باش بەت

نۇسرەتگۈل

9473يوللانما
156مەستانە

جۇڭگو بويىچە ئەڭ راھەت 10 شەھەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-16 20:30 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرى. چېڭدۇ «جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى داڭلىق شەھەر» ۋە «جۇڭگونىڭ ئەڭ ياخشى ساياھەت شەھىرى». ئۇنىڭ «يېمەك-ئىچمەك مەركىزى» دېگەن نامى بار بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم ئىنتىلىدىغان شەھەر.

شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرى. چىڭداۋنىڭ «شەرقتىكى شىۋېتسارىيە»، «دۇنيا پىۋا شەھىرى»، «دۇنيا يەلكەنلىك كېمە مەركىزى» دېگەن گۈزەل ناملىرى بار. تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادى، دېڭىز بويىغا جايلاشقان رومانتىك شەھەر بولۇشى بىلەن ساھىللىرى، دېڭىز شاماللىرى ۋە يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان مەنزىرىلىرى سەۋەبلىك تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ.

خەينەننىڭ خەيكۇ شەھىرى. خەيكۇ 2004-يىلى «ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. قىش پەسلى كېلىشى بىلەن شىمالدىكى نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ جايغا كېلىپ قىشتىن «پاناھلىنىدۇ». 

شيامېن. گۇلاڭ ئارىلىنى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك. گەرچە بۇ ئارال كىچىك بولسىمۇ، ئەمما گۈزەل مەنزىرىسى ھەرقانداق ئادەمنى جەلپ قىلىۋالىدۇ.

لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرى. داليەننىڭ «شەرقىي شىمالنىڭ دېرىزىسى»، «شىمالدىكى گۆھەر»، «رومانتىك شەھەر» دېگەندەك نۇرغۇن گۈزەل ناملىرى بار. داليەن دېڭىز بويىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل.

شەندوڭنىڭ يەنتەي شەھىرى. يەنتەي ئاسىيادىكى بىردىنبىر ئۈزۈم ھارىقى شەھىرى. كۆپكۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، ساپ ھاۋا، گۈزەل شەھەر مەنزىرىسى ئادەمگە باشقىچە ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ.

گۇاڭدوڭ جۇخەي. جۇخەينىڭ «100 ئارال شەھىرى» دېگەن گۈزەل نامى بار بولغاندىن باشقا، يەنە «مەملىكەت بويىچە 40تا ياخشى ساياھەت ئورنى» دېگەن نامى بار.

جياڭسۇنىڭ ياڭجۇ شەھىرى. ياڭجۇنىڭ تارىخىنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 486-يىلىغا سۈرگىلى بولىدۇ. ئادەم ياڭجۇدا ياشىسا خۇددى تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ.

جياڭسۇنىڭ سۇجۇ شەھىرى. سۇجۇ شەرقتە شاڭخەي، جەنۇبتا جېجياڭ، غەربتە تەيخۇ، شىمالدا چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان بولۇپ، «شەرقتىكى ۋېنتسىيە» دېگەن نامى بار. ئىلگىرى سۇجۇ ئەليۇلئەلا چىقىدىغان يۇرت بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدۇ.

يۈننەننىڭ كۈنمىڭ شەھىرى. كۈنمىڭنىڭ 4 پەسلى باھاردەك بولغاچقا «باھار شەھىرى» دەپ ئاتالغان. كۈنمىڭدە 4 پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا گۈللەر ئېچىلىپ، قۇشلار سايرىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا ئادەمگە باشقا دۇنياغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قاراقچى دارا8 ئاي ئىلگىرى

    راسلا بەك مەنزىرسى ياخشى جايلاركەن پۇل بۇلسا ۋاقىت بۇلسا بىر بىرىپ كەلمىسەك

  • 09918 ئاي ئىلگىرى

    چىڭداۋ ئەڭ ياخشى پاكىزە ساياھەت رايۇنى

  • دىلسۇز8 ئاي ئىلگىرى

    دۆلىتمىزنىڭ،مانامۇشۇنداق،گۇزەل،مەنزىرلىك،شەھەرلىرنى،،،بىركۇنى،چۇقۇم،ساياھەت،قىلىپ،چىقمىسام،،،،

  • ئشەك8 ئاي ئىلگىرى

    خاڭجۇ بىلەن لاسا كەم قاپتۇ يەنە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号