باش بەت

نۇسرەتگۈل

6529يوللانما
56مەستانە

«ئەرۋاھ» دەپ ئاتالغان ئاقىرىش كېسىلى گىرىپتارى مودېلغا ئايلاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-08 15:00 2 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربەن شەھىرىدە تۇرىدىغان نونتوبېكو (Nontobeko Mbuyazi) ئىىسملىك قىز بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تۇغما ئاقىرىش كېسىلى بولۇپ قالغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ جىنايەت پىسخولوگىيەسى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئاقىرىش كېسىلىنىڭ ئۆزىنىڭ روھىي-ھالىتىگە ناھايىتى زور ئەكس تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

بىراق، نۇرغۇن مودېللىق ئورگانلىرى ئاقىرىش كېسىلى بولۇپ قالغان بۇ قىزنىڭ گۈزەللىكىنى بايقاپ ئۇنى مودېل بولۇپ سۈرەتكە چۈشۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان.

نونتوبېكو ئاقىرىش كېسىلى سەۋەبلىك باشقا بالىلارغا ئوخشاش سىرتلارغا چىقىپ ئوينىيالمىغانلىقىنى، ئالاھىدە سىرتقى قىياپىتى سەۋەبلىك مودېل بولۇپ چۈشكەن سۈرەتلىرىنى تورغا يوللىغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى «ئەرۋاھ» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىراق، توردىكى ئەھۋال بىلەن قارىمۇ-قارشى ھالدا ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۇنى بوزەك قىلىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغانلار ناھايىتى ئاز.

ئىگىلىنىشىچە، ئاقىرىش كېسىلى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بەدىنى زىيادە ئاقىرىپ كەتكەن، ھەتتا قېشىمۇ ئاق رەڭگە كىرىپ قالغان، قۇياش نۇرىدىن دالدىلىنىش ئۈچۈن بالىلىق ۋاقىتلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆي ئىچىدە ئۆتكەن.

نونتوبېكو تورداشلارنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن ئېيتىلغان باھا سۆزلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىچكى دۇنياسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭمۇ يۇقىرىلاپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئۆزىنىڭ مودېللىققا چۈشكەن سۈرەتلىرىنى كۆرگەنلەرنىڭ ئاقىرىش كېسىلى بولۇپ قالغان كىشىلەردە ھەقىقەتەن باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان گۈزەللىك بارلىقىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئوغۇز3 ئاي ئىلگىرى

    مەن ئىشلەيدىغان يەنىڭ قېشىدا پات پات كۆرۈپ تۇرىمەن بىر ئاپپاق ئادىمنى ئۇ ئەركىشى خېلى ياش بولمىسا چېچىمۇ ئاق قېشىمۇ ئاق ساقال بۇرۇتلىرىمۇ ئاق توۋا جۇمۇ ئاشۇ ئادەمگە

  • كىتاپخۇمار3 ئاي ئىلگىرى

    باھالىغان ئۇستازلار چارچاپ كەتكەندۇ ياكى ھىسداشلىق قىلغاندۇ بۇ ئاق چاشقا.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号