باش بەت

ئىدىقۇت887

7395يوللانما
16مەستانە

بىرازىلىيەدىكى ۋېلىسپىت ئوغرىسىنىڭ پېشانىسىگە «مەن ئوغرى» دەپ چېكىپ قويۇلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-13 09:40 27 ئىنكاس چۈشتى

ئەنگلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرازىلىيەدىكى بىر ياش يىگىت مېيىپ كىشىلەرنىڭ ۋېلىسپىتىنى ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن، تەن چەكمە ئۇستىسى تەرىپىدىن پېشانىسىگە <مەن ئوغرى> دېگەن خەت چېكىپ قويۇلغان. بۇ ئىشتىن كېيىن، ساقچىلار بۇ دېلوغا ئالاقىدار كىشىلەرنى قولغا ئالغان ھەم باشقىلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. بۇ دېلوغا چېتىشلىق كىشى ئۆزىنىڭ ۋېلىسپىت ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قالغان ياش يىگىتنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ياش يىگىتنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان.

شۇ ئىش 6-ئاينىڭ 9-كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، مايكون ۋېسلىي (MayconWesley) ئىسىملىك تەن چەكمە ئۇستىسى كوچىدا مېيىپ كىشىلەرنىڭ ۋېلىسپىتىنى ئوغرىلىغان دەپ ئەيىبلەنگەن ئوغرىنى ئۇچرىتىپ قالغان. بۇ ياش يىگىت ئورۇندۇقتا ناھايىتى ھودۇققان ھالدا ئولتۇرغان بولۇپ، مايكون ۋېسلىي بۇ ئوغرىنى ئەدەبلەپ قويماقچى بولغان ھەم ئۇنىڭ پىشانىسىگە پورتۇگال تىلىدا <مەن بىر ئوغرى شۇنداقلا مەغلۇبىيەتچى> دېگەن خەتنى چېكىپ قويغان ھەم بۇ پۈتكۈل جەرياننى سىنغا ئېلىۋالغان.

 

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ۋېلىسپىت ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قېلىپ پىشانىسىگە خەت چېكىلگەن بۇ بالا شۇ ئىشتىن كېيىن يوقاپ كەتكەن. بۇ بالىنىڭ ئۆيدىكىلىرى توردا ئۇنىڭغا ئالاقىدار ۋېدىئونى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. ساقچى تەرەپ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى تەن چەكمە ئۇستىسى مايكون ۋېسلىي بىلەن نەق مەيداندا سىنغا ئالغۇچىنى قولغا ئالغان ھەم ئۇلارنى باشقىلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. مايكون ۋېسلىي شۇ ئىشتىن كېيىن بۇ بالىنى قويۇۋەتكەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

نەق مەيداندا، تەن چەكمە ئۇستىسى مايكون ۋېسلىي بۇ بالىنىڭ چېچىنى قاماللاپ تۇتۇۋېلىپ ئۇنى ئورۇندۇققا بېسىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويغان ھەم ئۇنىڭ پېشانىسىگە <مەن بىر ئوغرى شۇنداقلا مەغلۇبىيەتچى> دېگەن خەتنى چېكىپ قويغان. نەق مەيداندىن تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشىدە، مايكون ۋېسلىينىڭ بۇ ياش بالىدىن يېڭى تەن چەكمىنى ياقتۇرغان-ياقتۇرمىغانلىقىنى سورىغانلىقىنى ئاڭلىغىلى بولاتتى. رەسىمدە، مايكون ۋېسلىي ۋېلىسپىت ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قالغان بالىنىڭ پېشانىسىگە خەت چېكىشكە تەييارلانماقتا.


باش سۈرەت تاللاش x
  • باتۇر8 ئاي ئىلگىرى

    ئۆلسۇن ئۇ گۇي چەكمىچى ئۇستام ياخشى قىپتۇ

  • 02019 ئاي ئىلگىرى

    چەكمىنى ئۇچۇرگىلى بۇلىدۇ ئەنسىرمەڭلا باللا ئۇچۇرگىلى بۇلىدۇ

  • يالغۇز دېگەن مەن شۇ10 ئاي ئىلگىرى

    «ئوغرىنىڭ ،ئەسكى ئادەمنىڭ پىشانىسىگە يېزىقلىق بولمىسا يە » دېيىشەتتۇق ،مانا ئەمدى يېزىقلىق بولىدىغان زامان كەپتۇ

  • ئادىلجان10 ئاي ئىلگىرى

    منىڭچە ئوغۇرلار ئىبرەت ئالسا بولغۇدەك ميىپلار ھارۋۇسى بولسۇمۇ باشقا بىرنىمە بولسىمۇ خەخنىڭ بىر نىمىسىدە ئوغۇرنىڭ ھەققى بامۇ ئابدكىرەم ئابلىز ئەپەندىم ئىتوتتا دىڭەن ئەمەسمۇ خەخنىڭ يانجۇقىدا ئاناڭنىڭ ھەققى بامۇ يانجۇقچى

  • ھۆكەر10 ئاي ئىلگىرى

    ئۇغرىلىققۇ ناچار بىر ئش لىكىن مۇشۇنداق قىلىش كىتەمدۇ، ئاشۇ گۇينىڭ بالىسىمۇ شۇ كۈنگە قالسا قانداق بوپكىتە ئۈزى

  • ئامىدىيۇ10 ئاي ئىلگىرى

    ۋاي بىچارە ،بەكلا ئاشۇرۋېتىپتۇ ،نەلەردە قورقۇپ ئولتۇرىدىغاندۇ ئاچ توق ،نىمە قىلار بولغىيتى ئۇغۇرلۇق قىلىپ ،

  • توغرا10 ئاي ئىلگىرى

    بالىلار ياخشى ئۇقۇڭلار،ئۈچ چاقلىق مېيىپلارنىڭ ھارۋىسىنى ئوغۇرلاپتۇ،ئا،،گۇي،

  • پاكنۇر10 ئاي ئىلگىرى

    سەل ئاشۇرىۋېتىپتۇ،بۇ ئادەم تۈزىلىپ توغرا يولغا ماڭغان تەقدىردىمۇ ،پىشانىسىدىكى خەت ئۆچمەيدۇ ئەمىسمۇ

  • يۇلتۇز10 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ىسىتبۇبالا تىخى ياش بالىكەنتۇق وغۇرلۇق قىماي وزكۈچىگە تايانگان بۇسا بۇدامۇ قىينال ماستى

  • كۇۋۇغ10 ئاي ئىلگىرى

    يا ...................................................................

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号