باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

Uber شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قەرەلسىز دەم ئېلىشقا چىقتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-14 15:35 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شىركەتنىڭ ئىككىنچى قول رەھبىرى ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، Uberنىڭ قۇرغۇچىسى تىراۋىس كالانىك (Travis Kalanick)مۇ 13-ئىيۇن ئىچكى قىسىمدىكىلەرگە ئېلخەت يوللاش شەكلىدە ۋاقىتلىق دەم ئېلىشقا چىقىدىغانلىقىنى، قەرەلى ئېنىق بېكىتىلمىگەنلىكىنى جاكارلىدى. يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ تەۋرىنىشى سىرتقى ساھەنى ئەندىشىگە سالدى، بۇ مۆلچەر قىممىتى 70 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىدىغان «كەركىدان» كەلگۈسىدە قانداق تىجارەت قىلىدۇ؟ دەسلەپكى مەبلەغ سالغۇچىلار يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالمىشىشى يامان ئىش بولۇشى ناتايىن دەپ قارىماقتا. 

كالانىك ۋاقىتلىق دەم ئالغانلىقىنى جاكارلىغان كۈنى، مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان كۈن. 

2017-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، بۇ نەچچە ئايلىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ قىسمەن مەزمۇنى خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىغا ئاشكارىلاندى. بۇ دوكلاتتا Uberنىڭ ياللانما خادىم خاراكتېرلىك پاراكەندىچىلىكى ۋە كۆپ خىل ئەيىبلەشلەرنى باھالاپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان. مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەكۈن قىسمىدا ئىسلاھات تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى تەكلىپ «قۇرغۇچى كالانىكنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيىنى قايتىدىن باھالاش ۋە تەقسىملەش» بولۇپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كالانىكنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى قايتىدىن تەقسىملەش ھەمدە باش تىجارەت ئەمەلدارىنى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى تېز سۈرئەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكلىپى بەردى. 

ئىسلاھات تەكلىپى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، Uberنىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، خەتەرگە مەبلەغ سېلىش شىركىتى كاپور كاپىتالىنىڭ قۇرغۇچىسى كاپور ئەر-ئايال تېڭشۈن تورىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار Uber نىڭ قىسمەن ئالىي ئەمەلدارلارنى ئىشتىن بوشاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن ھەمدە شىركەتنىڭ كېيىنكى ئىسلاھاتىغا تەكلىپ بېرىپ، ئاشكارە بولۇش دەرىجىسىنى ساقلاپ ھەمدە قەرەللىك باھالىتىپ، شىركەتنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىشتىن بۇرۇن كىرىزىسقا تاقابىل تۇرغان ۋاقىتتا ئاسانلا كىرىپ قالىدىغان «قىلتاق»لاردىن ساقلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتقان. «Uber بۇرۇن ئاممىۋى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرغان ۋاقىتتا كۆپ قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ ئەپۇ سورىغان ھەمدە ئۆزگىرىشكە قەسەم ئىچكەن، ئەمما ناھايىتى تېزلا ئىلگىرىكى ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىشتەك ھەرىكەت ھالىتىگە قايتىپ قالدى.» كاپور كاپىتالى 2010-يىلى Uberغا مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان.  

بۇ يىل 2-ئايدا مىچ كاپور (Mitch Kapor) بىلەن فرېدا كاپور (Freada Kapor) ئەر-ئايال ئاشكارە خەت شەكلىدە Uber ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ «زەھەرلىك شىركەت مەدەنىيىتى»نى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەسكە سالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. كاپور ئەر-ئايال ئاشكارە خەتتە مۇنداق دېگەن: «گەرچە Uber بازار ئۈلۈشى، تىجارەت كىرىمى ۋە مۆلچەر قىممىتى جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنى شىركەت مەدەنىيىدە يوچۇق كۆرۈلۈشىنىڭ باھانىسى قىلىشقا بولمايدۇ؛ ھۆرمەتلەش ۋە كۆپ خىللىق كەمچىل، گۇرۇھۋازلىق ئەۋج ئالغان، بوزەك قىلىش ۋە پاراكەندە قىلىشلارغا سۈكۈتتە قاراپ تۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ئېغىر. بۇ مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر.» بۇ ئاشكارە خەت ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، Uberنىڭ سابىق ئىنژېنېرى سۇسان فوۋلېر (Susan Fowler) ئىلگىرى Uber ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ جىنسىي پاراكەنچىلىكى شىركەت تەرىپىدىن قانات ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئەيىبلەپ، سىرتقى ساھە ۋە Uber مەدەنىيىتىنىڭ بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىغان. شۇنىڭدىن كېيىن قۇرغۇچى كالانىك Uber شىركىتىنى تىللىغانلىقى ھەققىدىكى ۋىدىيو تارتقۇلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، جامائەت پىكرى تىغ ئۇچىنى Uberنىڭ روھىي داھىيسى ھېسابلىنىدىغان كالانىكنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىغا قاراتقان. 

كاپور ئەر-ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، Uberنىڭ كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بۇ شىركەتكە قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىدىكەن. Uberنىڭ بىر قىسىم ئالىي ئەمەلدارلارنى ئىشتىن بوشىتىشى بۇ شىركەتنىڭ كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى سەمىمىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

كاپور ئەر-ئايال Uberنىڭ مۆلچەر قىممىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب قايتۇرمىدى. ئۇ ئىككىسى مۇنداق دېدى: «ھازىر Uberنىڭ ئىسلاھات پىلانىنى يولغا قويۇشىغا بىر ئاز ۋاقىت ۋە بوشلۇق بېرىش كېرەك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش كېرەك.»

سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، كالانىك ۋاقىتلىق دەم ئالغان بولسىمۇ، ئەمما شىركەتنىڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە كالانىكنىڭ ئاپىسى قازا قىلغان، دادىسى يارىلانغان بولغاچقا، ئۇ 5-ئايدىن باشلاپلا كۆپ ۋاقتىنى شەخسىي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاراتقان، 13-ئىيۇندىكى خىزمەتچىلەر يىغىنىغىمۇ قاتناشمىغان. ئىچكى قىسىمدىكى خەتتە كالانىك مۇنداق دېدى: «Uber 2.0نى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەن كالانىك 2.0 گە ئايلىنىشىم، شىركەت موھتاج بولغان ھەمدە ماس كېلىدىغان رەھبەرگە ئايلىنىشىم كېرەك.» 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号