باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10259يوللانما
780مەستانە

ئۆزىنى «تىتانىك»تىكى ھەقىقىي ئەر باش پېرسوناژ دەپ ئاتىۋالغان ئەر 300 مىليون دوللار تەلەپ قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-28 16:23 6 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىلاسسىك مۇھەببەت فىلىمى «تىتانىك ناملىق پاراخوت»نىڭ قويۇلغىنىغىمۇ 20 يىل بولغان. سابىق ناخشا خانىشى كېلىنې دىئونمۇ «ئامېرىكا ئېلان مۇزىكا بايرىمى»دا يەنە بىر قېتىم مۇشۇ كىنونىڭ باش ناخشىسىنى ئېيتىپ، ئاز بولمىغان كىنو مەستانىلىرىنىڭ ئەسلىمىسى قوزغاتقان. بىراق ئالدىنقى كۈنى بىر ئەر تۇيۇقسىز بۇ كىنونىڭ رېژىسسورى جەمېس كامېرون ئۈسىتىدىن ئەرز قىلىپ، ئۆزىنىڭ «جەك داۋسون» ئىكەنلىكىنى، قارشى تەرەپنىڭ ھېكايىسىنى ئوغرىلىدى دەپ قاراپ 300 مىليون دوللار ھەمدە كىنونىڭ %1 بېلەت كىرىمى تۆلەم تەلەپ قىلغان.

«TMZ»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ستەفېن كۇممىنگىس ئىسىملىك ئەر سوت مەھكىمىسىگە بىر پارچە ئەرز ھۆججىتى سۇنۇپ، ئۆزىنى «تىتانىك ناملىق پاراخوت»تىكى ئەر باش پېرسوناژ «جەك داۋسون»نىڭ ئەسلىسى ئىكەنلىكىنى، 1988-، 1989-يىللىرىدا، ئاغزاكى شەكىلدە رېژىسسور جەمېس كامېرونغا ئۆزىنىڭ ھاياتى ھېكايسىنى بايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى، كىنو قويۇلغاندىن كېيىن، جەمېسنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھېكايىسىنى ئۆز ئالدىغا خالىغانچە ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى دېگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، سىتەفېن كۇممىنگىس يەنە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ تىتانىك ناملىق پاراخوتقا چىققانلىقىنى، كېمە چۆكۈپ كېتىۋاتقاندا، ئەر-ئايال تۇغقىنىنىڭ ئەر تەرەپنىڭ قازا قىلىپ پەقەت ئايالنىڭ ھايات قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. گەرچە بۇ ھېكايە ئۇنىڭ ئۆز ئەمەلىيتىدە يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق سىتەفېن يەنىلا ئۆزىنى «جەك داۋسون»نىڭ ئەسلى نۇسخىسى دەپ قارىغان، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ جەك بىلەن زادى قانداق باغلىنىشى بارلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن.

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئاز بولمىغان تورداشلار بەس-بەستە سىتەفېن كۇممىنگىسنىڭ نېمە ئۈچۈن كىنو قويۇلۇپ 20 يىلدىن كېيىن ئاندىن ئەرز قىلغانلىقى توغرىسىدىكى گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ پۇل ئۈچۈن قالايمىقان جۆيلۈيدىغانلىقىنى يەنە كېلىپ بۇ كىنونىڭ ئەسلىدىنلا ھەقىقىي ۋەقەگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەنلىكىنى شۇ سەۋەبتىن ھېچقانداق ئەسەر ھوقۇقى ھەققىنى ھېچبىر كىشىگە بېرىشنىڭ زۆرۈريىتى يوقلۇقىنى، پەقەت شۇ ئىشقا چېتىشلىق كىشى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي جەك داۋسون ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە باشقىچە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قارغاي5 ئاي ئىلگىرى

    پۇل ئادەملەرنى ھەر كويغا سالىدۇ

  • ئەينەك5 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئەپەندىم بۇ كىنونى تېخى ئەمدى كۆرگەن ئوخشىمامدۇ قارىغاندا.

  • تۇلپار5 ئاي ئىلگىرى

    قىپقىزىل ساراڭمۇ بۇ 20يىل بولغاندا مەن باش رولچى دەپ

  • تاشاخون5 ئاي ئىلگىرى

    قارىغاندا جاھاندا مىڭىسىنىڭ سۈيى بار ئادەم ئاز ئەمەس ئوخشايدۇ

  • ئ‍ۆركەش5 ئاي ئىلگىرى

    سابىر سىز مەزمۇننى چۈشەنمەي قاپسىز ،

  • سابىر5 ئاي ئىلگىرى

    قىپقىزىل ساراڭكەنغۇ ، تىتانىكتىكى ھەقىقىي جىك بولسا بۇ تاپقىچە ئۈلۈپمۇ كەتكەندۇ ، ۋەقەدە ئامان قالغان ھالەتتىمۇ ، ساراڭ گۇيكىبۇ دىگەنبىلەن ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号