باش بەت

ئادىلجان

5972يوللانما
34مەستانە

Uber شوپۇرسىز ئاپتوموبىل تۈرىنىڭ مەسئۇلى لېۋاندوۋىسكى ئىشتىن بوشىتىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-31 18:19 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 31-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا Uber شىركەتنىڭ شوپۇرسىز ئاپتوموبىل تۈرىگە مەسئۇل بولغان ئانتونى لېۋاندوۋىسكى (Anthony Levandowski)نى ئىشتىن بوشاتقان، لېۋاندوۋىسكى Uberغا كىرىشتىن ئىلگىرى گۇگولنىڭ شوپۇرسىز ئاپتوموبىل تارمىقى Waymoدا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا Waymo تارمىقى Uberنى ئەرز قىلغان بولۇپ، Uber گۇگول Uberنىڭ خادىمى لېۋاندوۋىسكىنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن 14 مىڭ يۈرۈش ھۆججەتنى ئوغرىلاپ كەتتى دەپ ئەيىبلىگەن، بۇ ئوغرىلانغان ئۇچۇر Uberنىڭ شوپۇرسىز ئاپتوموبىل تېخنىكىسىنىڭ ئاساسى دەپ قارالغان. 

ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا Uber لېۋاندوۋىسكىنى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل تۈرىگە قاتناشتۇرمىغان. Waymoنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىتا Uber سوتتا ئىنكار قىلىپ، ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئۆزى مۇستەقىل ياساپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلىغان. لېۋاندوۋىسكىنىڭ توختامنى بىكار قىلىش خېتىدىن لېۋاندوۋىسكىنىڭ ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىقى ئىشتىن بوشىتىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىغىلى بولىدۇ. 

Uber ئىلگىرى لېۋاندوۋىسكىغا شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەكشۈرۈشكە ماسلىشىش قەرەلى بەرگەن، ئەمما ئۇ ئاخىرىدا مۆھلەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلدى. كېيىنكى قەدەمدە لېۋاندوۋىسكىغا خىزمەت دوكلات قىلىدىغان خىزمەتچىلەر بۇ تۈرنىڭ يېڭى مەسئۇلى ئېرىك مېيخوفېر (Eric Meyhofer)غا دوكلات قىلىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号