باش بەت

ئادىلجان

5986يوللانما
34مەستانە

Uber باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كالانىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى مۇمكىن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-12 12:40 0 ئىنكاس چۈشتى

technode تورىنىڭ 12-ئىيۇندىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىركەت ئىچكى قىسىمىدىكى خادىملار ئاشكارىلىغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، تاكسى چاقىرىش ئەپ دېتالى Uberنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى يىغىن ئېچىپ، CEO تىراۋىس كالانىك (Travis Kalanick)نىڭ شىركەتتىن ۋاقتىلىق ئايرىلىش ئىشىنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن ھەمدە شىركەتنىڭ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنى ئۈزۈل-كېسىل تەڭشەشنى ئويلىشىدىكەن. يۇقىرىقى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، Uberنىڭ لىدېرى كالانىكنىڭ شىركەتتىن ۋاقىتلىق ئايرىلىش مەسىلىسى ۋە كالانىكنىڭ قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ھوقۇقى نىسبەتەن كىچىك بىر خىزمەت ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەش ئېھتىماللىقىنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن، ئۇ CEOدىن باشقا ۋەزىپە ئۆتىشى ياكى CEOلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن تەقدىردىمۇ ھوقۇق دائىرىسى كىچىكلەپ كېتىشى ھەمدە قاتتىق نازارەت قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. 

ئىلگىرى Uber ئامېرىكىنىڭ سابىق باش تەتىپىشى ئېرىك خولدېر (Eric Holder) باشقۇرۇشىدىكى ئادۋۇكاتلىق ئورنى Covington & Burlingغا شىركەتنىڭ سىياسىتى ۋە مەدەنىيىتىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى ھاۋا قىلغان. ئىككى نەپەر ئۇچۇر خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، Uber مۇدىرىيىتىنىڭ كالانىكنى ئۆزئىچىگە ئالغان يەتتە نەپەر بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئەزاسى Covington & Burlingنىڭ تەكلىپىگە بېلەت تاشلىشى مۇمكىن ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号