باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8946يوللانما
455مەستانە

تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-12 18:46 4 ئىنكاس چۈشتى

دۇنيادا يىلىغا 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاماكا ئىستېمال قىلىنىدۇ. دېمەك، ھەر يىلى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۈلگە ئايلىنىدۇ. بۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ ئىقتىسادىي زىيان ھېسابلىنىدۇ. تاماكا چېكىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەھمىيەتسىز ھالدا ئىقتىسادنى بۇزۇپ چېچىش بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر تاماكا سېتىۋېلىش ياكى زەھەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىقتىسادتىن قىسىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ خىزمىتىدىن، ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىنى خانىۋەيران قىلىپ، ياشاشتىن مەھرۇم بولماقتا. ھۆكۈمەت ۋە ئائىلىلەر زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلارنى داۋالىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان ئىقتىسادنى ئەگەر مائارىپ، تەرەققىيات ئىشلىرىغا سەرپ قىلسا، جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى قانچىلىك تېزلەتكىلى بولاتتى. نامرات ئائىلىلەردىن قانچىلىغان كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولاتتى.

يېقىنقى ئىستاتىستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلار 25 مىڭ كىشى ئۆپچۆرىسىدە بولغان، ئەگەر مۇشۇ سان بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر قېتىملىق زەھەر چېكىشكە تۆۋەن بولغاندا 180 يۈەن سەرپ قىلىندى دېسەك: 180x25000=4500000 بىر قېتىمى ئۈچۈن 4500000 يۈەن سەرپ قىلىنىدىكەن. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا بىر مىليارد 620 مىليون يۈەن سەرپ قىلىنىدىكەن. مەملىكەت بويىچە زەھەرگە يىلىغا 27 مىليارد خەلق پۇلى خەجلەنسە، ھۆكۈمەت زەھەرنى چەكلەش ئۈچۈن 3 مىليارد يۈەن سەرپ قىلىدىكەن. بۇ پۇل بىلەن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغىلى بولاتتى. دېمەك، ئەخلاقىي مىزاندا مەنئي قىلىنغان ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنىدا چەكلىگەن نەرسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارغا قانچىلىك ئېغىر ئىقتىسادىي زىياننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەنبە: يارپ تورى 

http://uy.xjaids.com/e/action/ShowInfo.php?classid=7&id=1995

باش سۈرەت تاللاش x
  • ھەبىبۇللا3 ئاي ئىلگىرى

    مارىس دىگەن نۇرداش گەپكە دىققەت قىلىڭ ھە،سىزنىڭ ئەۋلادىڭىز ئىچدىن بىرەسىمۇ چەكمەمدۇ؟چەككەن كىشى سىز دەپ بەرمىسىڭىزمۇ ئوبدان بىلدۇ تاماكنىڭ زىيننى،

  • قاراقچى دارا3 ئاي ئىلگىرى

    ھەي راسلا ئادەمدەك دوت نەرسە يىچ يەردە يۇق مىكىن دەيمە بىلىپ تۇرۇپ ئۇزىمىزنى زەھەرلەپ يۇردىكەنمىز ئۇنى دىسە مەنمۇ چىكىمەن بۇ شاڭ يەندىگەن نەرسىنى ئىمكان بار چەكمىگىنمىز بەك ياخشى ھەممەيلەنگە تەن ساقلىق زور بايلىق

  • ئۆمەر3 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭغا فىلىپپىن زۇڭتۇڭىنىڭ تۇتقان يولى توغرا

  • مارس3 ئاي ئىلگىرى

    بەڭگىلەرگە ھەيرانمەن ، ياخشى ھەممە تاماكىنىڭ قېپدا بەدەنگە زىيانلىق دەپ يوغان يېزىقلىق بولغىنى ، بۇ ساراڭلار شۇنىڭ ئورنىغا پوق يىسمۇ تاماكىدەك زىيان قىپ كەتمەيتتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号