باش بەت

ئابلىمىت

273يوللانما
0مەستانە

جىنەندىكى ئىمتىھان نۇقتىسىدا مىليون يۈەنلىك ھەشەمەتلىك ماشىنىلار پەيدا بولدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-06-09 12:49 0 ئىنكاس چۈشتى

 

2017-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرى، ئۆلكىلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسى ئالدىدا 7 مۇسابىقە ئاپتوموبىلىدىن تەركىب تاپقان ھەشەمەتلىك ماشىنا ئەترىتى پەيدا بولغان بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىگە «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، ئىمتاھان نۇقتىسىغا توشۇش» بەلگىسى ئېسىلغان ئىدى.

 ھەر بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ قىممىتى بىر مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئويۇن كىيىمى كىيىۋالغان ئەر ماشىنىنىڭ يېنىدا ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتاتتى. ھەشەمەتلىك ماشىنا ئەترىتى ئىمتىھان نۇقتىسى دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاممىۋى قاتناش يولىغا توختىتىلغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى جەلپ قىلغان بولۇپ، بۇ يول بۆلىكىنىڭ قاتناش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزگەن.

 ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى بۇ ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال ئالدىغا بېرىپ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى كېتىشكە دەۋەت قىلغان. ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ئەترىتى يول بويىدا 3 مىنۇت توختاپلا ساقچىنىڭ دەۋىتى بىلەن كېتىپ قالغان. 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号