باش بەت

kelly

1473يوللانما
65مەستانە

قارا گۇرۇھنىڭ ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان بوللىۋود چولپانلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-11 22:25 31 ئىنكاس چۈشتى

ئامىتاب باچچان

2010-يىلى ئامىتاب باچچان نامەلۇم كىشىنىڭ ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىلىق دېلو مەلۇم قىلغان. نامەلۇم كىشى توردا ئامىتاب باچچاننى پۇل بېرىشكە قىستىغان، بولمىسا ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆلتۈرىۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامىتاب باچچان باشتا بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان بولۇپ، لېكىن يانفونىغا ئەۋەتىلگەن تەھدىت ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن تەشۋىشلىنىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان. 

ئامىر خان

ئامىر خان تېلېۋىزىيە پروگراممىسى  Satyamev Jayateنى ئىشلىگەندىن كېيىن كۆپ قېتىم ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان. بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئۇ 100 مىليون رۇپىيە خەجلەپ بومبا پارتلاشتىن ساقلىنىدىغان ماشىنا Mercedes-Benz S600نى سېتىۋالغان.

شاھرۇھ خان

شاھرۇھ خان «يېڭى يىلغا مۇبارەك»نى ئىشلەۋاتقاندا فىلىم سۈرەت ئېلىش مەيدانىدا قارا گۇرۇھ كاتتىبىشى راۋى پۇجارىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. راۋى پۇجارى شاھرۇھ خاننى ئاكا-ئۇكا فىلىم ئىشلىگۈچى ئەلى ۋە كەرىم مورانى بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا تەھدىت سالغان. شاھرۇھ خانلا ئەمەس، سونۇ سوئود ۋە بومان ئىرانىلارمۇ تەھدىتكە ئۇچرىغان.

ئاكشاي كۇمار

2013-يىلى، ئاكشاي كۇمارمۇ قارا گۇرۇھ كاتتىبىشى راۋى پۇجارىنىڭ ئۆلۈم تەھدىت تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

كانگانا رانۇت

كانگانا رانۇتنىڭ ھەدىسى رانگولى 2007-يىلى كىسلاتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھەتتا كانگانا رانۇتمۇ ساقچىلارغا ھەدىسىگە كىسلاتا چاچقان كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ تەھدىت سالغانلىقى توغرۇلۇق دېلو مەلۇم قىلغان.

كاران جوھار

كاران جوھار بۇلتۇر نامەلۇم نومۇردىن ئۆلۈم تەھدىتى تاپشۇرۇپ ئالغان، بۇنىڭ بىلەن كاران ئامانلىق خىزمىتىنى كۈچەيتكەن. ئىلگىرى قارا گۇرۇھ كاتتبىشى ئابۇ سەلىم كاران جوھارغا «بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ»نى قويۇشنى توختىتىشىنى بولمىسا ئۆلتۈرىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان.

سۋرا باشكار 

يېقىندا بەزىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا سۋارا باشكارغا تەھدىت سالغان. 

مالايكا شېراۋات

مالايكا شېراۋات ئۆزىنىڭ بانۋارى دېۋىغا ئاساسەن كىنو ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

ئايشە تاكىيا

2011-يىلى قارا گۇرۇھ ئايېشە تاكىيا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆلۈم تەھدىتى سېلىپ تېلېفون قىلغان.

ساجىد نادىيادۋالا

ئېجاز لاكداۋالا بومبايدىكى ئەڭ چوڭ قارا گۇرۇھ كاتتبىاشلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قول ئاسىتىدىكلەر بىر قېتىم فىلىم ئىشلىگۈچى ساجىد نادىيادۋالانىڭ ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنىڭغا پۇل بەر دەپ تەھدىت سالغان.

ۋىۋىك ئوبېروي

2011-يىلى ۋىۋىك ئوبىروي ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى توغرۇلۇق ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان.

راجىۋ راي

رېژىسسور 1997-يىلى ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ھىندىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە 2011-يىلى قايتىپ كەلگەن.

رام گوپال شارما

رام گوپال شارما دائىم قارا گۇرۇھ توغرۇلۇق كىنو ئىشلەيدۇ. ئۇ ئىلگىرى كىنودىكى بىر قىسىم دىئالوگلارنى چىقىرىۋىتىش توغرۇلۇق تەھدىتكە ئۇچرىغان. 

