باش بەت

Esmihe

164يوللانما
1مەستانە

ساقچىلار 800 كىشىلىك تور ئالدامچىلىقى شايكىسىنى بىراقلا بىتچىت قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-13 22:48 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
2017-يىلى 6- ئاينىڭ 12-كۈنى، ۋۇخەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىشىچە، يېقىندا پەۋقۇلئاددە زور تور ئالدامچىلىقى دېلوسى پاش قىلىنىپ، ئا XX، شيۇڭ XX قاتارلىق سەككىز نەپەر باش جىنايەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېلوغا چېتىشلىق 808 نەپەر گۇماندارنى قولغا ئېلىش بىلەن بىللە، دېلوغا چېتىشلىق 800دىن ئارتۇق كومپيۇتېر، 2000 دانە يانفون، 3000 پارچە بانكا كارتىسى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قېلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى قانۇنسىز ئالاقە تورىدا پۇل مۇئامىلە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىش جەريانىدىكى دېلوغا چېتىشلىق ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر دېلو ھېسابلىنىدىكەن.

2017-يىلى 4-ئايدا، ۋۇخەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جياڭئەن رايونى تارماق ئىدارىسى «مىڭ نەپەر ساقچىنى مەھەللىگە كىرگۈزۈش» خىزمىتى داۋامىدا، جياڭئەن رايونى تازى كۆلى رايونىدا بەزىلەرنىڭ تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى  يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ساقچى تەرەپنىڭ ئىككى ئايلىق مەخپىي تەكشۈرىشى ئارقىلىق پەۋقۇلئاددە چوڭ تور ئالدامچىلىقى جىنايەت شايكىسىنى بايقىدى. بۇ جىنايەت شايكىسى قانۇنسىز ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، تېلېگراف تورىغا ئابۇنتلارنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق تەۋسىيە پاي چېكى، زاكاز مال قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن. جىنايەت ئۇۋىسى ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىپ، جياڭئەن، خوڭشەن، دوڭخۇ يۇقىرى تەرەققىيات رايونى، چياۋكۇ ( خۇبېينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە)، جاڭخەن قاتارلىق بەش رايون خىزمەت بىناسى ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، 800دىن ئارتۇق ئادەم چېتىلىدۇ. ۋۇخەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ جىنايەت ئۇۋىسىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ، تولۇق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى قانات يايدۇردى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش جەريانىدا بۇ جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ خادىملار قۇرۇلمىسى، ھەرىكەت قانۇنىيىتى، دېلو سادىر قىلىش ۋاسىتىسى ئېنىقلاندى ھەمدە غوللۇق ئەزالىرى بىتچىت قىلىندى.

جياڭئەن رايونى ج خ تارماق ئىدارىسى ۋە شەھەرلىك جىنايى ئىشلار رازۋېتكا ئەترىتى، تور بىخەتەرلىكى، تېخنىكىلىق رازۋېتكا قىلىش ئەترىتى، ئالاھىدە ساقچى قاتارلىق كۆپ خىل ساقچى ئىدارىلىرى جەمئىي 1000دىن ئارتۇق ساقچى كۈچى تەشكىللەپ، 14 تۇتۇش گۇرۇپىسى بۆلۈمى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باش جىنايەتچىلەر ۋە 10 جىنايەت ئۇۋىسىغا قارىتا تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ تۇتۇش ھەرىكىتى قىلدى، جەمئىي قولغا ئېلىنغان دېلوغا چېتىشلىق ئادەم سانى 808 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە باش ئۇنسۇرلار سەككىز نەپەر، تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قېلىنغان كومپيۇتېر 800دىن ئارتۇق، يانفون 2000 دانە، بانكا كارتىسى 3000 پارچە.

دەسلەپكى قەدەملىك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، 2015 ـ يىلىدىن بۇيان بۇ جىنايەت شايكىسى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قۇرغان مەلۇم شىركەت گۇرۇھى باش بۆلۈمىنىڭ سايىسى ئاستىدا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ كۆپلىگەن تارماق شىركەت، بالا شىركەتلەر قۇرۇلغان بولۇپ، تارماقلىرىدا يەنە كادىرلار بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى، مەمۇرىي بۆلۈم قاتارلىق ئاپپاراتلار تارمىقى تەسىس قىلىنغان ھەمدە دىرېكتور، ئانالىزچى، كەسپىي گۇرۇپپا باشلىقى، كەسپىي خادىم قاتارلىق تەشكىلىي قاتلام دەرىجىلىرىگە ئايرىلغان، توردا تەكلىپ ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنىپ، كەسپىي خادىم تەربىيىلەش، ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە سۇپىسىغا ئوخشاش قۇرۇلمىلاردىن پايدىلىنىپ خېرىدار چاقىرىلغان. كەسپىي خادىم، شۇنىڭدەك ئىچكى ئۇچۇر قاتارلىق ساختا ئۇچۇرلار باھانىسى ئارقىلىق ئازدۇرۇشقا ئۇچرىغان زىيانلانغۇچىلار مەخسۇس QQ توپى، ئۈندىدار توپىغا كىرگەن ھەمدە ئاتالمىش «ئاكسىيە شىركىتىنىڭ نوپوزلۇق تەھلىلچىسى» ۋە «دىرېكتورى»لىرى بىر -بىرلەپ زىيانغا ئۇچرىغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئازدۇرۇپ ئۇلارنى پاي چېكى سودىسى، قەرەللىك مال، قىممەت مېتاللار، تاشقى پېرېۋوت قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقتۇرغان، زىيانلانغۇچىلار ئەگەر پايدىغا ئېرىشسە «بەشتە بەش ئۈلۈش»، «ئالتىدە تۆت ئۈلۈش» پىرىنسىپى بويىچە ئۈلۈش ئايرىغان، ئەگەر زىيان تارتقان بولسا «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزىۋېتىلىپ قايتا ئالاقە قىلمىغان.

نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرى قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىپ 456 ئادەم ئىچىدە 411 ئادەم جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، 45 ئادەم بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتكە بېرىلدى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

سۈرەتتە: تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قېلىنغان يانفونلارنىڭ بىر قىسمى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号