باش بەت

زورىگۈل

5740يوللانما
41مەستانە

زىمبابۋىدا ئالتۇن كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 8 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-30 14:26 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 30-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

زىمبابۋى ساقچىلىرىنىڭ 29-ماي ئېيتىشىچە، بۇ دۆلەتتە يېقىندا بىر ئالتۇن كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ كاندا ئىشلەۋاتقان سەككىز قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچى قازا قىلغان.

بۇ ئالتۇن كان ماشونالەند ئۆلكىسىنىڭ مازوۋى شەھىرىدە بولۇپ، پايتەخت خارارېدىن تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدۇ. زىمبابۋى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ساقچى باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، ۋەقە 22-ماي يېرىم كېچىدە يۈز بەرگەن، شۇ چاغدا توققۇز ئالتۇن قازغۇچى كاندا ئىشلەۋاتقان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى سەۋەبلىك كېتىپ قالغانلىقتىن قازادىن قۇتۇلغان.

ساقچى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئالتۇن كان ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن قانۇنسىز كان ئىكەن، سەككىز قازا قىلغۇچىمۇ قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچى ئىكەن. ساقچىلار ھازىر ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە قانۇنسىز ئالتۇن كانلارنى تەكشۈرۈش ۋە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىدىكەن.

قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش پائالىيەتلىرى زىمبابۋىدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان. نۇرغۇن ئادەم ياشاش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ بىخەتەرلىك تەدبىرى يوق قانۇنسىز ئالتۇن كانلارغا ئىشلەشكە كىرىدۇ، ئالتۇن كاننىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىدىن ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ قازا قىلىشى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号