باش بەت

ئىرادە

57يوللانما
0مەستانە

نېپالدىكى مېڭىگە سۇ يىغىلىش كېسىلىگە گىرىپتار تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقنىڭ ئاخىرقى 10 كۈنى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-05-28 16:50 16 ئىنكاس چۈشتى

 

يېقىندا، دانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى نېپالدىكى تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلدى. بۇ بىچارە بوۋاق مېڭىگە سۇ يىغىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. گەرچە بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ساقىيىش ئېھتىماللىقى بار بولسىمۇ، لېكىن شۇ جايدىكى دوختۇرلاردا بۇ كېسەللىكنى داۋالايدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر يوق ئىدى. مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇ تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ قىز بوۋاقنىڭ ھەتتا ئىسمىمۇ يوق بولۇپ، دوختۇرخانا خىزمەتچىلىرى بۇ قىز بوۋاققا گانى دەپ ئىسىم قويۇپ قويدى.

 

دانىيەلىك سودا مەسئۇلى سىسىلى بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، بۇ بىچارە بوۋاققا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يالغۇز نېپالدىكى دوختۇرخانا باردى.

 

رەسىمدە سىسىلى بالا بىلەن ئوينىماقتا. بۇرۇنقى دوختۇرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، گانى ئەزەلدىن باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان. لېكىن ئۇ كۆز ئالدىدىكى بۇ ناتونۇش كىشىدىن قىلچمۇ قورققاندەك قىلمايتتى.

 

رەسىمدە سىسىلى گانانى كاتماندۇ نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ كېسەل كۆرستىۋاتىدۇ. بۇ گانىنىڭ تۇنجى قېتىم سەپەرگە چىقىشى ئىدى.

 

 رەسىمدە گانى كاتماندۇ نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا. ئۇ دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى كۈتىۋاتىدۇ. مېڭىگە سۇ يىغىلىش كېسىلىنى داۋلاشىنىڭ خەۋپ–خەتىرى ناھايىتى چوڭ.

 

رەسىمدە دوختۇرلار گانىغا تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەكشۈرۈش گانىنىڭ چوڭ مېڭە ئېلېكتىر ئىمپۇلسنىڭ نورماللىقىدىن ئىبارەت خۇشخەۋەرنى ئېلىپ كەلدى.

 

رەسىمدە دوختۇرلار گانىغا X نۇر تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، گانىنىڭ باش سۆڭىكى زور تەسىرگە ئۇچرىغان. بىراق دوختۇرلار يەنىلا ئۇنىڭ باش سۆڭىكىنى ئېچىپ يىغىلىپ قالغان سۇنى چىقىرىۋېتىشى كېرەك .

 

رەسىمدە سىسىلى بىلەن گانى كاتماندۇ نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ئۇخلىماقتا. چۈنكى گانى ئەتە ئوپېراتسىيەگە چۈشىدۇ. سىسىلى قاراشتا ناھايىتى جىديلەشكەندەك قىلاتتى.

 

 رەسىمدە دوختۇرلار گانىنى ئوپېراتسىيە قىلماقتا. دوختۇرلار ئۇنىڭ بېشىدىكى سۇيۇقلۇقنى چىقىرىۋېتىش بىلەن بىرگە باش سۆڭىكىنى چېقىپ، نورمال ھالەتتە كەلتۈرۈشى كېرەك.

 

  ئوپېراتسىيەدىن كېيىن گانى قىزىشقا باشلىدى. گەرچە گانىنىڭ بېشىدىكى كۆپ قىسىم سۇيۇقلۇق چىقىرىلىپ بولغان بولسىمۇ، كېلەر ھەپتىدە ئۇ تېخىمۇ چوڭ ئوپېراتسىيىگە چۈشىشى كېرەك.

 

سىسىلى خىزمەت سەۋەبىدىن ئامالسىز دانىيەگە قايتىپ كەتتى. دانىيەگە قايتىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇ گانىنىڭ يۈرەك ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. گەرچە دوختۇرلار كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، گانى ئىلگىرى باشقىلار تەرپىدىن ياخشى كۈتۈلمىگەن ھەمدە بەك كېچىكىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاچقا، ئۇنىڭ تەن سالامەتلىكى يار بەرمىگەن ئىدى. سىسىلى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بەھرام10 ئاي ئىلگىرى

    تاز كاللا ئىسىملىك نۇرداش ۋە شەبنەم ئىسىملىك نۇرداش ،سىلە بىلەن ئالاقىلاشسام بۇلاتتى ،

  • بوۋاي10 ئاي ئىلگىرى

    تاغ ئوغلى قالتىس ........

