باش بەت

رۇشەن

2684يوللانما
113مەستانە

كوكا-كولا قانداق بولۇپ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىملىكىگە ئايلانغان؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-25 17:25 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، كوكا-كولا شىركىتى مۇنداق ئۈچ چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئىدى: 1929-يىلى، ۋال كوچىسى پاي چېكى باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپلا، ئامېرىكا ئىقتىسادى چوڭ كاساتچىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويدى؛ پېپسى كولا شىركىتى ۋە بۇ شىركەتنىڭ كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلاتى پېپسى كولا قەد كۆتۈردى؛ ھۆكۈمەت 1920-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ھاراقنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى، بۇلار كوكا-كولانىڭ سېتىلىشىغا ناھايىتى زور زەربە ئېلىپ كەلدى. مەلۇم بىر ئاخبارات ۋاستىسى بۇرۇن: «ھازىر كىشىلەر ھەقىقىي يەرلىك پىۋا ۋە ‹ھەقىقىي ئەركەك›لەرگە تەۋە ۋىسكىنى ئىچەلەيدىغان بولدى، كىممۇ يەنە ئاشۇنداق ‹ھاراقتەك كۈچى يوق گازلىق سۇ›نى ئىچسۇن؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق ھەم مۇقىم، يەنى كوكا-كولانىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ» دەپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. لېكىن ئەمەلىيەت شۇ بولدىكى، ھاراقنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كوكا-كولانىڭ سېتىلىش مىقدارىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئاز بولدى، چۈنكى كوكا-كولا ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلدى. شۇڭا كوكا-كولا ئىچىلىدىغان سورۇنلار ئەمەلىيەتتە داۋاملىق كېڭەيدى. بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كوكا-كولا ئاللىقاچان قەھۋەنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان بۇيۇمغا ئايلاندى. ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، كوكا-كولا كىشىلەر تەرىپىدىن ھاۋا رايى ۋە ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ھەممىگە مۇۋاپىق ئىچىملىك، گەرچە ناشتىلىقتا ئىستېمال قىلغان تەقدىردىمۇ چوڭ زىيىنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ-كىچىكلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ھاراق مەنئى قىلىنغان مەزگىللەردە، كوكا-كولا شىركىتىنىڭ مەشھۇر ئېلانچىكى ئېلدېر لىنۇلى كوكا-كولانىڭ گازلىق سۇ دۇكىنىدىكى سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدىغان بۇيۇم ئورنىدا بولۇش سۈپىتى بىلەن، كوكا-كولا كىشىلەرگە خۇشاللىق، دوستلۇق ئوبرازىنى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىشىلەرنى ئىقتىسادىي كاساتچىلىقتەك رەھىمسىز رېئاللىقتىن قاچىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بىلەن تەمىنلىدى. ئېلدېر لىنۇلى يەنە رادىئودىن ئىبارەت بۇ يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق كوكا-كولانى تەشۋىق قىلدى ھەمدە كوكا-كولانى نۇرغۇن كىنولار ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك مەيدانغا چىقاردى، بۇلار كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئىچىملىكنى رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە خۇشاللىق بىلەن باغلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. كوكا-كولانىڭ ئېلانى كىشىلەرگە ھەمىشە خۇشاللىققا تولغان ۋە غەم-ئەندىشىسىز دۇنيانى نامايان قىلىدىغان بولغاچقا، كوكا-كولا شىركىتى زور كاساتچىلىق مەزگىلىدىكى تىجارىتى يەنىلا روناق تاپتى.

شۇ چاغدا بىر مەبلەغ سېلىش تەھلىلچىسى بىر ئىشقا دىققەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەيلى ھاۋا قانچىلىك ناچار، رىقابەت قانچىلىك كەسكىن بولسۇن، ھەتتا بۈگۈنكىدەك زور ئىقتىسادىي كاساتچىلىق ئەھۋالىدا بولسۇن، كوكا-كولاغا بولغان ئېھتىياج يەنىلا كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا. بۇ خىل ياز كۈنلىرىدە ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغان ئىچىملىكنىڭ يەنە قىش كۈنلىرىدىمۇ يەنىلا چوڭ بازىرى بار. ئۇ ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرالىدى ھەمدە ئۆز ئالدىغا بىر سىستېما بولۇپ شەكىللەندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ كوففېئىن ئىستېمالىغا تۈرتكە بولدى. ئۇ ئاۋامغا ئەرزان باھالىق ھوزۇر ئاتا قىلدى، شۇڭا ھەتتا ئىقتىساد پەسكويغا چۈشۈپ قالغان مەزگىللەردىمۇ، كىشىلەر يەنىلا ئۇنىڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى».

