن تايلاندتا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۇنىڭ توختىماي ئۆسىۋاتقان رول ئېلىش ماھارىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەڭ بېشىدا ئۇ «تايلاندقا مۇھەببەت» فىلىمدە رول ئالغان، كېيىن ئۇ «ئالۋاستى ئەر»، «ئۆگەي ئانا»《鬼夫》《晚娘》فىلىملىرىدە رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پىشقانلىقىنى نامايەن قىلغان.

ھازىر ئۇ بۇرۇنقى سۆيۈملۈك ھالىتى يوقاپ، ھەقىقىي ئەركەك ھالىتىدە ئېكراندا پەيدا بولىدۇ. ھازىر تېخىمۇ پىشقان، كېلىشكەن كۆرۈنىدۇ.

Mark Prin Suparat

Mark جۇڭگۇ ۋە تايلاند ئارلاشما قان سېستىمىسىدىن، تاماشا ساھەسىگە كىرمىگەندە ئۇ روداۋچە چېلىشىش تەنھەرىكەتچىسى ئىدى. ئۇ ئۆتكەن يىلى «ھاياتتىكى دولقۇن» دا رول ئالغاندىن كېيىن داڭقى چىقىشقا باشلىدى.

ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن «مۇزەككەر-مۇئەننەسلىك چىگرىسى»《逆阳之境》،«مۇھەببەتنىڭ ئىس-تۈتىكى» قاتارلىق بىر قانچە تىياتىردا رول ئېلىپ، ئاۋامغا تونۇلغان. نۇرغۇن تايلاند ياشلىرى ئۇنىڭ خاراكتىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.

مارك ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بىر چولپان بولۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنى ئادەتتىكى ئادەم، پەقەت مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارايدۇ. لېكىن نۇرغۇن مەستانىلىرى ئۇنى خىجىلچان، تارتىنچاق، جىددىيلەشسىلا قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كېتىدىغان تۇرقى بەك ئوماق دەپ قارايدۇ. گەرچە ئۇ بەزىدە بىمەنە چاقچاقلارنى قىلىشنى ياقتۇرسىمۇ لېكىن بۇ ئۇنىڭ مەستانىلىرىنىڭ ئۇنى ياقتۇرىشىغا قىلچىمۇ تەسىر كۆرسەتمىگەن. ھەمىشە ئادەمگە يېقىن تۇيغۇ بېرىدىغان مارك مەيلى تايلاندتا بولسۇن ياكى جۇڭگۇدا بولسۇن ئوخشاش قارشى ئېلىنىشقا ئېرىشكەن، ئۇ Kimberley Anne Voltemas Tiamsiri بىلەن يۈرۈۋاتىدۇ.

Barry Nadech Kugimiya

Nadech Kugimiya تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىدىن باشلاپ «مۇھەببەتنىڭ ئىس-تۈتىكى» ناملىق تىياتىرنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىپ، تونۇلۇشقا باشلىغان. ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بارلىق تايلاندلىقلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.

جۇڭگۇدا بولسا كۆپچىلىك ئۇنى «كۆك رەڭلىك قىرغاق»《蓝色彼岸》،«ئاپتاپتەك چۈش ئىزناسى» قاتارلىق فىلىملەردە YAYA بىلەن ھەمكارلاشقان. YAYA بىلەن ئىككەيلەن تولۇق ئوتتۇرىدا رول ئالغاندىن باشلاپ تونۇشقان، كۆپچىلىك ئىككەيلەن بىللە رول ئالغان فىلىملەرنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلسىمۇ ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئىككەيلەننىڭ ھېسسىيات مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. لېكىن ئىككەيلەن ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلمايدۇ، شەپىسىز يۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرىت nadech نۇرغۇن ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان. دائىم بەدەن چېنىقتۇرغاچقا ناھايىتى ياخشى بەدەن ساپاسىغا ئىگە. ژۇرنال مۇقاۋىسىدىكى سۈرەتلىرى بىر خىل كۈچتۈڭگۈر، قامەتلىك تەسىر بېرىدۇ، دائىم ياخشى باھالار ئۈزۈلمەيدۇ.

