باش بەت

زورىگۈل

5770يوللانما
24مەستانە

تىرامپ «خاككېردىن قورقۇپ» ئاندىرويىد يانفوندا ئالاقە تورىغا چىقىشنى تاشلىدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-29 18:11 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2016-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا دونالد تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى، باشقا نامزاتلار بۇنداق قىلالمىدى ياكى قىلىشنى خالىمىدى. چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇرۇن تىرامپنىڭ سامسۇڭ Galaxy يانفونى ئىشلىتىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مەزمۇن يوللىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا كومپيۇتېر يوق ئىكەن.

ئىنتېرنېتتا تەكشۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈم قىلىنىشىچە، تىرامپ ئىشلەتكەن يانفون سامسۇڭ 2012-يىلى 5-ئايدا بازارغا سالغان Galaxy S3 بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ يانفوندا پەقەت كونا نەشردىكى ئاندىرويىد سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن، كونا نەشردىكى ئاندىرويىد سىستېمىسى بىخەتەر ئەمەس. خۇددى بىلوگ پىروگراممىسى «Reply All»دا كۆرسىتىلگەندەك خاككېرلار ھەممىلا يەردىن تاپقىلى بولىدىغان خاككېرلىق يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ كونا نەشردىكى ئاندىرويىد سىستېمىلىق يانفونغا ئاسانلا تاجاۋۇز قىلالايدىكەن ھەم يانفون ئىگىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

لېكىن تىرامپ ھازىر ئاندىرويىد يانفونىنى ئىشلەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ھېچبولمىغاندا ئۇ ئەمدى ئاندىرويىد يانفوندا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مەزمۇن يوللاشنى تاشلىدى. بۇ نۇقتىنى سىز ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا «ئاندىرويىد سىستېمىسىدا يوللانغان مەزمۇنلار» دەپ ئىزدەپ ئىسپاتلىيالايسىز.

تىرامپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ھېساباتىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى بىر دانە iPhoneدىن كەلگەن (ياكى ئۇ مەزكۇر ھېسابات نومۇرىنى ئۆزىنىڭ ئەترىدىتىكىلەر بىلەن بىللە ئىشلىتىۋاتقان بولسا كۆپ دانە iPhoneدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن). بۇنىمۇ «iPhone سىستېمىسىدا يوللانغان مەزمۇنلار» دەپ ئىزدەپ ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن كېيىن تىرامپ ئاندىرويىد تېلېفونىدا مەزمۇن يوللىمىدى.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا مەزمۇن يوللاپ، نەچچە مىليون ئەگەشكۈچىسىنى فوكس ئاخباراتى قانىلىدا «Justice with Judge Jeanine» دېگەن پىروگراممىنى كۆرۈشكە چاقىرغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • گۇيى3 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا نىسبەتەن يەنىلا ئاندىرويىد ياخشى

  • ئىھسان3 ئاي ئىلگىرى

    مەن دىگەن سىل قاندىقنى ئىشلىتىسلە بىر بىلىپ باقاي ئادەمدە يوق بىر نەسە بامىكىن دەيمە سىلدە ئۈزەڭلا كەشىپ قىلغان بولساڭلا بىزمۇ تۇتۇپ باقايلى سىل تۇتقاننى

  • MH-3703 ئاي ئىلگىرى

    ئاندىروئىد ئىشلەتمەي نىمە ئىشلەتسە بولىتتى ئەمسە ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە تاللاپ ئىشلىتىدۇغۇ

  • ئوسال3 ئاي ئىلگىرى

    توۋا دەپ قالدىم نىمە پەرقى ئۇ ئىككىسىنىڭ خالىغاننى ئىشلەتسە بولىدۇ ئاخماسلار

  • بەلەن3 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ ئادەمدە پۇل كەم ئەمەس قانداق تىلىفۇن ئىشلىتىمەن دىسە ئىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ ،، بىزنىڭ بەزى كىشىللىرىمىز ، يىلدا نەچچە تىلىفۇن ئالماشتۇررۇپ تۇرىدۇ ئىقتىدارى تەلىپىمىزنى قاندۇرالمىدى دەپ . قارىغاندا كاللا ئوچۇق بولسا ھەرقانداق تىلىفۇن ھاجىتىمىزدىن چىقىدىكەن . مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم.

  • مەن3 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ كەمدىمۇ ئاندىرويىد يانفونى ئىشلىتىدىغانلارغا ھەيرانمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号