باش بەت

شەرىفە

800يوللانما
25مەستانە

100 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەتنى ئايغا ئېلىپ چىققان كېننىدى تۇغۇلغان

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-05-31 20:15 3 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىزنىڭ ھازىر ئاي شارىغا چىقىش ياكى باشقا ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشنى تاللىشىمىز بۇ ئىشلارنىڭ ئاسانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ رىقابەتكە تولغانلىقىدىندۇر.

جون فىتزگېرالد كېننىدىي (1917-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى — 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئامېرىكىنىڭ 35-قېتىملىق زۇڭتۇڭى، ئامېرىكا مەشھۇر كېننىدىي جەمەتى ئەزاسى، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ۋاقتى 1961-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى قەستكە ئۇچراپ ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر.

كېننىدى 1942-يىلى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ لېيتېنانتى ئىدى. 11946-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. 1960-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان. 43 ياشلىق بۇ ياش زۇڭتۇڭ 2016-يىلىغىچە ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياش زۇڭتۇڭ بولۇپ ھېسابلىنىپ كەلگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا تارىخىدىكى بىردىنبىر رىم كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، بىردىنبىر پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن زۇڭتۇڭ.

كېننىدىنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئۆزىگە خاس بولغان كۆز قاراشلىرى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئالەم ئىشلىرىنىمۇ ئالاھىدە قوللايتتى، ئەينى ۋاقىتلاردا سوۋىت ئىتتىپاقى ئالەم تەتقىقات ئىشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىمىز دەپ گەپ تارقىتىپ يۈرگەندە، كېننىدى 1961-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى پارلامېنىت يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «مەن دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ 10 يىل ئىچىدە ئالەم ئۇچقۇچىمىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئايغا چىقىرىپ قايتۇرۇپ ئەكىلىشتەك نىشاننى تاماملايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن، ھېچقانداق ئالەم ئىشلىرى تەتقىقاتى بۇ ئىشتەك كىشىنى ھاياجانغا سالالمايدۇ ھەم ھېچقانداق بىر ئالەم ئىشلىرى تەتقىقاتى بۇ ئىشتەك مۇھىم ئەمەس، ھېچقانداق بىر ئالەم ئىشلىرى تەتقىقاتى بۇ ئىشتەك رىقابەتكە تولغان ئەمەس».

كېيىن كېننىدى يەنە 1962-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى لەيس ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «باشقا دۆلەتلەردىن ئېشىپ كېتىشنى ئويلىمايدىغان بىر دۆلەت ئالەم بوشلۇقى رىقابىتىدە ئارقىدا قېلىشقا مەھكۇمدۇر» بىزنىڭ ھازىر ئاي شارىغا چىقىش ياكى باشقا ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشنى تاللىشىمىز بۇ ئىشلارنىڭ ئاسانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ رىقابەتكە تولغانلىقىدىندۇر.

نىكىتا خىرۇشېۋ بىلەن بولغان ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەتتە، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى تەننەرخنى بۆلۈشۈشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىگە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىدا مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈردىئامېرىكا يەر شارى ئوربىتىسىنى ئايلىنىدىغان بىر سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى، شۇنداقلا 25 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان ئاپوللو پىلانىنى پارلامېنت تەستىقىدىن ئۆتكۈزدى.

نىكىتا خىرۇشېۋ 1963-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغان، بىراق كېننىدى كېلىشىم ئەمەلگە ئېشىشتىن بۇرۇن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى كېننىدى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن 6 يىل كېيىن ئامېرىكىلىقلار ئاخىرى ئايغا چىقتى.

«بۇ مېنىڭ كىچىك بىر قەدىمىم، لېكىن ئىنسانىيەتنىڭ چوڭ بىر قەدىمى».

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • MARGAN2213 ئاي ئىلگىرى

    تازا قىززىق خەۋەرلەرنى يوللىمايسىلەرغۇ،مەسىلەن،ئاجايىپ غارايىپ ،ۋاھ دەپ دەپ كەتكۈدەك خەۋەر يوللىساڭلا بولاتتى،مەن نۇر تورىغا خۇمار بوپ قالدىم ،قەدەمدە بىر ئېچىپ تۇرىمەن.

  • بابۇر تەرەكتۇر3 ئاي ئىلگىرى

    مەن قايىل زۇڭتۇڭلارنىڭ سەرخىلى.

  • قۇترىغان ئەجدىھا.3 ئاي ئىلگىرى

    نۇر تورىدىكى جاپاكەشلەر مۇمكىن بولسا ئاي شارىنىڭ ئەڭ سۈزۈك ھەممە تەرەپلىرىدىن تارتىلغان رەسىمىنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلار.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号