باش بەت

نۇسرەتگۈل

7737يوللانما
110مەستانە

7 يىلدىن بۇيان يېڭى كىيىم كىيىپ باقمىغان سېمىز ئانا جىددىي تۈردە ئورۇقلاشقا تۇتۇندى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-03 23:01 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى 3-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

6-ئاينىڭ 2-كۈنى شەندوڭلۇق لى خېڭخوڭ بىلەن ۋاڭ لىلى ئانا-بالا چاڭچۈندىكى بىر ئورۇقلىتىش ئورگىنىدا داۋالانغان. لى خېڭخوڭ، ۋاڭ لىلى ئانا-بالىنىڭ ئېغىرلىقىنى قوشقاندا 305 كىلوگرامغا يېتىدىغان بولۇپ، سېمىزلىك سەۋەبىدىن نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمىتى دەخلىگە ئۇچرىغان، توي قىلغىلى 2 يىل بولغان ۋاڭ لىلىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن بالىلىق بولالمىغان، ئانىسى لى خېڭخوڭنىڭ يېڭى كىيىم كىيىپ باقمىغىنىغا 7 يىل بولغان. لى خېڭخوڭ ئائىلە شارائىتى ناچار، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيادە سېمىز بولغاچقا مۇۋاپىق كەلگۈدەك كىيىم سېتىۋالالمىغانلىقىنى، ئۇچىسىدىكى كىيىمنى كىيىۋاتقىنىغا 7 يىل بولغانلىقىنى ئېيتقان.

زىيادە سېمىزلىك سەۋەبىدىن بۇ ئانا-بالا خىزمەتمۇ تاپالمىغان. ھازىر ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدى تىرىشىپ ئورۇقلاپ خىزمەت تېپىش ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش. چاڭچۈندىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئۇلار ئۇچرىغان دىشىۋارچىلىقلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن كىيىم ئىئانە قىلغان.

سۈرەتتە، ئانا-بالا تىكتەك توپ ئوينىماقتا. ئۇلار ئائىلىسىدە ئۆي ئىشى قىلغاندىن باشقا ئاساسەن ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ يىل 22 ياشلارغا كىرگەن ۋاڭ لىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 160 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۇ زىيادە سېمىز بولغانلىقتىن بىر نەچچە قېتىملىق ئۇچرىشىشتا مەغلۇب بولغان. كېيىن گەرچە توي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 2 يىلغىچە بالىلىق بولالماي كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولغان.

بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن لى خېڭخوڭنىڭ ئېغىرلىقى 145 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۇ زىيادە سەمىرىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان.

ۋاڭ لىلىنىڭ ئاغرىق سەزگۈچى نېرۋىلىرى زىيادە سەزگۈر بولۇپ، ھەر قېتىم يىڭنە بىلەن داۋالانغاندا ئۆزىگە كەلگەن بىر سىناق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

لى خېڭخوڭنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئوغلى بار بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى يولدىشى بىرلا ئادەمگە قاراشلىق بولغاچقا كۈنلىرى ئانچە باياشاتمۇ ئەمەس. ۋاڭ لىلىمۇ ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن چېكىنگەن بولغاچقا، لى خېڭخوڭ قىزىنى ئويلىسىلا قاتتىق ئازابلىنىدۇ. لى خېڭخوڭ تىرىشىپ ئورۇقلاپ خىزمەت تېپىپ، يولدىشىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئانا-بالا ئىككەيلەن يۇرتىدىكى ۋاقتىدا بازارغا بېرىشتىمۇ خېلى قىينىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ لىلى بىردەم ھەرىكەت قىلىپلا پۇتى ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن ئولتۇرۇۋالغان.

ۋاڭ لىلى كىچىك بالىغا ئامراق بولغاچقا باشقىلارنىڭ بالىسىنى كۆرسىلا ئۇلار بىلەن ئويناپ كېتىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号