باش بەت

نۇسرەتگۈل

7723يوللانما
110مەستانە

18 ياشلىق ئاتا-ئانا تاشلىۋەتكەن بوۋاق توڭلاپ ئۆلۈپ قالدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-17 18:32 2 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 17-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شىكايەت قىلىنىشىچە، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە جاۋابكار ما xx جاۋابكار ياڭ xxنىڭ دوڭيوڭدىكى ئىجارىگە ئالغان تۇرالغۇسىدا بىر ئوغۇل بوۋاق يەڭگىگەن. بىراق، ھەر ئىككەيلەننىڭ بۇ بالىنى باققۇسى كەلمەي يالىڭاچ ھالەتتىكى بوۋاقنى سۇلياۋ خالتىغا ئوراپ يەشىككە سېلىپ قورودىكى ئەخلەت تۇڭىنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانغان. ئاخىرىدا، بۇ ئوغۇل بوۋاق ئەخلەت قاتارىدا ئەخلەت توشۇش ماشىنىسىغا سېلىنىپ كەنتتىكى ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىغا ئېلىپ بېرىلىشقا تەييارلانغاندا شۇ جايدىكى ساقچىلار بۇ بوۋاقنى قايتۇرۇۋالغان. بىراق، شۇ ۋاقىتتا بوۋاق ئاللىبۇرۇن توڭلاپ قالغانىدى. جاۋابكار ياڭ xx بىلەن ما xx دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقاندا داۋالاش خادىملىرىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق دوختۇرخانىدا بىر تەرەپ قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان. بوۋاق تۇغۇلغاندا بۇ ئىككەيلەن ئەمدىلا 18 ياشتا ئىدى.

سوتتا جاۋابكارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئەمەس، بەلكى تاشلىۋېتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ دەپ قارىغان. بىراق، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ جيەن گەرچە ئۇلارنى بۇ ئىشىدا قەستەنلىك بولمىسىمۇ، ئەمما قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ تۇرۇپ بوۋاقنى تاشلىۋەتكەن دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جاۋ جيەن تۆۋەندىكىلەرنى تەكىتلىگەن: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈش دېلولىرى توختىماي يۈز بېرىپ، جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى. بالىلار ئەزەلدىن ئاتا-ئانىنىڭ «شەخسىي مۈلۈكى» دەپ قارىلىپ كەلگەچكە بالىلارنى ئۇرۇش، خارلاش ۋە ئۆلتۈرۈۋېتىش قىلمىشىلىرى تۈگىمەيۋاتىدۇ. بىراق، قانۇن نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەممە ئادەم بابباراۋەر. بالا ئانا تېنىدىن ئايرىلغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ قانۇنىي ھوقۇققا ئىگە تەبىئىي ئادەمگە ئايلىنىدۇ، ھاياتىي بىخەتەرلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. بۇ دېلو بىزگە بالىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوغدىلىشقا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان5 ئاي ئىلگىرى

    نىمەدى كەن ئچنش لىق

  • ئوتالدۇراخۇن F15 ئاي ئىلگىرى

    تەپتىش ئەپەندىم بەك توغرا گەپ قىپتۇ ، قانۇن مۇقەددەس

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号