باش بەت

زورىگۈل

5741يوللانما
40مەستانە

ئەنگلىيەلىك ۋېلىسپىت ئوغرىسى ئاپتوموبىلدىكى ۋېلىسپىتنى ئوغرىلاش ئۈچۈن نەچچە ئون مېتىر يۈگۈردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-22 13:12 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 22-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 18-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھەر مەركىزىدە ئاپتوموبىلنىڭ مېڭىشنى خاتىرىلەش ئەسۋابى بىر ئەرنىڭ ئاپتوموبىل كەينىگە چىڭ باغلىۋېتىلگەن بىر مۇسابىقە ۋېلىسپىتىنى ئوغرىلىماقچى بولغانلىقىنى سىنغا ئېلىۋالغان. ئوغرىلاش نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن ۋېلىسپىتىگە مىنىپ ئاپتوموبىلنىڭ كەينىدىن قوغلىغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ۋېلىسپىتىگە قىيمىغانلىقتىن قوغلاشتىن ۋاز كەچكەن.

ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ مېڭىشنى خاتىرىلەش سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 14-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 3:24تە كۆۋرۈك يولى بۆلىكىدە بۆكلۈك چاپان كىيىۋالغان بىر ئەر ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئەگىشىپ ۋېلىسپىت مىنگەن، قىزىل چىراغدا ئاپتوموبىل توختىغاندا ئۇ ئەر ئاپتوموبىلنىڭ كەينىگە چىڭ باغلانغان مۇسابىقە ۋېلىسپىتىنى ئالماقچى بولغان، لېكىن ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىگە يېتىشەلمىگەن، قاتناش يېشىل چىرىغى يانغاندا ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە باشلىغان. لېكىن بۇ ئەر يەنىلا ۋاز كەچمەي، ۋېلىسپىتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ بىر تەرەپتىن ئاپتوموبىلغا ئەگىشىپ يۈگۈرگەن، يەنە بىر تەرەپتىن تېز سۈرئەتتە ۋېلىسپىتنىڭ مۇقىملاشتۇرۇلغان بېغىنى بوشاتقان. ئەڭ ئاخىرىدا ئاپتوموبىلغا قەتئىي يېتىشەلمىگەن ھەم ئۆزىنىڭ ۋېلىسپىتىنى كەينىدە قويۇپ كەلگەن بولغاچقا بۇ ئەر ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە ئاپتوموبىلنى قوغلاشتىن ۋاز كەچكەن.

ئاپتوموبىل ئىگىسى مۇسا شۇ چاغدا ۋېلىسپىت مۇسابىقىسىنى ئەمدىلا تۈگىتىپ ئۆيىگە قايتىۋاتاتتى، ئاپتوموبىلنى ئۇنىڭ قىز دوستى Chloe ھەيدىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسا ۋېلىسپىت مۇسابىقىسىدە تەخمىنەن 130 كىلومېتىر مۇساپىدە ۋېلىسپىت مىنگەن، ئۇ ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىپ ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغان. كۆۋرۈك يولى بۆلىكىدە قاتناش چىرىغى كۆپ بولغاچقا، ئۇلار كۆپ قېتىم مېڭىپ كۆپ قېتىم توختىغان، كۈتۈلمىگەن بۇ ئوغرىغا ياخشى پۇرسەت بولغان.

Chloeنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوغرى ئۇلارنىڭ كەينىدە ۋېلىسپىت مېنىپ كەلگەندىلا ئۇ بايقىغان، شۇ چاغدا ئۇ بۇ ئادەمنى بەك غەلىتە ھېس قىلغان، ئۇ ئاپتوموبىلغا بەك يېقىنلاشقان بولۇپ، ئاپتوموبىلنى تۇيۇقسىز تورمۇزلىسا ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ كېتىشتىنمۇ قورقمىغان. كېيىن ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ كەينىدىن ئاۋاز چىققانلىقىنى ئاڭلىغان، ئەينەكتىن قارىۋىدى، ئەسلىدە ھېلىقى ئەگەشكۈچى ۋېلىسپىت ئوغرىلاۋاتقانىكەن. Chloe ئىنكاس بىلدۈرمەستىنلا يېشىل چىراغ يانغان، ئوغرىنىڭ يەنىلا بولدى قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇ بىۋاسىتە سۈرئەتنى تېزلەتكەن. لېكىن ئوغرى يەنىلا ئۈمىدىنى ئۈزمەي يەنە بىر بۆلەك قوغلىغان.

ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن Chloe ئاپتوموبىلنىڭ مېڭىشىنى ئۆلچەش ئەسۋابىدىكى كۆرۈنۈشنى تەكشۈرۈپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ئۇنىڭچە، بۇ بىر ئالدىن پىلانلانغان ئوغرىلىق ئىكەن، ئۇ ئەر چوقۇم يوشۇرۇن كۆزىتىپ باققان، ئۇ يول بۆلىكىدە قاتناش چىرىغىنىڭ كۆپلىكىنى بىلگەندىن كېيىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قول سالغان. مۇسا سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگىلى ئۇنىمىغان، بۇ ۋېلىسپىتنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇمۇ كۆپ بەدەل تۆلىگەن. بۇنداق ئوغرىلىق ۋېلىسپىت مىنىشنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغان مۇسانى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. ئۇلار بۇ ۋىدىيونى كۆرگەندىن كېيىن بىرەرسىنىڭ ئوتتۇرىغا چقىپ ئۇ ئوغرىنى ئەيىبلىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئۇلار يەنە بۇ ئىشنىڭ باشقا ۋېلىسپىت مىنگۈچىلەر ۋە ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنى، بەك دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号