باش بەت

زورىگۈل

5798يوللانما
24مەستانە

دۇنيانىڭ ئىسپىرت ئىستېمال مىقدارى تۆۋەنلىدى، پىۋا ئىستېمالى تېخىمۇ تۆۋەنلىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-05 12:00 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 5-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قانۇندا بەلگىلەنگەن ھاراق ئىستېمال قىلىش يېشىغا يەتكەنلەر بارغانسېرى كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن كەسپىي ساھەدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر دۇنيانىڭ ئىسپىرت ئىستېمال مىقدارى %1.3 تۆۋەنلەپ، ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %0.3دىن خېلى يۇقىرى بولغان. پىۋا ئىستېمالى %1.8 تۆۋەنلىگەن. ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى ئاران %0.6 بولغان.

ئەنگلىيە ھاراق ژۇرنىلى IWSRنىڭ تەھرىرى ئالىكساندېر سىمىس (Alexander Smith)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلانغانلىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىلەن ھاراق ئىستېمال قىلىش ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى ئويلاشقاندا بۇ تۆۋەنلەش ئادەمنى بەكرەك ھەيران قالدۇرىدىكەن.

مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش شۇكى، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار ئىستېمال مىقدارىنىڭ ئازلىشى بىۋاسىتە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، بۇلتۇر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پىۋا ئىستېمال دۆلىتى-جۇڭگونىڭ پىۋا سېتىش مىقدارى تۆۋەنلىگەن، ئىقتىساد ياخشى بولمىغانلىقتىن رۇسىيە ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق كونا پىۋا ئىستېمالى چوڭ دۆلەتلىرىدىمۇ مەنپىي ئېشىش كۆرۈلگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号