باش بەت

RuHsar

634يوللانما
0مەستانە

ئامىرخان مىكرو بىلوگىدا جۇڭگودىكى قوللىغۇچىلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-31 12:53 13 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۈنۈگۈن (5-ئاينىڭ 30-كۈنى)، ھىندىستان فىلىمى «دانگال» دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلىقىدا قويۇلۇۋاتقىلى 26 كۈن بولغان بولۇپ، بېلەت كىرىمى 1 مىلياردلىق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتتى. لېكىن يەنىلا بېلەت كىرىمى بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى. كىنودا باش رول ئالغۇچى ئامىرخان مىكرو بىلوگدا جۇڭگودىكى بارلىق كىنو مەستانىلىرىغا ئىنگىلىزچە رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن دانگال بىلەن پۈتۈنلەي بىر گەۋدە، مەن جۇڭگو دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىياتى رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىغا، جۇڭگو كىنوچىلىق گۇرۇھى، خۇشيا كىنوچىلىقى، شۇنداقلا بارلىق كىنوخانىلارغا ھەمدە كىنونى قوللىغۇچىلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئەڭ مۇھىمى مەن بىزنى ھۆرمەتلىگەن بارلىق جۇڭگولۇق دوستلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. سىلەرنىڭ بۇ كىنوغا بولغان كەيپىياتىڭلار بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئۇتتى. سىلەرنىڭ ماختىشىڭلار بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئىللىتتى. كۆزلىرىمىزنى ياشلىدى. مەن ئىزچىل سەنئەت ۋە ئىجادىي كۈچنىڭ دۆلەت چېگراسى بولمايدىغىنىغا ئىشىنەتتىم. بۇ نۇقتىدىن سىلەر بىزگە بىر پارلاق ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭلار. كۆپچىلىككە رەھمەت، سىلەرنى سۆيۈپ ئامىردىن!»

ئامىرخاننىڭ دۆلىتىمىزدىكى مەستانىلىرىمۇ خېلىلا كۆپ. بۇندىن بۇرۇنقى دۆلىتىمىزدە بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان ھىندىستان فىلىمى ئامىرخان باش رول ئالغان «pk» ناملىق فىلىم ئىدى. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بېلەت كىرىمى 118 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، «دانگال» نىڭ ئۇنىڭدىن ئون ھەسسە يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتىشىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۇھەببەت3 ئاي ئىلگىرى

    ئ‍امىرخاننىڭ دانگال دىگەن كىنوسى ئ‍ەينەك دىتالدا بار ئ‍ىكەن ئ‍ۇيغۇرچىسى،بىراق بىر قىتىم كۆرۈش ھەققى بەش يۈەن ئ‍ىكەن…

  • دولقۇن ئەلى3 ئاي ئىلگىرى

    دوسلار فىلىمنى ئامىرخان ئىشلىدى ئەمما ئۇ فىلىمنىمۇ ئادەم يازغاندۇ،مۇشۇ فىلىم چىققاندىن بېرى بىرەر قېتىم بۇ فىلىمنى يازغان ئادەمنى ماختىغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم.
    فىلىم ئىشلەشكە تالانت كىتىدۇ،ئەمما يازغۇچى بولمىسا فىلىم ھەم چولپان بولمايدۇ.

  • مەستانە3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بوللىۋود كىنو تاماشىبىنى ، قارا قۇيۇق ھەممىنى كۆرىمەن ، ئەمما يېغلاپ كۈلۈپ ھاياجانلىنىپ تۈگىتىمەن ، كىنونىڭ ئىچىگە كىرىپ كۆرىمەن

  • قار لەيلىسى3 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخان تاغىمىزغىمۇ رەھمەت.بىزگە يەنە تېخىمۇ ياخشى كىنولارنى سۇنۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.ھەقىقىي چىن كۆڭلى بىلەن قىلغان ئىشنىڭ مېۋىسى ھامان ياخشى بولاتتى،نەچچە سائەتلىك كىنو ئۈچۈن شۇنچىۋالا بەدەل تۆلەپ ئىشلىگىنىدەك.ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ-دە.

  • ئۆندىدار كوت كوت3 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخان مۇ ئالما يەتتە پىلاس ئشلىتىدىكە مانا دانگال تىزاراق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنسا بۇلاتتى

  • كوك دىڭىز3 ئاي ئىلگىرى

    ئوف..بىر مىلىيارت ،ھىندىستان دولەت ئىچىدىن ئېشىپ كىتىپۇ.ھىندىستان دۆلەت ئچىدىكى بىلەت كىرىمى 54 مىلىيون دوللار ، ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى بىلەت كىرىمى 200 مىلىيون دوللار يىقلىشىپتۇ.

  • ئارىفە....☺3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بىر كۆرۈپ باقمىسام.ئۇيغۇرچىسى بامىدۇ

  • نامەلۇم3 ئاي ئىلگىرى

    ئامىر خان ئالما يەتتە ئىشلىتىدىكەن ھا ھا ھا

  • سەردار3 ئاي ئىلگىرى

    نەدىن كۆردىڭىز ، ئۇيغۇرچە چىقىپتىما

  • كەلگۈسى3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇيغۇرچىسى نەدە باركەن دەپ بەرسەڭلار، ئۇيغۇرچىنى كۆرىمەن دەپ ئۆز تىلىنى كۆرمىدىم،يەنە باخۇبالى مۇ بار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号