باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

ئاشنا تېپىۋالغان 70 ياشلىق بوۋاينىڭ 37 ياشلىق قىز دوستى بېغىشىنى كېسىۋالدى

مەنبە:گۇاڭمىڭ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-09 18:24 10 ئىنكاس چۈشتى

نۇرلۇق تورى 9-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

8-ئىيۇن چۈشتە ياڭجوۋ شەھىرى چۈجياڭدۇ يولىدا 37 ياشلىق بىر ئايال كەيپىياتى تۇراقسىزلاشقانلىقتىن كوچىدىلا بېغىشىنى كېسىۋالغانلىقتىن توختىماي قان چىقتى. ئاندىن 120 ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزدى...ھاياتى خەتەردىن قۇتۇلدى. مۇخبىر دوختۇرخانىغا بارغاندا بۇ ئايالنىڭ ئەس-ھوشى جايىدا بولۇپ، كارىۋاتتا يېتىپ ئوكۇل سالدۇرۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ سول قولىنىڭ بېغىشىدا تەخمىنەن 4 سانتىمېتىر كېلىدىغان يارا ئېغىزى بار بولۇپ، گۆش بىلەن قاننى پەرقلەندۈرگىلى بولمايتتى.

دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايالنىڭ يارا ئېغىزى چوڭقۇرراق بولۇپ، قانمۇ كۆپرەك چىقىپ كەتكەن، لېكىن دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئەكەلگەنلىكتىن ھازىر ھاياتى خەتەردىن قۇرۇلغان. لېكىن بېغىشىنىڭ پېيى ئۈزۈلۈپ كەتكەن. دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نېرۋىلار زەخملەنسە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا بىر قىسىم تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ ئايال شىئەنلىك، 37 ياش، ياڭجوۋدا ئۇزاق يىل ئىشلىگەن. 2004-يىلى ئۆزىدىن 33 ياش چوڭ يىگىتى بىلەن تونۇشقان، مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن ئىكەن. 2015-يىلى 6-ئايدا ئۇ يىگىتىنىڭ ئاشنىسى بارلىقىنى بىلىپ قالغان، ئىككى تەرەپ پىكىرلەشكەندىن كېيىن يىگىتى ئۇنىڭغا تۆلەم بېرىشكە ۋەدە قىلغان ھەم 700 مىڭلىق قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن. كۈتۈلمىگەندە ۋەقەدىن كېيىن قارشى تەرەپ يۈز ئۆرۈپ تۆلەم بېرىشنى رەت قىلىپ ھازىرغىچە بەرمىگەن.

8-ئىيۇن ئۇ ئاشنا تۇتۇۋالغان يىگىتىدىن يەنە قەرز سۈيلەپ ئالالمىغانلىقتىن مۇشۇنداق ئەسەبىيلەشكەن. 

بېغىشىنى كېسىشتىكى سەۋەب: يىگىتىمگە ئون نەچچە يىللىق ھېسسياتىمنى ئاتا قىلسام نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلە ئۇچرايمەن دەپ قاراپ قەتئىي چىداپ تۇرالمىغان.

ھازىر ئايالنىڭ كەيپىياتى ئاساسەن تۇراقلاشتى، ئىچكىرىلەپ داۋالىنىۋاتىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • دىلبەر دل1 كۈن ئىلگىرى

    بىر قىرىغا جاننى سىلىپ بىرشكە ئەرزىمدۇ

  • قىسمەت5 ئاي ئىلگىرى

    يىگىت قېرىسا قىز ئالا قىز قېرىسا كىم

  • كۆلەڭگە5 ئاي ئىلگىرى

    جۇمباق دىگەن قازاقچە تىپىشماق دىگەن گەپ .

  • لۈكچەك5 ئاي ئىلگىرى

    ئىسىت 30يىلنىڭزى ئۆتكەن بويتاق ئۆمرۈم

  • ŞAŞ5 ئاي ئىلگىرى

    قىرى بۇزۇقنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكەن ئايال ئەلەمگە چىدىماي نىرۋا جەھەتتە زەخمىگە ئۇچراپتۇ.لەۋزىدە تۇرماي ئۆكتەملىك قىلىدىغان نامەرت كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزىنى نابۇت قىلىشنىڭ ئورۇنسىز ئىش ئىكەنلىگىنى ئويلىماپتۇ. مەرتلىك جەھەتتە ياشتا چوڭلار ئۆلگە بولۇش كىرەكتى، ئىشلار ئەكسىچە بولىۋاتىدۇ.

  • ئابدۇقەييۇمجان5 ئاي ئىلگىرى

    مانا بۇ مۇھەببەت ھەقىقى مۇھەببەت ئاھ،مۇھەببەت ،ئاھ مۇھەببەت ،ئاشىق بۇلۇپ قالدىم ساڭا مۇھەببەت

  • كۆكلەم5 ئاي ئىلگىرى

    ئۇ قېرىمۇ شاش كەن، ئىككى ئاشنىسى باكەن ئەمەسمۇ،؟!
    ياشلا خىزمەت خىزمەت دەپ ئالدىراشچىلىق، ماۋۇ قېرى خىلى شاشكەن 10يىلدىن بۇيان ئىككى خۇتۇننى پىقىرتىپ ،گولداپ يۈرۈپتۇ، كونىسنى شاگاڭ قىپتۇ تېخى،!

  • نۇرلۇق(بارسىلونا)5 ئاي ئىلگىرى

    ئۇ يىگىتنىڭ ئاشنىسى بار ئىكەن دەيدىيا 70ياشقا كىرسىمۇ

  • سۇلتانىم5 ئاي ئىلگىرى

    ھەۋەس نۇرداش جۇمباق دىگەن نىمە دىگەن گەپ؟ غەلىتىلا گەپ قىلىدىكەنسىز .

  • ھەۋەس5 ئاي ئىلگىرى

    ئادەم جىق يەردە كىسىۋالسام قۇتۇلدۇرۋالىدۇ دەپ ئويلاپتۇ دە بۇ جۇمباق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号