باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8901يوللانما
444مەستانە

ئېرى ئۆيدە تاماكا چەكسە، خوتۇنىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-21 17:33 0 ئىنكاس چۈشتى

تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا خانىم - قىزلىرىنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئېرى ئۆيدا تاماق چېكىدىغان ئاياللارنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدىكەن .
تەتقىقاتتا يەنە جۇڭگودا تۇرمۇش ئادىتى ناچار ئاياللارغا قارىغاندا ئۇزۇن بولىدىغانلىقىمۇ بايقالغان.
ئامېرىكىنىڭ ۋاندېربېت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سارا ئېخۇتا قاتارلىق تەتقىقاتچىلار «شاڭخەيلىك خانىم- قىزلارنىڭ ساغلاملىق تەتقىقاتى» دىكى سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلغان. بۇ تەتقىقات تۈرىدە 1996-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 71 مىڭدىن كۆپرەك 40 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان تاماكا چەكمەيدىغان ۋە ھاراق ئىچمەيدىغان خانىم-قىزلىرىنىڭ ئۇچۇرى يىغىلغان، شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئادىتىمۇ باھالاپ چىقىلغان. تەتقىقات تۈرىدىكى بۇ سان ئۆلۈش نىسبىتىگە مۇناسىۋەتلىك بەش ئامىلنى ئاساس قىلغان. بۇ بەش ئامىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەدەن ئېغىرلىقى، بەل ئايلانمىسى ۋە كاسا ئايلانمىسىنىڭ نىسبىتى، قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەھۋالى، ۋاستىلىك تاماكا چېكىش دەرىجىسى ۋە كۆكتات، مېۋە - چېۋىنى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى چۆرىدىگەن.
بىر ئايالنىڭ ساغلاملىق تۇرمۇش ئادىتى قانچىلىك ياخشى بولسا ئۇنىڭ ئېرىشكەن سانى شۇنچىلىك يۇقىرى بولغان؛ ساغلام تۇرمۇش ئادىتى قانچىلىك ناچار بولسا ئېرىشكەن نومۇرى شۇنچىلىك تۆۋەن بولغان.
ئۇلار تەتقىقات ئونيېكتى قىلىنغان ئاياللارنى توققۇز يىل ئەتراپىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. بۇ مەزگىلدە 2860 ئايال قازا قىلغان، بۇنىڭ ئارىسىدا 1351 ى راك كېسىلى بىلەن، 775 ى يۈرەك تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن قازا قىلغان.
«ئىلىم-پەن ئاممىۋى كۇتۇپخانىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ھازىرمۇ ھايات تۇرۇۋاتقان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا قازا قىلغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە بەدەن ئېغىرلىقى بەك يېنىك ياكى بەك ئېغىر، سېمىز، شۇنداقلا بەل ئايلانمىسى بىلەن كاسا ئايلانمىسى نىسبىتىنىڭ قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرغىلى بارمايدىغان ياكى كۆكتات، مېۋە-چېۋىنى ئاز ئىستېمال قىلىدىغان ئەھۋاللار بەكرەك مەۋجۇت ئىكەن.
تەتقىقات دوكلاتىنى يازغۇچىلارنىڭ بىرى، ۋاندېربېت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇقۇچان كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مەسئۇل خادىمى ۋېي جې مۇنداق دېدى : «بىر خۇش خەۋەر بار، ئۇ بولسىمۇ ئەگەر خانىم-قىزلاردا ئۆزىدىكى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈمىدى بار بولسىلا، نۇرغۇن ئامىللارنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن. مەسىلەن ، كۈندە سەيلە قىلسا ياكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورۇنلىرىغا قاتنىشىپ ئېنېرگىيەنىڭ خورىشىنى ئازايتسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپ مىقداردا مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات ئىستېمال قىلىپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىغان ئەھۋالدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش كۆرۈلىدىكەن».
لېكىن قازا قىلغان ئۇ ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئېرى تاماكا چېكىدىكەن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش بىر ئاز تەسكە توختىغان .

تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «جۇڭگو ۋە ئاسىيە قىتئەسىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاياللاردىكى ۋاستىلىك تاماكا چېكىش ئەھۋالى ئەڭ مۇھىم بولغان بۇلغىنىش، زەھەرلىنىش مەنبەسى ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى ئاسىيا ئەرلىرىنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، بۇ ئەھۋالنىڭ خوتۇنىنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولىدىكەن. شۇڭا جۆرىسىنىڭ تاماكا چېكىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشتە ئالدى بىلەن ئەر-خوتۇنلارغا تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى تولۇق تونۇتۇش كېرەك».
ئېرىنى خوتۇنىنى دەپ بولسىمۇ، تاماكا تاشلىتىش ئىشىغا مەھەللىلەرنى ئاساس قىلغان دائىرىلەر ئارىلىشىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي شارائىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. مەسىلەن، ئۆيدە تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈش دېگەندەك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك.

مەنبە: يارپ تورى

http://uy.xjaids.com/e/action/ShowInfo.php?classid=9&id=1629

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号