باش بەت

kelly

1157يوللانما
22مەستانە

ئامىرخان «دانگال»دىكى قىزى بىلەن فىلىمدە ئەر-خوتۇننىڭ رولىنى ئالىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-08 22:35 72 ئىنكاس چۈشتى

فىلىم «دانگال»نىڭ باش رولچىلىرى ئاللىقاچان Thugs Of Hindostanنى ئىشلەشنى باشلىدى. ھازىر خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامىرخان ۋە فاتىمە سانا شەيىخ راكىش شارمانىڭ فىلىمى Saare Jahan Se Achchaدە رول ئالىدىكەن. خەۋەر مەنبەسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامىرخان فاتىمەنى فىلىمگە قوشۇشقا قارار قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئامىرخان ئادىتا چوپراغا فاتىمەنى Thugs Of Hindostanغا قوشۇشقا تەۋسىيە قىلغان ئىكەن. فاتىمەنىڭ كىنوغا تاللىنىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب دەل فاتىمە ئالىدىغان تۆۋەن فىلىم ھەققى ئىكەن. ئامىرخان فىلىم پايدىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن، فىلىمدە فاتىمە ئالماقچى بولغان رولنىڭ فىلىم ھەققى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئاساسەن ھەقسىز رولغا چىقىدىغان. فاتىمە ۋە ۋانى كاپورنى بۇ رولغا تاللانغان ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئارتىس بولۇپ، ۋانى ئادىتيانىڭ، فاتىمە ئامىرنىڭ تاللىشى ئىكەن. ئاخىرىدا ئامىر دېگىنىنى قىلغان. 

مەنبەنىڭ ئاشكارىلىشىچە، فاتىمەنىڭ Saare Jahan Se Achcha دە رول ئېلىشى بېكىتىلىپ بولدى، ئۇ فىلىمدە ئامىرخاننىڭ ئايالىنىڭ رولىنى ئالىدۇ.

«ئامىر <دانگال> تاماملانغاندىن كېيىن فاتىمەنىڭ چېچىنى ئۆستۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. فاتىمە Thugs Of Hindostanنى سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال بۇ فىلىمغا تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ.»

ئېنىقكى، ئەمدى بىز مەستانىلەرنىڭ ئامىرخاننىڭ فىلىمدىكى قىزى بىلەن رومانتىك رولغا چىقىشىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ساقلايمىز. لېكىن ئامىرخان مۇكەممەللىكنى قوغلاشقۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تاماشبىنلارغا بۇ ئىككى ئوبرازنى ئايرىتالايدىغان ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن. Saare Jahan Se Achcha بولسا Thugs Of Hindostanدىن كېيىن قويۇلىدۇ، يەنە كىلىپ ئامىرخان بىلەن فاتىمە Thugs Of Hindostanدا ئۈچ بۇرجەك مۇناسىۋەتنىڭ رولىنى ئالىدۇ، ئۇ ۋاقتىنچە تاماشىبىنلار «دانگال» نى ئۇنتۇپ ئامىرخان بىلەن فاتىمەنىڭ ئەر-خوتۇن رولغا چىقىشىغا ئاسان كۆنەلىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئامىرخاننىڭ فىلىم شىركىتى Saare Jahan Se Achchaنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىلىكىگە قاتناشتى. سەۋەبى شۇكى ئامىرخان فىلىم ئىشلەش جەريانىدا پۈتۈنلەي ئەركىن بولۇشنى تەلەپ قىلغان. 


   


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئاققۇ2 ئاي ئىلگىرى

    ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئۇفف،،،،،،،،،،،،،،،

  • بىراۋ3 ئاي ئىلگىرى

    ئەزەلدىن ھېندىستان كىنولىرى بىلەن خوشام يوقتى، بىراق ئامىرخاننىڭ كىنولىرى بۇ قارىشىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى.مېنىڭچە ئامىرخاننىڭ كىنولىرى ئىچىدە «چۈپەي» ئىشلەنگەنلىرى يوق. بىربىرىدىن ئېسىل.