گۈلشەن كۇمار

بۇ بوللىۋودتىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى. 1997-يىلى قارا گۇرۇھ كاتتبىشى ئابۇ سەلىمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان ۋە شۇ يىلى ئىككى قوراللىق كىشى ئۇنى كوچىدا ئېتىۋەتكەن.

سونۇ نىگام

ناخشىچى سونۇ نىگام 2014-يىلى قارا گۇرۇھنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. ئۇلار ئۇنىڭ دۇنيا سەييارە ناخشا كېچىلىكى باشقۇرغۇچى شىركىتىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان.

راكېش روشان

راېكىش روشان قارا گۇرۇھنىڭ ھۇجۇمىدىن ئامان قىلغان تەلەيلىك كىشىلەرنىڭ بىرى. 2000-يىلى ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ سىرتىدا ئىككى كىشى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. راكىشنىڭ شوپۇرى دەرھال ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان ۋە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلۇپ قېلىنغان. 2004-يىلى راكىش روشان يەنە ئۆلۈم تەھدىت تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

بونىي كاپور

2013-يىلى راجىۋ پۇجارى پۇل ئۈچۈن بونىي كاپورغا تەھدىت سېلىپ تېلېفون قىلغان.

ياش چوپرا

ياش چوپرامۇ قارا گۇرۇھ كاتتبىشى راجىۋ پۇجارىنىڭ تەھىدىتگە ئۇچرىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • رەيھانگۇل5 ئاي ئىلگىرى

    توۋا شۇمۇ ئىش بولدىمۇ؟ شۇنداقلىقىدىن تەرەققى قىلالماي نامراتلىقتا ياشاۋاتقان خەخ بۇ.ئۆزنىڭ پەخرىلىك داڭلىق شەخسلىرىگە شۇنداق زەھەر قولىنى سوزغان ئادەملەر قانداق كۇن كۆرەتتى؟

  • تۈن.پەرسى5 ئاي ئىلگىرى

    ھەي.بۇ.بوماپتۇ.