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بەزى ئامىللار كوكا-كولانىڭ رەقىبى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان پېپسى كولانىڭ تەرەققىياتىدا مۇئەييەن تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. پېپسى كولانىڭ باشلىنىش تارىخىنى 1894-يىلىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىملىق ۋەيران بولۇشنى باشتىن كەچۈردى، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندە، ئۇ نىيۇيوركلۇق سودىگەر چارلېس گۇس تەرىپىدىن ئۆتكۈزىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ تەدرىجىي زورايدى ھەمدە كوكا-كولانىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى بولۇپ قالدى. چارلېس گۇس كەمپۈت ۋە گازلىق سۇ زەنجىرسىمان دۇكىنىنىڭ غوجايىنى بولۇپ، ئۇ باشقا دۇكان غوجايىنلىرىغا ئوخشاش كوكا-كولا سېتىشنى تاللىمىدى، بەلكى ۋەيران بولۇشقا دۇچ كەلگەن پېپسى كولا شىركىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۆزىنىڭ دۇكىنىدا پېپسى كولا سېتىشنى تاللىدى. چارلېس گۇس «6 ئۇنسىيەلىك كوكا-كولا 5 سېنتقا سېتىلغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئوخشاش باھادا 12 ئۇنسىيەلىك پېپسى كولا بىلەن تەمىنلەش»تەك مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ غەلىبىگە ئېرىشىشتەك مۇنداق بىر قارار چىقاردى. بۇ تەدبىردە زور مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى. چۈنكى كولانىڭ تەننەرخى ئاساسلىقى بوتۇلكىغا قاچىلاش ۋە توشۇش جەھەتتە كۆرۈلەتتى، شۇڭا ئىچىملىكنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئەمەلىيەتتە بەك كۆپ تەننەرخنى ئاشۇرۇۋەتمەيتتى، لېكىن بۇنداق قىلىنسا ئىنچىكە ھېسابات قىلىدىغان خېرىدارلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى رەقىب تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش مەسىلىسى (كوكا-كولا پېپسى كولا ئۈستىدىن تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلدى دەپ ئەرز قىلغان ئىدى) سەۋەبىدىن دەۋالاشتى، بۇ دەۋا نەچچە يىلغا سوزۇلۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىلا تەرەپ قاتتىق چارچاپ كەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا 1942-يىلىدا سوت سىرتىدا مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق بۇ ۋەقە بېسىقتۇردى. كوكا-كولا پېپسى كولا بىلەن تاۋار ماركىسى توغرىسىدا قايتا ھەپىلەشمەسلىككە قوشۇلدى، پېپسى كولا كوكا-كولانىڭ تاۋار ماركىسى بىلەن ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان قىزىل، ئاق ۋە كۆك ئارىلاشقان ماركا بەلگىسىنى تاللىدى. مۇرەسسەدە يەنە: «ئومۇمەن تەركىبىدە كوففېئىن بولغان قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسى ‹كولا› دېگەن سۆز بىلەن ئاتالسا بولىدۇ» دېيىلىدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ ئىككى شىركەت ئورتەق مەۋجۇت بولۇپ كەلدى ھەمدە ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ، ئورتاق مەنپەئەتلەندى، چۈنكى رىقابەتچىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كوكا-كولانىڭ چوقۇم توختىماي يېڭىلىق يارىتىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى؛ ھالبۇكى پېپسى كولانىڭ ماركېتىڭ ئىستراتېگىيەسى (كوكا-كولا بىلەن ئوخشاش باھادا مىقدارىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇپ سېتىش ئىستراتېگىيەسى)مۇ پەقەت كوكا-كولانىڭ بازار ئېچىشى ئاساسىدا ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر كىلاسسىك بولغان رىقابەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نەپكە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مىسال: كەسكىن رىقابەت ئىستېمالچىلارغا ناھايىتى زور نەپ ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەھسۇلاتنىڭ بازارلاردىكى ئېھتىياجى كېڭەيتىلىدۇ.

20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، كوكا-كولا شىركىتى مىسلىسىز قۇدرەت تاپتى. ئۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ قەلبىدىكى مىللىي كارخانا بولۇپ قالدى، شۇنداقلا پۈتۈن ئامېرىكىدىكى گازلىق يۇمشاق ئىچىملىكلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىن سېتىش سوممىسىنى ئىگىلىدى. كوكا-كولا بىرخىل كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ۋە سېتىلىدىغان مەھسۇلات، ئۇنى ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر توپىدا بايلارمۇ، نامراتلارمۇ بار. ۋىللىيام ئاللېن ۋايت پېنسىيىگە چىققان بىر مۇخبىر، ئۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ھەمدە داڭلىق جامائەت ئوبزورچىسى. ئۇ 1938-يىلى مۇنداق دەپ جاكارلىغان ئىدى: «كوكا-كولا ئامېرىكا دۆلەت روھى جەۋھىرىنىڭ سىمۋولى، ئۇ ھەقىقىي ماتېرىيالدىن ياسالغان، كەڭ تارقالغان ھەم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىدىغان تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمراھ». كوكا-كولا ئامېرىكىنى بويسۇندۇردى، ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرىدۇ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ كۈنسايىن كېڭىيىۋاتقان تەسىرىگە ئەگىشىپ پۈتۈن دۇنيانى قاپلايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号