  • چىكىت3 ئاي ئىلگىرى

    كىنودا رولغا چىقىرىدىغان بولسا مەنمۇ ئانچە كۆپ پۇل دېمەيتتىم، ھى ھى

  • 7313 ئاي ئىلگىرى

    مەستانە


    سىز دىگەن گەپكە مەن بىر چۈشەنچە بىرەي
    رىقابەت بار يەردە مۇۋاپىقىيەت بار

  • 7313 ئاي ئىلگىرى

    مىھمان توغرا گەپ قىلدىڭىز راسلا سىز دىگەندەك بولدۇ

  • تۇرسۇنخان3 ئاي ئىلگىرى

    بوللىۋوتتا ھەر گىگانت ئايال چولپانلار بولغىنى بىلەن قايسىبىرسى نەچچە كىلو سەمىرىپ نەچچە ئاي قاتتىق چېنىقىپ يۈرۈپ بىرە كىنونى ئىشلەپ باققان دەيسىلە،گۈزەل نازىنىن قىزنىڭ رولىغا چىقىدۇ شۇ ھەممىسى،،دانگالنى ئىشلەش جەريانلىرىنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقساڭلار كىنودىكى ئىككى قىزغا ئىچىڭلا سىيرىلىپ كېتىدۇ، ئۇ كىنوغا ھەقىقەتەن بارلىقىنى ئاتىۋەتتى دېيىشكە بولىدۇ،، قايسى كۈنىدىكى خەۋەردە بۇ كىنودىكى سىنارىيە فىلىمدە ئىككى ئايال رولچى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىرى باتۇر، قەيسەر ھىندىستان قىزى، ئۇ ئامىرخاننىڭ باندىت گۇرۇپپىسىغا تەۋە، ئۇ ئامىرخاننى ياخشى كۆرىدۇ. يەنە بىر رول بولسا گۈزەل ئەنگلىيەلىك قىز، ئامىرخان ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. فاتىمە ھىندىستانلىق قىزنىڭ رولىنى، كاترىنا ئەنگلىيەلىك قىزنىڭ رولىنى ئالىدۇ» دېيىلگەن.
    بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ كىنونىڭ رېژىسسورى ۋىجاي كرىشنا ( يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ ئىجادچىسى، نىڭ رېژىسسورى) فاتىمە توغرىسىدا: «فاتىمەنىڭ رولى فىلىم ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق ئارتىس تېپىش تولىمۇ زۆرۈر. قىيىن يۈزتۇرانە ئىمتىھان ۋە قاتتىق سىناقلاردىن كېيىن بىز فاتىمەنى تاپتۇق. ئۇ كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ئىنتايىن تالانتلىق ئارتىس. بىز فىلىمىمىز ئۈچۈن مۇكەممەل قىزنى تاپقانلىقىمىز ئۈچۈن خۇشال». دېگەن.

  • رەيھانگۇل3 ئاي ئىلگىرى

    خەۋەرنى ئەستايىدىل ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ئا قىزبالا تۆۋەن ھەق بىلەن بۇ رولنى ئالدىكەن شۇڭلاشقا تاللاپتۇ. تالانتىنى دەپ ئەمەس پۇلنى دەپ تاللاپتۇ. ئەمدى بىر قىزىقىقۋاتاتتىم بۇ ئامىرغا نەزىرىمدىن سەل چۇشۇپ كەتتى.

  • مەستانە3 ئاي ئىلگىرى

    ئامىرخان كۇچىكىنىڭ ئىسمىنى شاھرۇھ قۇيۇپ ھازىر شاھرۇھ مىنىڭ پۇتىمنى يالاۋاتىدۇ دەپ تورغا يوللاپ ھىندىستاندا
    خىلى زور غۇلغۇلا قۇزغىغان مۇشۇممۇ بىر ئىنساننىڭ قىلىدىغا
    ئىش ما ئامىرخانىڭ قان مەستانىللىرى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    ؟؟

  • مەن3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە چوقوم ئامىرخان بوللىۋود تا ھەر گىگانت ئايال
    چولپانلار تۇرسا ئۇكىچىك قىزبىلەن ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى
    بولمىسىا ئۇ كىچىك قىزغا بۇرولنى ئىلىش پۇرسىتى كىلەمتى تەھرىلەر ئوتكەندە سىلەر خەۋەر قىلغان
    بوللىۋود تا قىززىق تۇختىغا ئايلانغا چولپان بىلەن كىچىك قىزنىڭ ئاشنىدارچىكىقى مۇناسىۋىتى ئاشكارلىنىپ كەتتى ئۇكىم ئۇكىم خەۋەرنى بەرگەن بولساڭلار

  • كارۋان3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي قېرىنداشلار بۇدىگەن كىنو ئەمەلىيەت ئەمەس بەزەڭلار تېخى بىرەر ئېتوتمۇ ئىشلەپ باقماي تېخى دۇنيا ئېتراپ قىلغان چولپانلارنى ئېتراپ قىلماي دىكەنسىلە تېخى ئۆزەڭلارچە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号