باش بەت

ئادىلجان

5986يوللانما
34مەستانە

ئارقا كوزۇپتا بۇ نەرسە بولمىسا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ ئۈچ نومۇر تارتىلىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-11 21:31 15 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 11-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياز پەسلى يېتىپ كېلىپ ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىشقا باشلىدى، شۇڭا ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم. ھاۋا قۇرغاق ياز پەسلىدە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن قاتناش ساقچى تارماقلىرى ماشىنىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ، مەسىلەن: ماشىنا ئىچىگە چوقۇم قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسى، ئۈچ پۇتلۇق ئەسكەرتمە تاختا قاتارلىق ئاساسلىق بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش لازىم. ئەگەر تەكشۈرۈشتە بۇ نەرسىلەرنىڭ يوقلۇقى بايقالسا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە نومۇر تارتىلىدۇ. 

تۈنۈگۈن ماشىنا ھەيدەپ تۆت كوچا ئېغىزىدا توختىغان ۋاقىتتا، ساقچى كېلىپ دائىملىق تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پۈتۈن ماشىنىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن 100 يۈەن جەرىمانە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، سەۋەبىنى سورىسام قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسى سەپلەنمىگەن دېدى.

ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. «جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى»دا «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىغا چوقۇم لازىملىق قۇتقۇزۇش قوراللىرى، نۇر قايتۇرىدىغان كاشىلىلاردىن ئەسكەرتمە بېرىش تاختىسى قاتارلىقلارنى سەپلەش لازىم، موتسىكلىت قاتارلىق شارائىتنى ھازىرلىمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا» دەپ بەلگىلەنگەنىكەن. 

ئۇنىڭ 62-ماددىسىدا يەنە «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ شوپۇرلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ياكى باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى مەخسۇس يولىدا يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلسا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. «ماتورلۇق قاتناش پىراۋىلىرىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش قائىدىسى»دە «يولدا ماشىنىلاردا كاشىلا ياكى ھادىسە كۆرۈلگەندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا چىراي ۋە ئەسكەرتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمىگەنلەرنىڭ پىراۋىسىدىن 3 نومۇر تارتىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. 

ئۈچ پۇتلۇق ئەسكەرتىش تاختىسىنى قويۇشنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا قائىدىسى بار، ئادەتتىكى يولدا ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن 50~150 مېتىر يىراقلىققا قويۇلىدۇ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ماشىنىنىڭ  ئارقىسىغا 150 مېتىردىن يىراق بولغان ئورۇنغا قويۇلىدۇ؛ ئەگەر يامغۇرلۇق ياكى تۇمانلىق ھاۋارايىدا 200 مېتىرلىق سىرتىغا قويۇلىدۇ. كېچىدە قويغان ۋاقىتتا يول ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىمىدىكى ئارىلىققا 100 مېتىر قوشۇلىدۇ، ئەلۋەتتە قوش چاقناش چىرىغىمۇ ياندۇرۇلىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • تۇرانبەگ3 ئاي ئىلگىرى

    قۇتقۇزۇش ئۈسكىنىسى دىگىنىمىز ،ئۆت ئۆچۈرۈش تۇڭى ،ئۈچ بورجەكلەك ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى،ئەينەك چاقىدىغان بولقا دىگەندەكلەر شۇ

  • چۇچكۇ3 ئاي ئىلگىرى

    پىلاستىز دۇرلۇق پىلاستىر داكا يۇد تازلاش سۇيۇقلىقى لۇڭگە

  • چۇچكۇ3 ئاي ئىلگىرى

    داكا لۇڭگە يۇد پاختا تازلاش سۇيۇقلىقى پىلاستىر قول چىراق دۇرلۇق پىلاستىر

  • ئۇقۇتقۇچى3 ئاي ئىلگىرى

    قۇتقۇزۇش ئۇسكۇنىسنى ھىچكىم بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ دۇرا ساندۇقىمۇيا

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنسىدىكەن ماشىنىنى چاق ئالماشتۇرغاندا ئشلىتىدىغان سايمانلار

  • مەستانە3 ئاي ئىلگىرى

    ئۈچ بۇرجەك جازا ، ئوت ئۈچۈرگۈچ

  • ئەلى3 ئاي ئىلگىرى

    قۇتقۇزۇش ئۇسكۇنىسى دىگىنىمىز ئۇ بىر خىل نىقاپ بۇلۇپ ئۇنىڭ بۇرنى قىسمىدا ھاۋا تازلىغۇچى قۇتا ئورنىتىلغان ئۇ ئۇسكۇننى خۇۋالىڭ بازېرىدا ساتېدۇ

  • بودەك3 ئاي ئىلگىرى

    ئوت ئۆچۈرگۈچ،ئۈچبۇرجەك ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى•ئەينەك چاقىدىغان بولقا•

  • ئىسمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ دەيدا3 ئاي ئىلگىرى

    ماشىنىغا ئوكىسىگىن تۇڭى سىلۋالامدۇق ياكى ھېلقى تىلۋوزۇرلارلاردا چىقىدىغان مەيدىسىگە ياقىدىغان دەزمالدىن ئىككىنى سېلۋالامدۇق؟نىمە ئۇ قۇتقۇزۇش ئۈسكىنىسى دىگەن،،ياكى ئەۋلىيا ئەزەم سۈن مايمۇننىڭ تۈكىدىن سېلۋالساق بىرەر خەتەرگە ئۇچىرىغاندا كۈيدۈرسەكلا كىلەمدۇ دىگەندەكچۇ

  • بوۋاي3 ئاي ئىلگىرى

    ئوت ئۈچۈرگۈچ ، ئۈچ بولۇڭ جازا دىگەن قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسى دىيىلدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号