باش بەت

جاھانكەزدى

14511يوللانما
18مەستانە

جۇڭگو كەنتلىرى ئىچىدىكى ئەڭلەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-06-19 22:53 1 ئىنكاس چۈشتى

مەملىكىتىمىز يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سانسىزلىغان كىچىك كەنتلەر تارقالغان. بۇ كەنتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ناھايىتى ئاددىي ھەمدە ئانچە نامى يوق بولسىمۇ، بىراق يەنە ئاز ساندىكى بىر قىسىم كەنتلەر ناھايىتى ئۆزگىچە ھەم ناھايىتى داڭلىق. بۈگۈن بىز بىرلىكتە مەملىكىتىمىزدىكى مۇشۇ بىر قىسىم ئۆزگىچە كەنتلەرنى كۆرۈپ باقايلى. 

1. ئەڭ خەتەرلىك كەنت

گۇيجۇ ئۆلكىسى شۈيچېڭ ناھىيەسى يىڭپەن يېزىسى خۇڭدې كەنتى ليۇپەنشۈي شەھىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. بۇ كەنتكە بېرىش ئۈچۈن پويىزغا ئولتۇرۇش ئەڭ قولايلىق بولۇپ، خۇڭدې كەنتىگە ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىلا بىر ۋوگزال بار. بىراق بۇ يەردە ئېيتىلغان ئىككى كىلومېتىر تۈز سىزىق ئارىلىقنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئارىلىقتا بىر چوڭ جىلغىنى كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. كەنت ئاممىسى سەپەرگە چىقىشقا توغرا كەلسە، ئارقان ئارقىلىق سىيرىلىپ ئۆتۈشى كېرەك، ئەگەر بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمىسا، جىلغىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ، ئارقىدىن يەنە قارشى قىرغاقتىكى جىلغىغا يامىشىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى سائەتسىز بۇ جىلغىدىن ئۆتەلمەيدۇ. بۇندىن ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئارقان ئارقىلىق سىيرىلىپ ئۆتۈشنى تاللايدۇ، بىراق ئېگىزلىكتىن قورقۇش كېسىلى بارلار ئەڭ ياخشىسى بۇ كەنتتىن كۆچۈپ كەتكىنى تۈزۈك. 

2. ئەڭ غەلىتە كەنت

ئەسلىدە گۇيجۇ ئۆلكىسىگە تەۋە بولغان بۇ كەنت خۇنەن ئۆلكىسى چېگراسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، خۇنەن ئۆلكىسى قورشاپ تۇرىدۇ. بۇ غەلىتە يېزا-كەنت دەل گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ دىخۇ يېزىسى. دىخۇ (地湖) دېگەن بۇ نام بىر رىۋايەتتىن كەلگەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ يەردە ئەسلىدە بىر قىيالىق بار بولۇپ، شەكلى چۆگۈنگە ئوخشاپ كەتكەچكە دىخۇ (地壶) دەپ ئاتالغان، كېيىنچە地湖غا ئۆزگىرىپ كەتكەن. دىخۇ يېزىسى خۇنەن ئۆلكىسى تەرىپىدىن قورشىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، پەقەت بىر ئىنچىكە يېزا-كەنت تاشيولى گۇيجۇ ئۆلكىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇنىڭ ئىچىدە تاشيوللا گۇيجۇ ئۆلكىسىگە تەۋە بولۇپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھەممە نەرسە خۇنەن ئۆلكىسىگە تەۋە. 

3. ئەڭ باي كەنت

خۇاشى كەنتى، جياڭسۇ ئۆلكىسى جياڭيىن شەھىرى خۇاشى بازىرىغا تەۋە بولۇپ، جياڭيىن شەھىرىنىڭ شەرقىگە، خۇاشى بازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. خۇاشى كەنتى بايلىقتا زادى قانداق دەرىجىگە يەتكەن؟ ئالدى بىلەن بىر يۈرۈش سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ باقايلى: 2004-يىلى، خۇاشى كەنتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە مائاشى 122 مىڭ 600 يۈەن بولغان، بىراق شۇ يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئاران 2936 يۈەن بولغان، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 9422 يۈەن بولغان. تەخمىنەن ھېسابلىغاندا، خۇاشى كەنتىدىكى كىشىلەرنىڭ كىرىمى پۈتۈن مەملىكەت دېھقانلىرىنىڭ 41.76 ھەسسىسىگە، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ 13.01 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. خۇاشى كەنتى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ۋە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار بىلەن توشۇپ كەتكەن. 

