باش بەت

ئادىلجان

6870يوللانما
70مەستانە

ئوخشاشلا ئۆز شىركىتىدىن قوغلانغان كالانىك جوبىستەك قايتىپ كېلەلەمدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-15 19:30 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەگەر كالانىك راستىنلا قايتىپ كەلسە، ئەڭ يېڭى تەپەككۇر بىلەن Uberنى قايتا يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، خۇددىي ئەينى يىللاردىكى جوبىستەك.


كىرىزىس ئالدىدا Uberنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى تەۋرىنىپ قالدى. باش تىجارەت ئەمەلدارى، باش سودا ئەمەلدارى، باش مالىيە ئەمەلدارى، باش ماركىتېڭ ئەمەلدارى، قۇرۇلۇش مەسئۇلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممسىى كېتىپ قالدى، ھەتتا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىمۇ نامدا بار ئەمەلدە يوق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. Uber ئېلان قىلغان ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق تەپتىش باشلىقى Eric Holderمنىڭ شىركەتنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىركەت قۇرغۇچىسى كالانىك CEOلۇق ۋەزىپىسىدىكى قىسمەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، مۇستەقىل مۇدىرىيەت رەئىسى ئۇنىڭ ئورنىغا ئالمىشىدىكەن. 

«دۇنيا بويىچە مۆلچەر قىممىتى ئەڭ يۇقىرى كەركىدان شىركەت» دەپ قارالغان بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى كالانىك يېرىم يولدا سەپتىن چۈشۈپ قالدى، گەرچە بۇ ۋاقىتلىقمۇ ياكى مەڭگۈلۈك ئايرىلىشمۇ بىر نېمە دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما كالانىك ئەينى يىللاردىكى جوبىس بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولدى، يەنى ئۆزى يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلغان كەسپىي دىرېكتور تەرىپىدىن سەپتىن چېكىندۈرۈلدى. 

جوبىس ئىشتىن بوشىتىلغان پۇرسەتتە 1985-يىلى Macintosh Office ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى چىقىرىلغان، ئەمما بازادىكى سېتىش مىقدارى كۆزلىگەن نىشانغا پەقەتلا يەتمىدى، سودا نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ مۇتلەق مەغلۇبىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇدىرىيەت ئادەتتە قۇرغۇچىغا مەسئۇل بولماستىن پايچىكلار يىغىنىغا مەسئۇل بولىدۇ، مۇدىرىيەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى پايچىكلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، كارخانا تىجارىتىنىڭ سىجىل پايدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تىجارەتتە زىيان تارتقان ۋاقىتتا ياكى باشقا كىرىزىس كۆرۈلگەندە، مەسئۇلىيەتنى نىسبىي ئايرىپ چىقىپ، بۇنىڭغا مەسئۇل بولىدىغان ئادەمنى بېكىتىشتىن ئىبارەت.

كالانىك ئەينى يىللاردىكى جوبىستەك پەقەت كارخانىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە كارخانىنىڭ ئىستىراتېگىيە پىلانلاش، مەھسۇلات چىقىرىشتىن كۈندىلىك باشقۇرۇشقىچە بولغان بارلىق ئىشلارغا تولۇق ھوقۇق بىلەن مەسئۇل بولغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما كارخانىنىڭ كۈندىلىك تىجارىتىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولغانىكەن، چوقۇم مالىيەدىكى ناچار تەرەپلەرگىمۇ مەسئۇل بولىدۇ. 

كارخانا قۇرغۇچىسى كارخانا تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ئىككى خىل تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ، بىرى ئۆزىنىڭ ئورنىنى قايتىدىن بېكىش، مەسىلەن پەردە ئارقىسىغا ئۆتۈپ، ئۇزاق مەزگىللىك ئىستىراتېگىيە تۈزۈش، كونكرېت تىجارەت ئىشلىرىنى كەسپىي دىكرېكتور ياكى ئىچكى قىسىمدا تاللاپ چىقىلغان ئىز باسارنىڭ تاماملىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. يەنە بىر خىل تاللاش بولسا داۋاملىق تۈردە كارخانا ئىستىراتېگىيەسى ۋە تاكتىكىسىنىڭ كونتروللىغۇچىسىب بولۇش.

