باش بەت

bahar031

276يوللانما
1مەستانە

گۇاڭشىلىق ئەر ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى ئۆڭكۈرگە تاشلىۋەتتى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-09 10:29 1 ئىنكاس چۈشتى

 

بۇ يىل 2-ئاپرېل لەيبىن شەھىرىدە، ئادەم ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى پارچىلىۋېتىشتەك قەبىھ قاتىللىق دېلوسى يۈز بەرگەن. ساقچىلار 2 ئاي رازۋېدكا قىلىپ جىنايەت گۇماندارىنى بىرمىدا قولغا چۈشۈرگەن. 8-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، لەيبىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دېلونى رازۋېدكا قىلىش جەريانىنى ئاشكارىلىغان. 

بۇ يىل 8-ئاپرېل، چېنxx نىڭ ئۆيىدىكىلىرى لەيبىن شەھىرى چېڭبېي ساقچىخانىسىغا كېلىپ چېنxx نىڭ يوقاپ كەتكىنىگە بىر ھەپتىگە يېقىن بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ تولىمۇ ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، ج خ ئورگىنىنىڭ ياردەم قىلىپ تېپىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار شەھەر رايونىدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چېنxx نىڭ يولدىشى ۋېيxx ماشىنا ھەيدەپ تۆمۈر يول ئولتۇراق رايونىدىكى ئىجارە ئۆيىگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بىرەيلەننىڭ ۋېي xx نىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئائىلە ئېلىكتىر سايمىنى سېتىۋالغانلىقىنى بايقىغان، سائەت 11:54 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆي كۆچۈش شىركىتىنىڭ ماشىنىسى ۋېيxx نىڭ ئۆيىدىكى ئۆي سايمانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆچۈرۈپ كەتكەن، كېيىن ۋېيxx مۇ يوقاپ كەتكەن. 

ساقچىلار ئانالىز قىلىپ چېنxx نىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى بىلەن شىڭبىن تارماق ئىدارىسىنىڭ قانۇن دوختۇرى ۋە تېخنىك خادىمى دەرھال ۋېيxx نىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغان ئىجارە ئۆيىنى تەكشۈرۈپ، ئۆينىڭ ئاللىقاچان تازىلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان. تېخنىك خادىم ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئىجارە ئۆينىڭ تازىلىق ئۆيىدىكى تۆمۈر سۇ تۇرۇبىسىنىڭ ئاستىدىن، شەرق تەرەپتىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئارقىسىدىن، شەرق تەرەپتىكى تامنىڭ 2 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يېرىدىن گۇمانلىق قان دېغىنى بايقىغان. تېخنىكىلىق سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، مەزكۇر قان دېغىنىڭ چېن xx نىڭ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. 

جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى جەن دېگۇەن چېنxx زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، يەنە كېلىپ جىنايەت گۇماندارى ۋېيxx جەسەتنى پارچىلاپ تاشلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ، جىنايەت گۇماندارى ۋېيxx نىڭ 3-ئاپرېل سەھەردىكى ماشىنىلىق يۈرۈش لىنيىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكى ساقچىلاردىن جىنايەت گۇماندارى ۋېيxx نىڭ يۇرتى چياۋگۇڭ بازىرى شۈيتۇ كەنتىنىڭ ئەتراپىدىن جەسەتنى ئىزدەشنى تەلەپ قىلغان. 

مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۇدا بىر ئايدىن كۆپرەك تىرىشىپ، 2017-يىل 11-مايدا شىڭبىن رايونى چياۋگۇڭ بازىرى شۈيتۇ كەنتى مەلۇم تاغ باغرىدىكى 30 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئۆڭكۈردىن تۆت خالتىغا قاچىلانغان، ئېغىر دەرىجىدە چىرىگەن ئايال جەسەت ۋە قان دېغى بار قىڭراقنى تاپقان.    

2 ئايغا يېقىن جاپالىق رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، 2017-يىل 31-ماي سائەت 17 دە، يۈننەن ئۆلكىسى پۇئېر شەھىرى مېڭليەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى بىرما ۋا ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى ئاستىدا، لەيبىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېدكا قىلغان «2-ئاپرېل» ئادەم ئۆلتۈرۈپ جەسەتنى پارچىلىۋېتىش دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى ۋېيxx نى بىرمىنىڭ ۋا ئۆلكىسى مەنشياڭ كان رايونىدا قولغا چۈشۈرۈپ دېلونى ئوڭۇشلۇق پاش قىلغان. جىنايەت گۇماندارى ۋېيxx نىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئايالى چېنxx ئادەتتە پۇل تىكىشىپ ماجياڭ ئويناشقا ئامراق بولۇپ، ئىككىيلەن داۋاملىق مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن سوقۇشىدىكەن. كېيىن ۋېيxx ئايالىنىڭ يېڭى ئىجارە ئالغان ئۆيىدە ئەرلەرنىڭ بىر قىسىم نەرسىلىرىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئايالىنى ئاشنىسى بار دەپ گۇمان قىلغان. دېلو يۈز بەرگەن كۈنى، ۋېيxx ئايالىنى تاپقاندىن كېيىن ئىككىيلەن بىللە تۆمۈر يول ئولتۇراق رايونىدىكى ئىجارە ئۆيگە قايتىپ كەلگەن. ۋېيxx ئايالىدىن ئاشىنىسى باي-يوقلىقىنى سورىغاندا، ئايالى يوقلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقلانغان ۋېيxx قىڭراق بىلەن ئايالىنى چاناپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، جەسەتنى پارچىلاپ، ئوغۇت خالتىسىغا قاچىلاپ، يۇرتى چياۋگۇڭ بازىرىدىكى ئۆڭكۈرگە تاشلىۋەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چىن سۇيگۇ3 ئاي ئىلگىرى

    ۋەششى مەخلۇقكەنغۇ بۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号