باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8901يوللانما
444مەستانە

تايلاند داڭلىق ئەر چولپىنى گىرېيت ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن راھىب بولدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-11 12:31 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تايلاند سىئام كۈندىلىك گېزىتى ئورگان مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئىيۇن سائەت 12:30 دا تايلاند ئەر چولپىنى گىرېيت ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن راھىب بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىش، بۇددا دىنىنى مەدھىيەلەش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ باققان ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرماقچى بولغان.

راھىب مۇراسىمىدا، گىرېيت ئاتا-ئانىسىغا تىزلىنىپ تەزىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويدى. ئۇنىڭ دېيىشچە، ئۇ راھىب بولغاندىن كېيىن، بۇددا دىنى ئەھكاملىرىنى تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمغا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش دېگەندەك ئىشلاردا تېگىشلىك تۆھپىسنى قوشىدىكەن. گىرېيت تايلاندتىكى داڭلىق چولپان، مودېل بولۇپ، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «سىرلىق رازۋېدچىك تېز يەتكۈزگۈچى» (神探速递)، «مۇھەببەت ئوتى» (爱火)، «رەزىل ئەتىرگۈل مۇھەببىتى» (恶玫瑰之恋)، «تەقدىرگە پۈتۈلگەن مۇھەببەت» (注定的爱情)، «كاتتا مۆتىۋەر: ئارخېئولوگ قەلبى » (名门绅士之考古劫心) «خىجىلچان قىز» (害羞的女孩) قاتارلىقلار بار. ئۇ راڭسىت ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتىېتىنى پۈتتۈرگەن، دادىسى ساقچى، ئۆينىڭ 2-بالىسى.

گىرېيت دادىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى.

ئانا ئوغلىنى سۆيۈپ قويدى.

گىرېيت كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزماقتا.

بۇ ئۇنىڭ ئىلگىرى ئاپىسى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى.

تاراتقۇلارنىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 32 ياشلىق تايلاند ئەر چولپىنى گىرېيت ۋارىنتورىن سۇمباتلىق قامىتى ۋە كېلىشكەنلىكى شۇنداقلا 1.83 مېتىرلىق بويى بىلەن مودېل كەسپىدىن كىنو-تېلېۋىزىيە چەمبىرىكىگە يۈرۈش قىلغان. ئۇ «كاتتا مۆتىۋەر» (名门绅士) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىپ بىراقلا نام قازانغان. ئۇ دائىم دېگۈدەك زومىگەر لىدېرنىڭ رولىنى ئالغاچقا، زور تۈركۈمدىكى قىز مەستانىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن سەۋدايى بولغان. ئۇ يەنە 2015-يىلدىكى «ئەڭ قۇچاقلىغۇسى كېلىدىغان ئەر سەنئەتكار» شەرىپىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئالتۇن دۇكىنى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا، دائىم دېگۈدەك مەستانىلەر بۇ جايغا توپلىشىۋالىدۇ. بىراق ئويلىمىغان يەردىن، ئالدىنقى كۈنى بۇلاڭچىلىق دېلوسى يۈز بەرگەن بولۇپ، تېخىمۇ يامىنى بولسا، بۇلاڭچى گىرېيتنىڭ جۇغى كىچىك ئاپىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.

ئالتۇن بۇيۇمى دۇكىنىغا كۆزەتكۈ ئورنىتىلغان بولۇپ، پۈتكۈل جەرياننى سۈرەتكە تارتىۋالغان. بىر ئەر ئۇچىسىغا قىسقا يەڭلىك مايكىنى كىيىپ دۇكانغا كىرگەن بولۇپ، يالغاندىن ئالتۇننى سىناپ تاقىماقچى بولۇپ، يەرگە چۈشۈرۋېتىپ، ئېڭىشىپ ئالىدىغان چاغدا، سومكىنى ئالماشتۇرۇپ قېچىپ كەتمەكچى بولغان. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى گىرېيت ئاپىسىنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ۋىدىيودا ئايال ئەرنىڭ يېنىغا كېلىپ سوئال سورىغان ھەمدە بىۋاستىلا ئەرنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ، پۇتى بىلەن تېپىپ قارشى تەرەپنى يەرگە يېقىتقان. گەرچە ئەر قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئايال ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپلا پۇكەيگە باغلاپ قويغان، ئارقىدىن چارلاش ساقچىلىرىنى چاقىرىغان.

گىرېيتنىڭ ئىلگىرىكى سۈرەتلىرى.

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • نېمە ئۈچۈن3 ئاي ئىلگىرى

    ساراڭ ئادەملەر بار ىكەن جۇمۇ.قانداق قېلغىنى بۇ ، كالۋا گۇي

  • خۇشاللىقىم3 ئاي ئىلگىرى

    ئاپىسى سۈيۈپ قۇيۇۋاتامدۇ ياكى قۇلىقىغا پىچىرلاپ ئەگەر راھىپلىقتىن ۋاز كىچىپ كەسپىڭنى قىلمىسساڭ ……………دەپ قۇلىدا كىچىك قايچىمۇ بىر نەرسە تۇردىيا

  • ئۇز سۇلتان3 ئاي ئىلگىرى

    مەن كۆرۈپتىكەممەن بۇئادەمنىڭ كىنولىرنى راھىب بولمىسا ۋاپادارلىق كۆرسەتكىلى بولمامدىكىنە،،،،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号