باش بەت

نۇسرەتگۈل

7790يوللانما
112مەستانە

دۇنيا ئىس-تۈتەكسىز كۈنى: تاماكا چەكمەيدىغان بىر ئەۋلاد يېتىشتۈرەيلى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-02 12:00 6 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا «تاماكا چەكمەيدىغان بىر ئەۋلاد يېتىشتۈرەيلى» تېمىسىدا تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزگەندە، ياش چولپانلار «تاماكا چەكسە ئاندىن نوچى كۆرۈنىدۇ» سەپسەتىسىگە رەددىيە بەردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بېرنارد: «خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان بىز تاماكا چەكسە نوچى كۆرۈنۈش، تېخىمۇ جەلپكار بولۇش توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ كەلدۇق. گەرچە تاماكا كارخانىلىرى بۇ توغرىسىدىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەپ ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق، ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى. تاماكا يېرىمىغا يېقىن ئىستېمالچىنى ھاياتىدىن ئايرىيدىغان قانۇنلۇق تاۋار. دۇنيادا ھەر يىلى 6 مىليون ئادەم تاماكا سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. پەقەت جۇڭگودىلا تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار سانى 1 مىليونغا يېتىدۇ» دېدى.

بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تاماكا چېكىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ناھايىتى مۇھىم. جۇڭگودا يېرىمىدىن كۆپرەك قورامىغا يەتكەن ئەر تاماكا چېكىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ياش-ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپ تاماكا چەككەن.

بېرنارد: «كىنو-فىلىم ۋە مودا مەدەنىيىتىدە تاماكىلار ناھايىتى ئېسىل ئورىلىپ جەلپ قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ. بىزنىڭ بالىلىرىمىز مۇشۇ چىرايلىق ئورالمىلارغا ئالدىنىپ قالىدۇ. تېخىمۇ چاتاق بولغان يېرى، ياشلار تاماكا چېكىش توغرىسىدىكى ئېلان ۋە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن تاماكىغا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ ئاشىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 4 ياش چولپان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزىگە خاس ئۇسۇل ئارقىلىق جۇڭگو ياشلىرىغا تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى بىلدۈرمەكچى بولدى. بۇ ئارتىسلار ۋاڭ جيا، گۈەن شياۋتوڭ، TFBoysنىڭ ئەزاسى يىياڭ چيەنشى ۋە كۆرۈش سەزگۈسى سەنئەتكارى چېن مەن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چېن مەن ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 چولپاننى ئىجادىيلىققا ئىگە سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق ئىس-تۈتەكسىز مۇھىتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولغان ئاكتىپ رولىنى تەشۋىق قىلدى، شۇنداقلا تاماكا چەكمەسلىكنى تاللاشنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى نامايان قىلىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 

بېرنارد: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ 4 چولپان بىلەن ھەمكارلاشقىنىدىن ناھايىتى خۇشال. ئۇلار ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ساغلام ۋە تاماكا چەكمەيدىغان بىر ئەۋلاد يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ. ئۆپكە راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، چىش سارغىيىش، ئېغىز بوشلۇقىدا غەيرىي پۇراق بولۇش ياكى تېرە بالدۇر قېرىش ھەرگىزمۇ نوچىلىقنىڭ ياكى مودىلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تاماكا چەككەن ئادەم ھەرگىزمۇ نوچى بولمايدۇ» دېدى.

2-ئىيۇن كەچتە «تاماكا چەكمەيدىغان كېيىنكى ئەۋلادلار» تېمىسىدىكى كۆرۈش سەزگۈ سەنئەت كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. 

جۇڭگودا ھازىر 315 مىليون تاماكا چەككۈچى بار بولۇپ، دۇنيا بويىچە تاماكا ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمالىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت، جۇڭگونىڭ تاماكا ئىستېمالى پۈتۈن دۇنيا تاماكا ئىستېمالىنىڭ يېرىمىغا يېقىن نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.

بېرناردا: «تاماكا ھەممىمىزنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. تاماكا تۇرمۇشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئازايتىۋېتىدۇ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېمەكلىك ۋە ساپ مۇھىتقا ئېرىشىشىگە توسالغۇ بولىدۇ» دېدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى دوكتۇر چېنفېڭ فۇجېن: «ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تاماكا چەكلەشكە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ جان ئالغۇچى بۇيۇملاردىن يىراق تۇرۇشى، سەھىيە ۋە باشقا ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا كىرىم يارىتىپ بېرىش، شۇنداقلا تاماكىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان مۇھىتنى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنىڭ كەلگۈسىنى قوغدىشى لازىم» دېدى.

تاماكا چەكمەيدىغانلارنى تاماكا ئىسى بىلەن ۋاستىلىك ھالدا ئۇچرىشىشتىن ساقلايدىغان ئۈنۈملۈك سىياسەت بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە شېنجېن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئومۇميۈزلۈك تاماكا چېكىشنى چەكلەش نىزامىنى يولغا قويۇشتۇر. بۇ بارلىق زال ئىچى ئاممىۋىي سورۇنلىرى، خىزمەت سورۇنلىرى ھەمدە ئاممىۋىي ئاپتوبۇسلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداق بولغاندا، تاماكا چەككۈچىلەر پەقەت سىرتلارغا چىققاندىلا تاماكا چېكەلەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئا،……5 ئاي ئىلگىرى

    زەھەر شۇنچە قىممەت تۇرۇپ يەنىلا چىكىدىغانلار تۇرسا

  • ساغلام5 ئاي ئىلگىرى

    راست دەيدۇ باھاسىنى ئۆستۈرسە بۇلىدۇ،ئاندىن ئىستىمال تۈۋەنلەردۇ

  • مارىيو5 ئاي ئىلگىرى

    مۇمكىن ئەمەسلام بىر ئىش دەڭلا بۇ

  • بىر بالا5 ئاي ئىلگىرى

    ھەي تاڭ جۇمۇ، باھاسى ئۈسۈپ كەتسىمۇ پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي ئەپ چىكەمىكى بەزەنلەر.

  • سەمى5 ئاي ئىلگىرى

    ئ‍ۇ چاغدا باڭبازا تىرپ چكدغانلا كۆپيپ كىتىدۇ

  • ھەسەنجان5 ئاي ئىلگىرى

    مەنچە تاماكىنىڭ باھاسىنى 10ھەسسە ئۆستۈرسە چېكىدىغانلار چۇقۇم ئازلايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号