باش بەت

نۇسرەتگۈل

7103يوللانما
216مەستانە

تويدىن كېيىن يولدىشىنىڭ ئەر ئەمەسلىكىنى بايقىغان ئايال سوتقا ئەرز قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-25 16:06 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭدىكى بىر ئايال توي قىلغاندىن كېيىن يولدىشىنىڭ ئەر كىشى ئەمەسلىكىنى بايقاپ، سوراش ئارقىلىق ئۇنىڭ قوش جىنسلىق ئادەم ئىكەنلىكىنى، كىملىك ئۇچۇرىغا جىنسىنى «ئەر» دەپ ئالدۇرغانلىقىنى بىلگەن. ئارقىدىن، بۇ ئايال سوتقا ئەرز قىلىپ نىكاھنى ئىناۋەتسىز قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بېيجىڭ خەيديەن سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قوبۇل قىلغان.

جاڭ خانىم 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ليۇ ئەپەندى بىلەن نىكاھ تىزىملاش ئورنىغا بېرىپ تىزىملاتقاندىن كېيىن توي قىلغان. بىراق، تويدىن كېيىن ئۇ يولدىشىدا ئەر كىشىگە خاس ئالامەتلەر يوقلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئالدىغانلىقى، ئىلگىرى كىملىكىگە «ئايال» دەپ يېزىلغانلىقىنى بىلگەن. 2016-يىلى 7-ئايدا ليۇ ئەپدىدىگە «قوش جىنسلىق» دەپ دىياگنوز قويۇلغان، 2016-يىلى 12-ئايدا بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئۇنىڭ كىملىك ئۇچۇرىدىكى جىنسىنى «ئەر»گە ئۆزگەرتكەن.

جاڭ خانىم سوتتا ئىككەيلەننىڭ ئەر-ئايال بولۇپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككەيلەننىڭ نىكاھىنى ئىناۋەتسىز قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 

نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوتلىنىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号