باش بەت

سەپەرجان

2844يوللانما
137مەستانە

ئېنگلاند كوماندىسى 20 ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-12 11:04 13 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

6-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4:00دە، 20 ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى ئىككى كوماندا بولسا ئېنگلاند 20 ياشلىقلار كوماندىسى بىلەن ۋېنسۇئېلا 20 ياشلىقلار كوماندىسى بولۇپ، بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن ئېنگلاند كوماندىسى 0:1 نەتىجىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۇنجى قېتىم 20 ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

مۇسابىقە باشلىنىشى ئىككى تەرەپ ناھايىتى كەسكىن تىركەشتى. ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە ئانچە چوڭ پەرق بولمىغاچقا، ھەر ئىككى تەرەپ خېلى ئۇزۇنغىچە توپ كىرگۈزەلمىدى.

مۇسابىقىنىڭ 10-مىنۇتىدا، ئېنگلاند كوماندىسى قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسىنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ناھايىتى ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق ھۇجۇمى يەنىلا قارشى تەرەپ قاپقىچىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى.

مۇسابىقىنىڭ 24-مىنۇتىدا، ۋېنسۇئېلا كوماندىسى بىر قېتىملىق ئىختىيارى توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى. لېكىن ۋېنسۇئېلا توپچىسى تەپكەن بۇ ئىختىيارى توپ قاپقا تۈۋرۈكىگە تىگىپ ياندى.

مۇسابىقىنىڭ 35-مىنۇتىدا، ئېنگلان كوماندىسى بىر قېتىملىق كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ توپ كىرگۈزۈپ مەيداندىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىدى ۋە نەتىجىدە 0:1 ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

مۇسابىقىنىڭ 40-مىنۇتىدا، ۋېنسۇئېلا كوماندىسى بىر قېتىملىق ئىختىيارى توپ پۇرسىتى بىلەن ئېنگلاند كوماندىسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 52-مىنۇتىدا، ۋېنسۇئېلا كوماندىسى بىر قېتىملىق ناھايىتى ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى.

مۇسابىقىنىڭ 55-مىنۇتىدا، ئېنگلاند كوماندىسى بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، ئونومانىڭ ناھايىتى يىراقتىن تەپكەن توپى قاپقا لىمىغان تىگىپ ياندى.

مۇسابىقىنىڭ 68-مىنۇتىدا، ئېنگلاند كوماندىسى ئەزاسى سولانك قارشى تەرەپ ئەزاسى بىلەن سوقۇلۇپ يارىلاندى ۋە مەيداندىن ئايرىلدى.

مۇسابىقىنىڭ 74-مىنۇتىدا، ۋېنسۇئېلا كوماندىسى نۇقتا توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى، لېكىن قارشى تەرەپ قاپقىچىسى نۇقتا توپنى توسۇۋالدى. مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ھەر ئىككى تەرەپ شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا توپ كىرگۈزەلمىدى. ئاخىرىدا ئېنگلاند كوماندىسى 0:1 نەتىجىدە ۋېنسۇئېلا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۇنجى قېتىم 20 ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئېنگلاند پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۇدا 51 يىلدىن كېيىن خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • خانلىق مادرىد4 ئاي ئىلگىرى

    نىمىشلا بوپ كەتتى بۇ

  • مەدەنىيەتلىك ئىنكاسچى4 ئاي ئىلگىرى

    دوستۇم كۆنچى…ئىنگىلاد بىلەن رونالدونىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بولسۇن دوستۇم…شىپالىق بەرسۇن

  • رونالدو4 ئاي ئىلگىرى

    ئەنگلىيە دەۋاتسا پورتۇگالىيە دەپ چۈشۈپتۇ ما دەلتە

  • ئەغزەم تۆرە4 ئاي ئىلگىرى

    英格兰,苏格兰...
    قاتارلىق بىر نەچچىسى بىرلىشپ ئاندىن ئەنگىلىيە بۇلىدۇ، بىلىپ سۆزلەڭلار

  • شاھىنشاھ4 ئاي ئىلگىرى

    پۇتبول دېسە خاڭما باسا سىلولولو مەيسسىكالاچ دەپ جۆيلىيدىغان بوپكەتتى بۇ زامانىنىڭ پىئونىرلىرى

  • بارسېلونا4 ئاي ئىلگىرى

    بىر ئادەم تاققا تۇققا سۆزلىسە ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭلا ھەي ، ئۆتكەندىمۇ بىر بارسېلونا مەستانىسى مادرىد يۇۋېنتۇسنى يېڭىپ چېمپىيون بولسا يالاكاچ كوچىدا ماڭىمەن دىسە ، ھەممىمىزگە ئاتىپ قويدىڭلا ، ھەممىڭلا مىشتاق دىگەن دەپ ، ئەمدى ئا كۆنچى نۇرداش سۆزلىسە ھەممىسى دەپ كەتمەيلى پەقەت ئاشۇ بىر ساراڭلا ئاشتاق دەپ ، بىرنىڭ پۇقى مىڭغا دىگەن شۇدە

  • مادرىد4 ئاي ئىلگىرى

    راسلا كالا دىسە پاقالچاق دەيدىغان باللا بادە ، مۇشۇ نۇر تورىدا ،

  • ئوغلان4 ئاي ئىلگىرى

    مادرىد سىلو مەستانىلىرىگە قايىل بولدۇم نىمانچە ئەقىللىق بىلىملىك ئىسلە ھېي «سەت كۇلۇپ ئىشتانغا چىقارغان چىراي ئىپادىسى»

  • ئېللىق دۇنيا4 ئاي ئىلگىرى

    پەقەت پۇتبولدىلا ئىنگىلاند دەيدۇ ،قالغانلىرىدا ئەنگىلىيە ، تەبرىكلەيمەن ئىنگىلاندنى

  • 09914 ئاي ئىلگىرى

    كۇنچى سىلىگە شىپالىك بەرسۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号