باش بەت

Saharqi

117يوللانما
1مەستانە

گۇگول شوپۇرسىز ئاپتوموبىلنى تۇنجى ئېلان قىلغۇچىلىق ئەۋزەللىكىنى ئىسراپ قىلدىمۇ؟

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-02 13:15 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى پەن-تېخنىكىسى 2-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

گەرچە گۇگولنىڭ ئانا شىركىتى ئالفابېت ئەڭ دەسلەپتە شوپۇرسىز ماشىنىنى سىناق قىلغان شىركەت بولسىمۇ، بىراق تېخى يېقىندىلا بۇ شىركەتنىڭ شوپۇرسىز ماشىنىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرى سۇغا چىلاشتى. چۈنكى ئالفابېتنىڭ سودا تەرەققىيات پىلانى يوق، يەنە كېلىپ شوپۇرسىز ماشىنىنى بۇرۇن ئېلان قىلىش ئەۋزەللىكى ئەنئەنىۋىي ماشىنا شىركەتلىرى بىلەن كىرېمنىي جىلغىسىدىكى Uber قاتارلىق كارخانىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى. قارىماققا ئالفابېت يېڭىدىن «ئايغا چىقىش» تۈرىنى باشلىغاندەك قىلىدۇ.

بۇ ئىشتىن كېيىن ئالفابېت شىركىتى شىركەت تەرەققىياتى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشقا باشلىدى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئالفابېت شىركىتى ئۆزىنىڭ شوپۇرسىز ماشىنا بۆلۈمىنى Waymo دېگەن نامدا ئايرىپ مۇستەقىل گەۋدىگە ئايلاندۇردى. Waymo مۇشۇ ئايدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا ئىچىگە ھەرخىل تېخنىكىلىق قۇرۇلمىلار سەپلەنگەن يېڭىچە ساياھەت ماشىنىسىنى قۇراشتۇرۇشقا ھەم شوپۇرسىز تاكسى مۇلازىمىتىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى. Waymo يەنە ئەرز قىلىش جېڭىنىمۇ باشلىغان بولۇپ، Uber شىركىتى گۇگول ئىنژېنېرى ئانتونىي لېۋاندوۋسكى (Anthony Levandowski) قۇرغان شوپۇرسىز ماشىنا شىركىتىنى سېتىۋالغاندا Waymoنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان دەپ ئەرز سۇنغان. ئانتونىي ئىلگىرى گۇگول شىركىتىنىڭ شوپۇرسىز ماشىنا بۆلمىگە مەسئۇل ئىدى. Uber شىركىتى 30-ماي ئانتونىينى ئىشتىن بوشاتقان، ئىشتىن بوشىتىشنىڭ سەۋەبى ئۇ ئەينى چاغدا ئوغرىلىغان سودا مەخپىيەتلىك ھۆججەتلىرىنى سوتقا تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە Waymo شىركىتى ئۆزىنىڭ شوپۇرسىز ماشىنا ساھەسىدىكى بىر ئاساسلىق رىقابەتچىسىنى قابىل بىر ئادىمىدىن ئايرىۋەتتى.

بىر قانچە ئاي ئىلگىرى، تەقرىزچىلەر: «ئالفابېت شىركىتى ئۆزىنىڭ شوپۇرسىز ماشىنىنى ھەممىدىن بۇرۇن يولغا چىقىرىش ئەۋزەللىكىنى ئىسراپ قىلىۋەتتى» دېگەن. Waymo شىركىتىمۇ بىرنەچچە نەپەر ئېنژىنېرىدىن ئايرىلىپ قالغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەسلەپتە تېخنىكا بۆلمىگە مەسئۇل بولغان كىرىس ئۇرمسون (Chris Urmson) ۋە ئانتونىي تەكلىپ قىلغان بىرنەچچە نەپەر خادىممۇ بار. يەنە كېلىپ Waymo ھازىرغىچە پەقەت بىرلا ماشىنا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. ماشىنا شىركەتلىرى بىلەن نۇرغۇن باشقا شىركەتلەر ھازىر شوپۇرسىز ماشىنا ساھەسىگە يۈرۈش قىلىشقا باشلىدى. تېسلا شىركىتىمۇ زور كۈچ بىلەن Autopilot شوپۇرسىز ماشىنا تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ.


پەردە ئارقىسىدىكى تەرەققىيات

بىراق پەردە ئارقىسىدا Waymo ئۆزىنىڭ كۈچىنى زورايتىۋاتىدۇ، ھەم تېخنىكىغا نىسبەتەن ياخشىلاش قىلىۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ ئالفابېتنىڭ X تەجرىبىخانىسى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، بۇ بۆلۈم كۆپلەپ خىزمەتچى قوبۇل قىلغان، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىچىدە گۇگول شىركىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا بازارغا سالغان Terra Bella بۆلۈمىنىڭ بىرنەچچە نەپەر خىزمەتچىسىمۇ بار ئىكەن. Waymo يەنە يېڭى قاتتىق دېتال لايىھەلىگەن بولۇپ، بۇ دېتال ئارقىلىق ماشىنىلار ئەتراپتىكى مۇھىتنى تېخىمۇ ياخشى كۆزىتەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، Waymo يەنە ياپونىيە تويوتا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ يېڭى بىر ماشىنا ياساش ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، Waymo شىركىتى Uber شىركىتىنىڭ ماشىنا چاقىرىش مۇلازىمىتى بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى Lyft بىلەن ئامېرىكىدا ھەمكارلىق ئورناتقان.

Waymo شىركىتى Uberنى ئانتونىينى ئىشتىن بوشىتىشقا مەجبۇرلاپ، شىركەت ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنغانغا ئوخشاش، Uber شىركىتىمۇ Waymo شىركىتى بىلەن ئارىلىق ساقلاش ئارقىلىق ئۆز ئەھۋالىنى ياخشىلىماقتا. بۇ دېلوغا قاتناشمىغان كىرېمنىي جىلغىسى بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ئادۋوكاتى جىم پولىي (Jim Poole) مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى يولۇقىدىغان خەتەرنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت.»

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号