باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

بىر يۈك ئاپتوموبىلىدىن ئاپتول ئېقىپ، 20 نەچچە ئادەم تېيىلىپ يىقىلىپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-30 11:34 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 30-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

28-ماي چۈشتىن كېيىن بىردىن ئاشقاندا، نەنجىڭ جياڭنىڭ رايونى خۇشى يولىدا يېرىم پېرىتسىپلىق بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئاپتولى تەخمىنەن 200 مېتىر ئارىلىققىچە ئېقىپ، توكسىكلىت مىنىپ ماڭغان كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ يىقىلىپ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

يېقىن ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ ئېيتىشىچە، چۈشتىن كېيىن شەندۇڭ نومۇر تاختىسىدىكى يېرىم پېرىتسىپلىق بىر يۈك ئاپتوموبىلى يولدىن ئۆتكەندە ئاپتول ئاققان، شوپۇر بىلگەندىن كېيىن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ قاراپ بېقىپلا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېتىپ قالغان. سۈرەتتە: كامېرا سىنغا ئېلىۋالغان يېرىم پېرىتسىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى ماڭغاندا ئاققان ئاپتول.

دېلو مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، شەندۇڭ قاتناش ساقچى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. ئەسكەرتىش بەلگىسى قويۇپ يولدىن ئۆتكەن شەھەر ئاھالىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. جياڭنىڭ تازىلاش ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يول يۈزىنى تازىلىغان.

يولدىكى ئاپتول سەۋەبلىك 20 نەچچە شەھەر ئاھالىسى تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشكەن.

جياڭنىڭ دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، يىقىلىپ ئېغىرراق يارىلانغان سەككىز شەھەر ئاھالىسى دوختۇرخانىغا كەلگەن.

يارىلانغان جاۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، شوپۇر ئاپتول ئاققانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن نەق مەيداندىن قاچماسلىقى، دېلو مەلۇم قىلىشى ھەم نەق مەيدانغا ئەسكەرتىش بەلگىسى قويۇشى كېرەك ئىكەن، مۇشۇنداق قىلغان بولسا بۇنداق ئاقىۋەت پەيدا بولمايدىكەن.

ھازىر شەندۇڭ قاتناش ساقچى ئوتتۇر ئەترىتى قېچىپ كەتكەن ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. سۈرەتتە جياڭنىڭ تازىلاش ئورنى يولنى تازىلىماقتا.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号