    چولپانلارغا.بونداق.مۇئاملە.قىلش.كىشنى.چوچتېدۇ

  • Jackie Chan5 ئاي ئىلگىرى

    بوللىۋۇدتىلا ئەمەس ، شىياڭگاڭ تاماشا چەمبىرىكىدىمۇ مۇشۇنداق قارا گورۇھلارنىڭ تەھدىت پاراكەندىچىلىك ئىشلىرى ئۇزۇلمەي چىقىپ تۇرىدۇ . شىياڭگاڭدا قارا گورۇھنىڭ تاماشا چەمبىرىكى بىلەن مۇناسىۋىتىنى 30-يىللارئەتراپىدىن سۇرۇشتۇرۇشكە بولىدۇ . قارا گورۇھ كىيىن تەرەققىي قىلىپ تاماشا چەمبىرىكىگە قولىنى سوزغان ، ۋە كۆپلەپ كىنو ئىشلەش شىركەتلىرىنى قورغان ، شوڭا شىياڭگاڭ تاماشا چەمبىرىكى تەبىيلا ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتۇپ كەتكەن . قارا گورۇھنىڭ تاماشا چەمبىرىكىدىكى ئەڭ گۇللەنگەن ئالتۇن دەۋرى 80-90-يىللار ،شۇ دەۋىردىكى داڭلىق چولپانلارمۇ مەسىلەن جوۋشىڭچى ،چىڭلوڭ ،لى لىيەنجى شۇلارمۇ شۇلارنىڭ تەھدىت بۇيرۇقلىغا ئۇچۇرغان ، جۇۋشىڭچى شۇ قارا گوروھ سەۋەبلىك ۋە مۇناسىۋىتى بىلەن كىيىن كاناداغا كۆچمەن بۇلۇش ئىلتىماسى سۇنغاندا قارا گوروھ بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋىتى بار دەپ رەت قىلىنغان . ،چىڭلۇڭ ئەمدى نامى چىققان ۋاقىتلاردا شۇ ۋاقىتتىكى داڭلىق چولپان مېي لەنفڭنىڭ كىنو شىركەت ۋە قارا گوروھ بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان تۇغۇلغان كۇن زىياپىتىگە چاقىرىلغاندا چىڭلوڭ ئالدىراشچىلىقتا باراممىغاندا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ بىزنى كۆزگە ئىلمىغان دەپ ئۇنى مەجبۇرى چاقىرتىپ ئەكىلىپ بىر سائەت ئەتراپىدا تىزلاندۇرۇپ ھاقارەت قىلغان…….كىيىن خەلىقئارادا نامى چىققىنىدا ھوللىۋود بىلەن ئىشلىگەن خەتەرلىك پەيتلەر2نى شىياڭگاڭدا سۆرەتكە ئالىدىغاندا يەنە قارا گوروھ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ سۆرەتكە ئېلىش مەيدان ھەققى دەپ بەش مىليون تەلەپ قىلغان . چىڭلوڭ ناھايىتى تىزلا شىياڭگاڭ ھۇكۇمەت ئورگانلىرى ۋە ساقچى دائىرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھوللىۋود رىژىسورى بىلەن مۇخپىرلار كۇتىۋىلىش يىغىنى ئېچىپ ، بۇ فىلىمگە ھوللىۋۇد مەبلەغ چىقارغان ، بىز سىلەرگە بىر تىيىنمۇ بىرەلمەيمىز ئەگەر يەنە داۋاملىق پاراكەندىچىلىك ۋە يولسىز تەلەپ قويساڭلار بۇ ئىشقا ھۇكۇمەت ئارلىشىدۇ دىگەن ، كىيىنمۇ نۇرغۇن قېتىم چىڭلۇڭ بىلەن ھەمكارلاشقان چولپانلار پاراكەندىچىلىككە ئۇچىرغاندا چىڭلوڭ ياردەم قىلغان ، لى لىيەنجىمۇ يېڭى شىياڭگاڭغا چەتكە قېقىلىشقا ئۇچىرغان ۋە كىيىن خوڭجىنباۋ ، چىڭلوڭ ئۇنىڭغا كۆپ ياردەم قىلغان ۋە ياخشى كىنو سىنارىيە تېپىپ بەرگەن ، . ئاخىردا قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى ، كىيىنكىلەرنىڭ دىيىشىچە لى شاۋلۇڭنىڭ ئۆلۇمىمۇ قاراھ گوروھ بىلەن مۇناسىۋەتلىكەن . چۇنكى ئۇ بىر ئايال چولپاننىڭ داچىسىدا سىنارىيە كۆرۇش سەۋەبى بىلەن بارغان ۋە شۇ يەردە قازا قىلغان ، مۇھىم نۇقتا شۇكى شۇ ئايال چولپان شىياڭگاڭ قارا گوروھلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ۋە شۇلار مەبلەغ سالغان ۋە سانىلىدىغان كىنو شىركەت قۇرغان ، ، لى شاۋلۇڭ بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىم قارا گوروھ تەرپىدىن تەھدېت تاپشۇرۋالغان . the End

  • نىمە كارىڭ.......5 ئاي ئىلگىرى

    بۇ رەسىمدىكى ھىندىستان چولپانلىرى ئوخشايدۇ ھە ،قارسام بىر بېردىن شۇشەن ،كىلىشكەن يىگىت قىزلا باركەن ،،بۇ پاقا يەيدىغانلارنىڭ خەۋرې يولانمىسا بوپتىكەن پەقەت ياخشى خەۋرې يوق بۇلارنىڭ ،

  • ئىششىڭنى قىل5 ئاي ئىلگىرى

    سانجاي دۇت بىلەن سۇنىل شېتتى بولسا ئۈزى بىر تەرەپ قىلىۋىتەلەيتى

  • ئىسمايىل5 ئاي ئىلگىرى

    ھىىندىستان كىنولىرى ئاشۇ ئۇسۇللىرنى قوشمىغاندا ھەقىقەتەن ياخشى، بەكلا تەسىرلىك ھەم كۈلدۈرۈپ ھەم يىغلىتالايدۇ ، رولنىمۇ بەكلا تەبى ياخشى ئالدۇ،،

  • 130700625 ئاي ئىلگىرى

    ھەممىسى ھايۋانىستانلىق شۇملاكەنغۇ مۇشۇ خەقنىڭ بى ياخشى خەۋرىنمۇ كۆرەمزما

  • ئەندەربەگ5 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭا سالمانخاننى پات پات قارا گوروھ بىلەن چېتشلىقى با دەپ ساقچىلار ياساپ تۇردۇ ، ھې ھې ھې ،، قارىمامسىلە سالمانخان يۇق بۇلارنىڭ ئارىسىدا

  • رېكىس5 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستان ئەزەلدىن بىر قالايمىقان دۆلەت، ئۇلارنىڭ تەھدىتكە ئۇچچىرىشى نورمال ئەھۋال.

  • 7315 ئاي ئىلگىرى

    ئايىشە بەك چىرايلىقكەن كىنولىرىمۇ خىلى ياخشىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号