باش بەت

نۇسرەتگۈل

7731يوللانما
110مەستانە

مۈشۈكنىڭ تۈكى قىرقىۋېتىلگەندىن كېيىن ئەينەككە قارىغاندىكى ھەيرانلىقى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-05-29 12:37 17 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قىش ۋە ئەتىياز ئۆتۈپ كېتىپ ئىسسىق ياز پەسلى يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن چەتئەلدىكى بىر گەندە تازىلىغۇچى مۈشۈكىنىڭ تۈكىنى قىرقىۋېتىپ، ئۇنىڭ يازنى راھەت ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم قىلماقچى بولدى. بىراق، بۇ مۈشۈك تۈكى قىرقىۋېتىلگەندىن كېيىن يېڭى قىياپىتىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.

بۇ مۈشۈك ئەسلىدە ئەينەكنىڭ ئالدىغا سەكرەپ-تاقلاپ بارغانىدى. بىراق، ئەينەكتىن ئۆزىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈگىنىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

مۈشۈكنىڭ كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرغان ئىشىنەلمەسلىك ھېسسىياتى ئۇنىڭ قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. «ئەجىبا، مۇشۇ سەت مۈشۈك مەنمۇ؟» گەرچە، مۈشۈك قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىگىسى ئۆزىنىڭ ماھارىتىدىن ناھايىتى رازى بولدى.

مۈشۈك ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن تۇرۇپ ئۆزىنىڭ يۇڭلىرى قىرقىۋېتىلگەن بەدىنىگە تىكىلىپ قالدى. ئۇ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ بۇنداق قىياپەتكە كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

ئەمەلىيەتتە، بۇ مۈشۈكنىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى قىياپىتىگە بولغان ئىنكاسى ناھايىتى نورمال بىر ئىش. ئادەملەرمۇ چېچىنى ياساتقان ياكى چاچ پاسونىنى ئۆزگەرتكەندە مۇشۇ مۈشۈككە ئوخشاش قاتتىق ھەيران قالىدۇ. بىراق، مۈشۈكنىڭ تۈكى بەك تېز ئۆسىدىغان بولغاچقا ئۇمۇ ناھايىتى تېزلا ئەسلى قىياپىتىگە قايتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شۇمتەك4 ئاي ئىلگىرى

    ئەمما بەكلا كۈلۈپتىمەن ما رەسىمگە .....

  • ئابدۇللا5 ئاي ئىلگىرى

    خورازمۇ ئەينەك ئالدىغا كەلسە ھۈرپىيىپ كىتدىكە .كىچىك ۋاقتىمدا بىر خورزىم باتتى .بىكا قالسام يۇغان ئەينەكنى ئاچىقۋېلىپ ئالدىغا قۇيسام ئەينەككە قاراپ بۇيۇن تۈكلېرنى كۈپتۇرۇپ ھەيۋە قىپ كىتەتتى ھى ھى ھى .

  • tanhs5 ئاي ئىلگىرى

    بۇمۇشۇك مىنڭ چۇپۇرۇمنى چۇشۇر گىچە ئۆزىنىڭ كىنى چۇشۇر سە دەپ ئويلاۋاتىدۇ،

  • نۇر5 ئاي ئىلگىرى

    مەن بىر ماتىريالدا ئەينەكتىن ئۆز ئەكسىنى كۆرۈپ تونۇيالايدىغان بىردىنبىر ھايۋان شىمپەنزە دىگىننى ئوقىغانتىم، مامۈشۈك ئۆز ئەكسىنى تونۇپ قالغاندىمۇ يا

  • سابىر5 ئاي ئىلگىرى

    تۇرۇش قىياپىتى بەك ئۇماق چىقىپتۇ

  • ۋاپادار بۆرە5 ئاي ئىلگىرى

    قۇتىرىغان ئەجدىھا توغرا دەيسىز،دۇنيادىكى بارلىق مۈشۈكلەر سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكىگە ئوخشاش.

  • يىگانە5 ئاي ئىلگىرى

    نىمانداق ئوماق ھە بۇ

  • ھەدىيە5 ئاي ئىلگىرى

    نىمدا قىزىقارلىق ما مۈشۈكنىڭ چىراي ئىپادىسىى بەك ئوماق بوپ قاپتۇ كۈلۈپ تىلىقىپ قالاي دىدىم

  • پىنھانە5 ئاي ئىلگىرى

    ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق كۈلمىگى ……

  • ؟؟؟؟؟؟؟؟5 ئاي ئىلگىرى

    بۇ مۈشۈك مېنىڭ تۈكۈمنى قىرغۇچە ئۆزىنىڭ چۇپۇر باسقان يەلىرىنى قىرسىچۇ ؟ داۋاتقاندۇ ئىچىدە ئاچچىقى كىلىپ بەلكىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号