باش بەت

نۇسرەتگۈل

7737يوللانما
110مەستانە

بايۋەتچە سىنىپ باشلىقى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە قىز ساۋاقداشلىرىنى ئالاھىدە مېھمان قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-10 16:09 4 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

6-ئاينىڭ 7-كۈنى خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەرقىي رايونىدىكى بىر ئاشخانىدا مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى يىغىلىپ تاماق يېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىغىلىشنى سىنىپ باشلىقى شياۋتيەن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان 4 يىللىق مېھرى-مۇھەببىتىنى خاتىرىلىمەكچى بولغان.

شياۋتيەن سىنىپىدا قىز ئوقۇغۇچى كۆپ، ئوغۇل ئوقۇغۇچى ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى، قىزلار راكنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا ئوغۇل ساۋاقداشلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلمايلا قىز ساۋاقداشلىرىنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ساۋاقداشلىرىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن شياۋتيەن يەنە روللس رويس، بېنىتلىي، بېنىز، ئاۋدى قاتارلىق بىر نەچچە ئېسىل ماشىنا ئېلىپ كېلىپ، ساۋاقداشلىرىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرۇۋەتكەن.

ساۋاقداش شياۋيۈ: «سىنىپ باشلىقىمىز ئادەتتە پىخسىقراق ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە بىزنى بۇنچە خۇشال قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمىز» دېگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىلھام09995 ئاي ئىلگىرى

    پۇلنى قانداق خەچلەشنى بىلدىكەن،
    ئۇغۇل ساۋاقداشلىرى ئاز بولغاچقا بۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن بىرە ئوغۇل ساۋاقدىشى يوق ئوخشايدۇ، ئۇغۇللارنىڭ تونۇشلىرى جىق بولغان بىلەن، ھەقىقى ئاغىندارچىلىق قىلدىغان جانجىگەر ئاغىنىسى يوق بولدۇ، بولسىمۇ ئارانلا بىر ياكى ئىككى بولىدۇ،

  • قارلۇق5 ئاي ئىلگىرى

    ساۋاقداش دىگەن ئورتاقلىق ئۈستىدە بولىدىغان مۇھەببەت بۇ سولتەك يانىلا پىخسىقلىقىنى قىپتو ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم جىقيەپكىتەمۇ دەپتىدە

  • سودىگەر5 ئاي ئىلگىرى

    ئوغول ساۋاقداشلىرىنى چاقاماي ،، قىزلا ئالدىدا ئۆزنى يالغۇز ئاقسالىق قىلغان سولتەك

  • ھاشىم گەدەن5 ئاي ئىلگىرى

    ھۇي قىزلا ما سەل چاتاقتەك تۇردۇ پەخەس بۇلۇڭلا ئادەم بكالا مەردلشىپ كەتمەيدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号