باش بەت

ئىرپان

2789يوللانما
431مەستانە

4 ئىشىكلىك بۇ توكلۇق ئاپتوموبىل Model S P100Dدىنمۇ تېز

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-21 17:40 0 ئىنكاس چۈشتى

Geekcar تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يۇقىرى ئىقتىدارلىق 4 ئىشىكلىك توكلۇق ئاپتوموبىل تىلغا ئېلىنسا، ناھايىتى كۆپ كىشى شۇ ھامان تېسلا Model S P100D ئاپتوموبىلىنى ئەسكە ئېلىشى مۇمكىن. نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ئاپتوموبىل Ludicrous ئەندىزىسىدە پەقەت 2.7 سېكۇنت ئىچىدە 0-100km/h تېزلىنىشنى تاماملىيالايدۇ.

بىراق،تېسلا كەلگۈسىدە ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك رىقابەتچىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، ئوخشاشلا 4 ئىشىكلىك توكلۇق ئاپتوموبىل بولۇپ، ELEXTRA شىركىتى ياسىغان ماشىنا تىپىنىڭ 100 كىلومېتىرغا تېزلىنىش ۋاقتى 2.3 سېكۇنتقا بارمايدۇ.

ELEXTRA بولسا شىۋېتسارىيە شىركىتى، ئۇلار ياسىغان بۇ 4 ئىشىكلىك 4 كىشىلىك توكلۇق ئاپتوموبىل شىۋېتسارىيەدە لايىھەلەنگەن، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى بولسا گېرمانىيە ستۇتگارتىكى بىر كىچىك تىپتىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك زاۋۇتىدا تاماملانغان.

ELEXTRA بۇ توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى-ئارقا ئوقىغا بىر ئېلېكترماتور سەپلىگەن، ئومۇمىي قۇۋۋىتى 680 ئات كۈچى (Model S P100Dدىن تۆۋەن)، بىرلا ۋاقىتتا 4 چاق سۆرەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ELEXTRA توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ 100 كىلومېتىرغا تېزلىنىش ۋاقتى 2.3 سېكۇنتقا يەتمەيدۇ، ئەڭ تېز سۈرئىتى 250km/hتە چەكلەنگەن. ئۇلار تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ توكلۇق ئاپتوموبىل 100km/hلىق تەڭ سۈرئەتلىك شەرتتە ئەڭ چوڭ ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 600km ئىكەن.

نوقۇل تاشقى قىياپىتىدىن قارىغاندا، ELEXTRAنىڭ بۇ ئاپتوموبىلى يەنىلا ئۇقۇم ئاپتوموبىلى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، 4 ئىشىكىنىڭ ھەممىسىدە ئىشىك تۇتقۇچى يوق ھەمدە ئالدى ئىشىكىنىڭ يۈزى ئارقا چاقتىن كۆپ چوڭ. ماشىنا گەۋدىسىنىڭ ئالدى-كەينىگە ئۆتۈشۈپ كەتكەن شەكىلدىكى چىراغ گۇرۇپپىسى لايىھەسى قوللىنىلغان، بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز شەكلىدىكى چاق بۇلى تورمۇز تەخسىسىنى سىرتتا زور دەرىجىدە ئاشكارىلاپ قويىدۇ.

ELEXTRAنىڭ لايىھەلىگۈچىسى شىۋېتسارىيەلىك روبېرت پالم (Robert Palm)نىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بۇ توكلۇق ئاپتوموبىل تىپى ئۈچۈن بىر يۈرۈش كاربون تالالىق ماشىنا گەۋدىسىنى ئالاھىدە لايىھەلىگەن، ئەنئەنىۋى ئاليۇمىن قۇرۇلمىلىق ماشىنا گەۋدىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كاربون تالا ELEXTRA توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى %25 تۆۋەنلەتكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号