  • تازكاللا10 ئاي ئىلگىرى

    利奈唑胺片دەپ بىر دۇرا بار.بۇ دۇرا شىنجاڭ ئىمپۇرىت دۇرىلارنى باشقۇرۇش مەركىزىدە بار ئىكەن باھاس تۆت مىڭ بەش يۈز يۈئەن ئەتراپىدا...ئۇن تال دۇرا....مۇشۇنى ئۈزۈلدۈرمەي ئۈچ ئاي يەپ بەرسە ساقىيىپ كىتىدۇ....بىر تال دۇرىنى سەككىز ئۇن كۈن بىرىسىز....بەك پايدا قىلىدۇ...دۇرا ساتىدىغان ئۇرۇن ئۈرۈمچى چاق چۇق بۇيۇملار بازىرى...تاۇزىچاڭ...ماي قاچىلاش پۇنكىتىنىڭ يۈز مىتىر ئەتراپىدا...ھە راس يەنە بىر گەپ بۇ دۇرىنى دۇختۇرنىڭ رىتسىپسىز ئالغىلى بۇلمايدىكەن....مۇشۇ كىسەل بىلەن داۋالىنىۋاتاقان قىرىنداشلار پايدىلىنىپ قىلىڭلا...دۇختۇرخانلاردا يۇق...ى

  • شەبنەم10 ئاي ئىلگىرى

    بەھرام نۇرداش قورساق بوشلۇقىغا نەيچە سېلىش ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى ،باشتىكى سۇنى بىراقلا تاتىپ چىقىرىشقا بولمايدۇ،باشتىكى سۇنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولسا تەسىرىمۇ چوڭ بۇلىدۇ ،يەنى بۇيۇن تۇتمايدۇ،ئاغزى تاتىدۇ،ماڭالمايدۇ،گەپ قىلالمايدۇ ،ئەمما يىنىك بولسا بەزى باللىلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىگە دەخلىسى بولمايدۇ،ئوتتۇرا دەرىجىدە بولسا داۋالاتسا ياخشىلنىش بۇلىدۇ ،ئەمما تىبابەتتە يۈز پىرسەنىت دەپ ئېيىتقىلى بولمايدۇ ،ئەگەشمىسى ئەلۋەتتە بۇلىدۇ ،بالىڭىزنىڭ باش ئايلانمىسىغا دىققەت قىلىڭ يوغىناپ كەتمىسە بەك قوقماڭ ،ئەگەر يوغىنۋالسا دوختۇرغا ئاپىرىڭ ،سايىلەشتۈتۈرۈپ تەكشۈرسە ئېنىق چىقىدۇ ،مىنىڭ بېشىمغا كىپ باقمىدى ئەمما بالىلار بۈلىمىگە كۆپ كىلەتتى ،مىڭە تاشقى بۈلۈمىگە يوللايتۇق ،چوڭراق دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا قۇربىتىڭىز يەتسە بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىمۇ ياخشى ،شارائىتى تۇلۇق

  • بەھرام10 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ ئوغلۇممۇ مۇشۇ كىسەل ئىدى ،3ئايلىق بولغاندا ئوپېراتسىيە قىلىپ بېشىدىن قورساق بوشلۇقىغا نەيچە قويغان ،ھازىر 9ئايلىق بولدى ،بېشى قايتا يوغىناپ كەتمىدى ،يا كىچىكلىمىدى ،مۇشۇ كىسەلنى ياخشى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان ئورۇننى بىلىدىغان ،نۇرداشلار بولسا خەۋىرىنى بەرگەن بولساڭلار ،ئەمدى قانداق داۋالىتىشنى بىلەلمەي بەكلا گاڭگىراپ قالدۇق ،رەھمەت

  • مەريەمگۇل10 ئاي ئىلگىرى

    شەبنەم پىكرىڭىزنى قوللايمە مىنڭ يەڭگەمنىڭ بالىسمۇ مۇشۇ قىزدەك كىسەلگە گىرپتار بۇلۇپ قالغان .شەبنەم نۇرداش دىگەن ئۇسۇل بىلەن داۋالاپ ساقايدى.ھازىرمۇ ئىنچىكە نەيچە مىڭە بىلەن قورساق ئىچىدە بار .مىڭىدىكى سۇنى ئلۋەتسە بولمايدىكەن.ھازىر شۇنداق ئۇماق چوڭ بولدى .چەتئەلدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تىخنىكىسى بىزنىڭ خوتەندىكى دوختۇخانىلاردىن تۇۋەنمىدۇ.

  • يۈز بېشى10 ئاي ئىلگىرى

    مېھىر مۇھەببەتنىڭ چىگرىسى يوق ئىكەنلىكىنى كۆرگەندەك ولدۇم

  • خوتەن ئوغلې10 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيا مېھېر مۇھەببەت بېلەن گۈزەل.

  • دادىل10 ئاي ئىلگىرى

    ئون يىلنىڭ ئالدىدا تېلىۋىزوردا ئىچكىردىكى بىر قىز مۇشۇ كىسەل بۇلۇپ داۋالاپ ساقايغانلىق خەۋىرىنى كۆرگەن.ئۇ قىز ئۈچ ياشلار ئەتراپىدىغۇ دەيمەن،تاشقى پىلانىت ئادىمى مىڭىپ يۈرگەندەك ئۆيدە مىڭىپ ئوينايدىكەنتۇق.ماۋۇ خەۋەردە دىيىلگەندەك ئالدى بىلەن سۇنى تارتقان،ئاندىن باش سۆڭىكىنى پارچە پارچە قىلىپ كىسىپ قۇراشتۇرغان.ساقايغاندىن كىيىن ئۇ قىزچاق شۇندا چىرايلىق بوپكىتىپتىكەن.

  • ئاقسۇ قىزى10 ئاي ئىلگىرى

    تاغ ئوغلى سىز بەك قالتىس سىزگە قايل بولماي تۇرالمايمەن،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号