4. ئەڭ داڭلىق كەنت

شياۋگاڭ كەنتى، جۇڭگودا ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان تۇنجى كەنت، ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋشىخې بازىرىغا تەۋە، فېڭياڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 1978-يىلى، 18 دېھقان زور خېيىم-خەتەرگە قارىماي ھايات-ماماتلىق شىكايەتنامە يېزىپ، يەر ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيەتنامىسىگە بارماق ئىزىنى باسقان. بۇ ھەرىكەت «شياۋگاڭ روھى»نى يارىتىپلا قالماي، يەنە جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. 

5. ئەڭ چوڭ كەنت

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريابويى كەنتى. بۇ كەنت زادى قانچىلىك چوڭ؟ مۇنداق سېلىشتۇرايلى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ رايونى ئەڭ چوڭ رايون بولۇپ، دۇڭچېڭ رايونى، شىچېڭ رايونى، شۈەنۋۇ رايونى، چۇڭۋېن رايونىنى قوشۇپ، بەشكە كۆپەيتىپ، يەنە بىر چۇڭۋېن رايونىنى قوشقاندا ئاندىن چاۋياڭ رايونىغا تەڭ بولىدۇ. بىراق دەريابويى كەنتى چاۋياڭ رايونىدەك بەش چىقىدىغان بولۇپ، كۆلىمى 2000 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ زادى قانداق ئۇقۇم؟ ئەگەر ياۋروپادا بولسا نەچچە ئون دۆلەتكە تەڭ بولىدۇ. 

6. ئەڭ ئېگىز كەنت

ئاپئاق قارلار بىلەن ئورالغان ھىمالايا تېغى، سۇلىرى سۈپسۈزۈك پۇمخۇيوڭ كۆلى باغرىدىكى جەننەت كەبى كەنت-تۈيسۈن كەنتى. بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5070 مېتىر بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر بۇ يەرگە ساياھەتكە بېرىپ باققانلارنىڭ سانى 100دىن ئاشمايدىكەن. كەنتتە 100دىن ئارتۇق ئاھالە بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئىپتىدائىي تۇرمۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن.

7. ئەڭ كۆپ پۇل خەجلەيدىغان كەنت

نۇرغۇن كىشىلەر كەنتلەرنى ناھايىتى پاكىز، ئىستېمالى تۆۋەن دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى مۇنداق بىر كەنت بار بولۇپ، سىرتنىڭ ئادەملىرى زور تۈركۈملەپ كىرىپلا قالماي، ئىستمالىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، ھەتتا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇلاردىن قېلىشمايدۇ. بۇ كەنت دەل يىراق-يېقىنلارغا نامى تارقالغان ئالىي مەكتەپ زاۋۇتى جايلاشقان جاي-ماۋتەن زاۋۇتىدۇر. بۇ يەر ئەسلى دابيې تېغى باغرىدىكى ئادەتتىكى بىر كىچىك بازار بولۇپ، ماۋتەن زاۋۇتى ئوتتۇرا مەكتىپى بۇ يەرگە جايلاشقانلىقتىن، بۇ جاينىڭ داڭقى چىقىپ كەتكەن. نۇرغۇن كىشىلەر بالىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن، ھەممىدىن ۋاز كېچىپ بۇ يەرگە كېلىپ، بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ ئوقۇيدۇ. مەكتەپ ئەتراپىدىكى 10 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆينىڭ بىر مەۋسۇملۇق ئىجارە ھەققى 10 مىڭ يۈەن بولۇپ، بىر ئادەتتىكى بالىنىڭ بۇ يەردە بىر يىلدا خەجلەيدىغان پۇلى 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا، ئائىلە شارائىتى ياخشىراق بالىلارنىڭ 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىبرايىم8 ئاي ئىلگىرى

    بىزنىڭ ناھىيەمۇ تىزىلىپتۇ گۈزەل يۇرتۇم كېرىيە گەرچە مەن دەريا بويىدىن بولمىساممۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号