باش بەت

kelly

1157يوللانما
22مەستانە

بوللىۋودتىكى بىر-بىرسىگە ناھايىتى ئوخشايدىغان قېرىنداشلار

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-14 23:02 8 ئىنكاس چۈشتى

راكىش روشان ۋە راجىش روشان

راكىش روشان (رىتىك روشاننىڭ دادىسى) رېژىسسور، ئۇنىڭ ئىنىسى راجىش روشان كومپوزىتور، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. 

شىلپا شىتتىي ۋە شامىتا شىتتىي 

شىلپا شىتتىي بوللىۋودا كۆپلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك فىلىملەرنى ئىشلىدى، لېكىن ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇنداق تەلەيلىك بولالمىدى، شامىتا تىرىشقان بولسىمۇ لېكىن تۈزۈك تىلغا ئەرزىگۈدەك نەتىجە قازىنالمىدى. لېكىن بۇ ئاچا-سىڭىللار تولىمۇ ئوخشىشىدۇ.

ئانىل كاپور ۋە سانجاي كاپور

ئانىل ۋە سانجاي ئاكا-ئۇكىلار ناھايىتى ئوخشىشىدۇ لېكىن بىز ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈشنى بىلىمىز. 

ئانۇپام كەر ۋە راجۇ كەر

راجۇ كەر ئاكىسى ئانۇپامغا ناھايىتى ئوخشايدۇ، ئىكىسىسى ئوخشاشلا تاقىر باش. باشقىلار دائىم ئۇلارنى خاتا تونۇپ قالىدۇ.

ئابباس ۋە مۇستان بۇرماۋالا

بۇ ئاكا-ئۇكىلار دائىم كومىدىيىلىك ھەرىكەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەيدۇ. بۇ ئاكا-ئۇكىلار بەكلا ئوخشىشىدۇ، كىشىلەر ئاسانلا ئۇلارنى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ.

لۇۋ سىنھا ۋە كۇش سىنھا

لۇۋ سىنھا ۋە كۇش سىنھا سوناكشى سىنھانىڭ قوشكېزەك ئىنىلىرى. بۇ قېرىنداشلارنى كىشىلەر ئاسانلا ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ.

رىيا سەن ۋە رايما سەن

راىيا ۋە رايما ئاچا-سىڭىللار گۈزەل ئارتىس مون سەننىڭ قىزلىرى، رىۋايەتلىك ئارتىس سۇچرىتا سەننىڭ نەۋرىلىرى، بۇ ئاچا-سىڭىللار ناھايىتى ئوخشىشىدۇ


راخۇل روي ۋە روھىت روي

راخۇل روينىڭ ئىنىسى بارلىقىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز، ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇنىڭغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ.

كانگانا رانۇت ۋە رانگولى رانۇت

كانگانا رانۇت بوللىۋودتىكى ئەڭ ئىقتىدارلىق چولپانلارنىڭ بىرسى، ئۇنىڭ ھەدىسى رانگولى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. 

ساجىد خان ۋە فارا خان

رېژىسسور قېرىنداشلار ساجىد خاد ۋە فارا خان ئاكا-سىڭىل بولسىمۇ لېكىن ناھايىتى ئوخشىشىدۇ.

راغۇ رام ۋە راجىۋ لاشمان

بۇ ئاكا-ئۇكىلار تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدىن داڭق چىقارغان، ئۇلارنىڭ چىرايى ئوخشاپلا قالماي،ياسىنىش ئۇسلۇبىمۇ ئوخشايدۇ.   

سونام كاپور ۋە رىيا كاپور 

ئانىل كاپورنىڭ گۈزەل قىزلىرى سونام ۋە رىيا خېلى ئوخشىشىدۇ. 


باش سۈرەت تاللاش x
  • كۆڭۈلچەك.33223 ئاي ئىلگىرى

    نېمانداق ئوخشاش ئادەملەر بۇ؟خۇددى ئوخشىتىپ ياسىغاندەكلا تۇرىدۇ.

  • ئوسمانلى3 ئاي ئىلگىرى

    ماۋۇ ئاكا -ئۇكا سىنھالار پۇتبول چولپىنى كاكاغا بەكئوخشايدىكەن

  • ئۇيغۇر قىزى3 ئاي ئىلگىرى

    بىزنىڭ بۇيەدىمۇ ھەسەن ھۈسەن دەپ قوشكېزەك بار
    بىر بىرىگە بەك ئوخشايدۇ

  • ئارىفە3 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇلانىڭ ئىچىدە سۇنام كاپور ئەڭ چىرايلىقكەن

  • ئارىفە3 ئاي ئىلگىرى

    شىلپا شىتتىنىڭ سىڭلىسى بەك سەت ئۆردەك چۈجىسى...شۇنداق تۇرسا بوللىۋوتتا پۇي تىرەپ تۇرالامتى...قۇشۇمچە رولغا چىققانغا خۇش بولسۇنا...قوشنىمىزنىڭ قىزىمۇ ئۇنىڭدىن چىرايلىق

  • كۆكلەم يامغۇى3 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن بەك ئوخشايدىكەن ،زاۋۇتى بىر بولغادىكىن بەك ئوخشايدىغان ئۇخشايدۇ چىرايى

  • ئۆزچىن3 ئاي ئىلگىرى

    قېرىنداش بولغاندىكىن ئەلۋەتتە ئوخشايدۇ دە…

  • * نازاكەت *3 ئاي ئىلگىرى

    ئانۇپام كەر ،راجو كەر ،،توۋا جاھاندا ماندامۇ ئۇخشايدىغان ئادەم باركەن ھە ،،،پىشقەدەم چولپانلار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号