Nadech يەنە ناھايىتى ۋاپادار بالا، ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسىغا بەكلا كۆيۈنىدۇ، ئائىلىدىكىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. تايلاندتا توردىكى ئىنكاس رايونىغا بىرەر تال nadech نى ياقتۇرمايدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان ئىنكاس چۈشۈپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئاستىغا چوقۇم ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدىغان ۋە قوللايدىغان ئىنكاسلار يېغىپ كېتىدۇ.

Pong Nawat Kulrattanarak

ئۇ جۇڭگۇ كۆرۈرمەنلىرىگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان تايلاند ئارتىسلىرىنىڭ بىرى. «ھەسەت دېڭىزى»، «پەرىشتە جېڭى»، «كۇبىدنىڭ قىلتىقى»《妒海》《天使之争》《丘比特的圈套》 قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالغان. ئۇ بەزىدە مۇتتەھەم بەزىدە مەككار، بەزىدە قارا نىيەت، بەزىدە ئەقىللىق بولۇپ رول ئالىدۇ.

ئەلۋەتتە ئۇنى تايلاندتا تونۇمايدىغان ئادەم يوق، 2001-يىلى كىلاسسىك تېلىۋىزىيە تىياتىرى «سۇمرۇغنىڭ قېنى»《凤凰血》ئارقىلىق تايلاندقا تونۇلغان، كېيىنكى ئەسەرلىرى بىلەن نامى تېخىمۇ چىقىشقا باشلىغان.

ئۇ ئۆزىنى توختاتقان، سالماقلىقى بىلەن نۇرغۇن مەستانىگە ئىگە.

tik jesadaporn pholdee

«تايلاندتىكى بىرىنچى كېلىشكەن يىگىت» دەپ نام ئالغان بۇ ئارتىس «قېچىپ چىققان مەلىكە»《出逃的公主》،«باي خانقىزنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش»«爱上千金»،«ھەر خىل ئاماللار بىلەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم» قاتارلىق فىلىملەر بىلەن جۇڭگۇلۇق كۆرۈرمەنلەرگە تونۇشلۇق. ئۇ رول ئالغان فىلىملەر ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ كېلىشكەن قامىتى، چىرايلىق كۈلكىسى بىلەن داڭلىق مۆتىۋەر ياكى ئالىي ئەمەلدارنىڭ ئوبرازىدا رول ئېلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

TIK تايلاندلىقلارنىڭ نەزىرىدە «مۇكەممەل» دېگەن سۈپەتكە لايىق. چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان ھەممە ئادەم شۇنداق دەيدۇكى، ئۇ ئۆزىنى پەقەت چوڭ تۇتمايدىكەن، ھەممە ئىشنى چامى يەتكەنچە ئۆزى قىلىدىكەن، باشقىلارغا ياردەم بېرىدىكەن، ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنى مەن دېگەن داڭلىق ئادەم دېگەن قاراشتا بولمايدىكەن، ھەمىشە كۈلۈمسىرەپ يۈرىدىكەن. مەيلى يېنىدىكى خىزمەتچىلەر بولامدۇ ياكى مەستانىلىرى بولامدۇ، ئىنتايىن ئىللىق مۇئامىلە قىلىدىكەن. فىلىم سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ ئۇ بەكلا ئەدەبلىك ئىكەن، ئەزەلدىن باشقىلارنى نەزىرىگە ئالمايدىغان ياكى باش چۆكۈرۈپ تېلفۇن ئوينايدىغان ئىشلارنى ئەسلا قىلمايدىكەن. ئەڭ مۇھىمى خىزمەتكە بەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ رول ئېلىشتا تەبئىي تالانتى بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن خىزمەت قىلىش ناھايىتى كۆڭۈللۈك، ئادەمگە ئازادىلىك بېرىدىغان بىر ئىشكەن.