كالانىك ۋە جوبىس كېيىنكىسىگە تەۋە، يەنى قۇرغۇچى ھەم CEO. ھازىرقى زاماندىكى CEOنىڭ ئاساسىي قىممەت يۆنىلىشى «نەتىجىگە مەسئۇل بولۇش»، CEO كارخانا ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا تەرەققىيات ئىستېراتېگىيەسى تۈزىدۇ، ئۇنىڭ يادروسى كونكرېتلاشقان كۆرسەتكۈچ، مەسىلەن تىجارەت كىرىمى، پايدا، قەرز ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتى، ئېشىش نىسبىتى دېگەندەك، ئۇنى مۇدىرىيەت قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئىجرا قاتلمىغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈلىدۇ. ئىزچىل خاراكتېرلىك زىيان كېلىپ چىققان ھامان، مەسئۇلىيەت زەنجىرى تەدرىجىي ھالدا يۇقىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاخىرىدا CEOغا كېلىدۇ. 

شۇڭا بۇ ۋاقىتتا قۇرغۇچىنىڭ قولىدا كارخانا پاي كونترول ھوقۇقى بولمىسا، ناھايىتى ئاسانلا مۇدىرىيەتنىڭ شىكايىتىگە ئۇچراپ، CEOلۇق باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. 

ئۇنداقتا كالانىك جوبىسقا ئوخشاش قايتىپ كېلەلەمدۇ؟ بۇ Uberنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى «نەتىجە ئارقىلىق قارار چىقىرىشى»غا باغلىق. ئەگەر Uber مۇدىرىيەت رەئىسى بىلەن يېڭى باش تىجارەت ئەمەلدارىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولماستىن تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتسە، مۇدىرىيەت باھالاش ئارقىلىق، بازاردا CEOلۇققا كالانىكتىنمۇ مۇۋاپىق ئادەم يوقكەن دەپ قاراپ، ئەينى يىلى ئالما جوبىسنى قايتۇرۇپ كەلگەندەك، ئۇنىڭغا قايتىدىن مۇھىم ھوقۇق تۇتقۇزۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە كالانىكمۇ جوبىسقا ئوخشاش تىرىشىپ بازار يارىتىشتەك نەتىجىسى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلىشى مۇمكىن. 

مەلۇم دەرىجىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېڭى قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ قۇرغۇچىسى ئائىلە باشلىقىغا ئوخشاش نوپۇزغا ئىگە بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال دەسلەپكى مەزگىلدە ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ، ئەمما كارخانىنىڭ خەتەرگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق كاپىتاللارنى كىرگۈزۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ كارخانىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئېھتىياجىنىڭ كۈنسايىن كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەتتا قۇرغۇچىنىڭ «مەنىۋىي ئانا تەنچىسى»دىن چىقىپ كېتىدۇ. 

شۇڭا كارخانىنى «قۇرغۇچىلاشتۇرۇش» ئەمەلىيەتتە قاراش، ئوبرازنى قايتا ياراتقانلىق بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلار ئېكولوگىيەسى ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى كىرگۈزۈپ، ھەقىقىي يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدىغان «دەرەخ»كە ئايلىنىدۇ. 

بەلكىم بىر كۈنلەردە كالانىك Uberغا راستىنلا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن، بىز شۇ ۋاقىتتتا ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، شۇنداقلا Uberنى قايتا يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز، خۇددىي ئەينى يىللاردىكى جوبىستەك. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • سۇمرۇغ5 ئاي ئىلگىرى

    ئۆزى قۇرغان شىركەتىن ئۆزى قوغلانسا نىمدىگەن ئىچىنىشلىق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号