باش بەت

RuHsar

634يوللانما
0مەستانە

دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق كىنو رېژىسسورى «دانگال» فىلىمگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-01 12:02 23 ئىنكاس چۈشتى

ھازىر ھىندىستان فىلىمى «دانگال» ھەققىدىكى ياخشى باھالار توختىماي كەلمەكتە. فېڭ شياۋگاڭ (دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق كىنو رېژىسسورى) بۇ كىنو ھەققىدە سۆز قىلىپ، بۇ كىنو جۇڭگوغا بىر مائارىپ خاراكتېرلىك دەرس ئۆتۈپ بەردى، دېگەن. بۇ نېمىدىگەن يۇقىرى باھا ھە!

كىنونى باھالاشتىن ئىلگىرى، بۇ ئامىرخاننىڭ بۇ كىنودىكى ئالاھىدە رولىنى كۆرۈپ باقايلى. «ئۈچ ئەخمەق» تىن تارتىپ «دانگال»غىچە ھەممىسى دېگۈدەك ھىندىستان خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ياڭرىتىپ كەلدى. بۇ خىل ئىدىيە ئۇنىڭ مۇشۇنداق نادىر ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولالىغان.

كىشىنى تېخىمۇ قايىل قىلىدىغىنى بولسا ئامىرخان مۇشۇ بىر فىلىم ئۈچۈن، ناھايىتى قاملاشقان مۇسكۇللۇق بىر ئەردىن، سەمىرىپ رېئاللىقتىكى ھەقىقىي بىر چوڭ دادىغا ئۆزگەرگەن. جۇڭگو فىلىملىرىدىكى ئالاھىدە ئۈنۈم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مۇشۇ نۇقتىدىنلا ئۇنىڭ ناھايىتىمۇ چوڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشقا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

كىنو ھەققىدە توختالغاندا، كىنو جەريانىدا، باشتىن-ئاخىرى ھەربىر ۋەقەلىك كۆرۈرۈمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىپ، ياشلىرىنى تاراملاپ ئاققۇزىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا سۆزلىنىۋاتقىنى ئاچچىق ھەقىقەت، شۇڭا ئادەمنىڭ دەل يۈرىكىگە تېگىدۇ.

كىنودىكى دادا دۆلىتى ئۈچۈن بىر ئالتۇن مېدال ئېلىپ بېرەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، بىر ئۆمۈر ھەسرەت چېكىدۇ. شۇ سەۋەبلىك قىزلىرىنى ناھايىتى قاتتىق قوللۇق بىلەن تەربىيلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىقتىكى بارلىق ۋاقىتلىرىنى ئىگەللىۋالىدۇ. بالىلىرى شۇ سەۋەبتىن دادىسىدىن ئاغرىنىدۇ.

لېكىن بۇ دادا ئۆزىنىڭ ئارمىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن سىرت، قىزلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ. ھىندىستاندا قىزلار 14 ياشقا كىرگەندىن كېينلا ياتلىق بولۇشقا تەييارلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمرى بالا تۇغۇش ۋە تۈگىمەس ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.

بۇ دادا قىزلىرى ئۈچۈن ئەتراپتىكى ھەممىسىگە قارشى چىقىدۇ. قىزلىرىنى ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولغان ھاياتتا ياشاتماقچى بولىدۇ. ھەربىر ۋەقەلىك شۇنچىلىك ئادەمنىڭ  يۈرىكىنى ئېزىدۇ.

نەتىجىدە چوڭ قىزى جىتا ئاخىرى ھىندىستان ئۈچۈن بىر ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرىدۇ. دادىسى ئاخىرى يۈرىكىدە ساقلىغىنىغا 10 يىل بولغان بىر سۆزنى قىلىدۇ. «سىز مېنىڭ پەخرىم !»

باش سۈرەت تاللاش x
  • باھار2 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىل كىنو ئىكەن ،بەك ياخشى ئىكەن ،ۋەقەلىكى بەكمۇ تەسىرلىك

  • خالىد2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كۆرك ئەپ دىتالىدا بار ھەقسىز.

  • گۈل3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىسى تۇر تىلىۋىزىيىەسىنىڭ تاللا قانىلىدا بار 5يۈەن ھەق ئېلىنىدىغان دا

  • نادىرە3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ كىنو تەرجىمە قىلىندىمۇ يا قىلىنمىغان بولسا تىزرەك قىلىنسا بولاتتى بىر كۆرگەن بولساق

  • ئايتېكىن3 ئاي ئىلگىرى

    بۈگۈن كۆرۈپ كەلدىم ،بەك قالتىس،چېلىشقان يەرلىرى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىكەن…

  • دىلاش3 ئاي ئىلگىرى

    باخونى ئەقلى قابىلىيتى 10ياش ئۆپچۇرىسىدە كىشى كۆرىدۇ ،

  • ۋېرونىكا3 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي نەدىن كۆرىمىز!قايسى تىلدا بولسا

  • مەستانە3 ئاي ئىلگىرى

    قەشقەر ژىگىتى ، ئامىرخاننىلا ھىندى ئەمەس دەپ تۇنۇيدىكەنسەن ، باشقىلىرىمۇ ھىندى ئەمەس بالام

  • ئەر قۇت3 ئاي ئىلگىرى

    باخۇ 2 بىلەت كىرىمى جەھەتتە بۆسىۋەتتى بۇ كىنونى

  • ئابدۇكىرەم3 ئاي ئىلگىرى

    بەك تەقەززا قىلۋەتتى ھېي قاچان تەرجىمە قىلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号