تايلاندلىقلارنىڭ نەزىرىدە بىر چولپاننىڭ سىرىتقى قىياپىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، ئۇلارنىڭ چولپانلارنى باھالاش ئۆلچىمى ئۇلارنىڭ پەزىلىتى ۋە خاراكتىرىدە بولۇپ، شۇ ياخشى بولسىلا ھەممىلا يەردە قارشى ئېلىنالايدىكەن.

شۇڭا TIK كېلىشكەن بولغاندىن باشقا، خاراكتىرىمۇ ئىنتايىن ياخشى، شۇڭا ئۇنىڭ مەستانىلىرىمۇ بەك كۆپ.

لېكىن TIK تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى بەك ئاز ئىشلەيدۇ، ئىزچىل دالا پائالىيىتى پىروگىراممىسىدا رىياسەتچىلىك خىزمىتىنى قىلىدۇ، پىروگىراممىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئېسىلزادە قىياپىتىدە ئەمەس، باشقىچە بىر ئادەم ھالىتىدە نامايەن بولىدىكەن. چۈنكى دالىدىكى خىزمەت جاپالىق بولغاچقا شۇڭا ئەركىن ئازادە بولىدىغاندۇ، لېكىن ئۇنىڭ پىروگىراممىدىكى ھالىتىمۇ باشقىچە قامەتلىك.

 

باش سۈرەت تاللاش x
  • شەھلا6 ئاي ئىلگىرى

    مونتاينىڭ كىنوسىنى بەك ياقتۇرمەن

  • رامبو6 ئاي ئىلگىرى

    رامنى چىقارسا چۇ مەن بەكئامراقتىم رامنىڭ كىنوسىغا

  • ئەلى6 ئاي ئىلگىرى

    تونى يوقكەنغۇ بۇنڭدا ،،،،،،،،،،،،،،

  • بارسىلونا6 ئاي ئىلگىرى

    مونتاي ،،،،،،،،بىياچاتقا مەن بەك ئامراق ،،،بەك چىرايلىق قىزتى ئۇ

  • شەكىلە6 ئاي ئىلگىرى

    مەن TIKنىڭ كىنولىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرمەن ،،،،،،،
    لايىقىمغا بەك ئوخشايدۇ ☺☺☺☺☺☺مىجەزىمۇ ئوخشاپ قالدىكەن قارغاندا ،لايقىمنىڭمۇ بەقەت چوڭچىلىقى يوق ،بەك ئاقكۆڭۈل

  • ۋېرونىكا6 ئاي ئىلگىرى

    ئاسۇكا گۈلىدىكى بىياچات،يەنى كانيا لېنىتتا( پېڭ) ،كۆزۈمگە بەك چىرايلىق كۆرۈنەتتى،نىمىشقا ئۇ يوق ؟؟!

  • 么么哒6 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇلارنىڭ كىنولىرىمۇ بەك ياخشى،بەكلا ياقتۇرىمەن، bie,aff ,ken

  • رەڭدار دۇنيا6 ئاي ئىلگىرى

    ئائۇم پاتاپا چايكۇانىڭ خەۋەرلىرىنى كۆپرك يوللىغان بولساڭلار مەن بەك ياخشى كۆرىمەن

  • بۇلۇت6 ئاي ئىلگىرى

    ئەر ئاياللىقىنى بىلگىلى بولمايدىغانلا خەق بۇ... مەن ھېلىقى گۇمپا ئۇستىسىدىن باشقىسىنى تونىمايدىكەنمەن. يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ جوڭگۇ ئارتىسىلىرىنى كۆپرەك تونويدىكەنمەن.. ئىشەنچىلىك بولغاندىكىن .

  • Cute-Kid6 ئاي ئىلگىرى

    كۆڭلىڭىزنى ئۇتقىنىم ئۇتقان دىگەن فىلىمىنى بەك ياقتۇردۇم شۇنىڭدىكى پوڭساي دىگەن ئەبلەخنىڭ خەۋىرىنى جىقراق بەسەڭلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号