باش بەت

جۇشقۇنجان

3501يوللانما
4مەستانە

ئېلون ماسىك: يىل ئاخىرىدا Model S ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرسىز يۈرىشى ئەمەلگە ئاشىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-23 16:05 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 23-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېسلانىڭ Model S تىپلىق ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى بەلكىم سۈرەت ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى ۋە Autopilot ئىقتىدارى بولۇشى مۇمكىن. بىراق، تېسلا ئاپتوموبىللىرىنىڭ «Level 5 دەرىجىلىك شوپۇرسىز يۈرۈش ئىقتىدارى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يەنە خېلى ئارىلىق بار. تېسلا نۆۋەتتە بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا. ئەمەلىيەتتە، 4-ئايدا تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسىك TEDدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا تېسلا شىركىتىنىڭ بۇ يىل يىل ئاخىرىدا Model S ئاپتوموبىلنى نيۇيوركتىن لوس ئانجىلىسقىچە بولغان لىنىيەدە تولۇق شوپۇرسىز يۈرۈشنى (ھېچقانداق شوپۇر كونترول قىلمايدۇ) ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېلون ماسىك مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ يىل 11-ياكى 12-ئايلاردا شوپۇرسىز ئاپتوموبىلىمىزنى كالفورنىيەدىكى بىر ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن بىۋاسىتە شوپۇرسىز ھالەتتە نيۇيوركتىكى بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا ھەيدەپ ئاپىرىمىز، پۈتۈن مۇساپە جەريانىدا ھېچقانداق ئادەم ماشىنىنى كونترول قىلىشقا ئارىلاشمايدۇ». ئېلون ماسىك يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «سىناققا قاتناشقان Model S تىپلىق ئاپتوموبىل بەلگىلەنگەن مۇقىم لىنىيە بويىچە يۈرۈشى ناتايىن، ئەكسىچە Model S تىپلىق ئاپتوموبىل قاتناش توسۇلۇش ئەھۋاللىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن لىنىيەنى تەڭشەپ مېڭىشى مۇمكىن.

ئېلون ماسىك 5-ئاينىڭ 22-كۈنى مىكرو بلوگدا بۇ سىناقنىڭ يىل ئاخىرىدا بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号