باش بەت

نۇسرەتگۈل

7271يوللانما
221مەستانە

ئاۋسترىيەنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى قونۇش ئالدىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-21 15:27 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 21-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 19-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا قىزىل كالا شىركىتىنىڭ بىر قىزىل رەڭلىك تىك ئۇچارى ئاۋسترىيەنىڭ روخىت رايونىدىكى روخىت خالفېن ئايرودروغا قونۇۋاتقاندا مەشغۇلاتتىكى خاتالىق تۈپەيلى ياندىكى بىناغا سوقۇلۇپ كېتىپ، بىنانى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان، تىك ئۇچار بىراك قىلىنغان. بەختكە يارىشا، بۇ ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.

روخىت رايونى ئاۋسترىيەنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى تاغ كۆپ بۆلەككە جايلاشقان بولۇپ، يېڭىدىن بىر ئاسما كۆۋرۈك ياسىلىپ روخىت رايونىدىكى 700 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي قەلئە بىلەن رىم قەلئەسى تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ ئاسما كۆۋرۈكتە رەسمىي قاتناش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتىدىكىلەر تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى بارىدۇ.

بۇ قېتىم ۋەقەگە يولۇققىنى بېل شىركىتىنىڭ AH—1 نومۇرلۇق كۆەينەكلىك تىك ئۇچارى بولۇپ، ئايروپىلان باشلىقى قونۇشقا تەييارلانغاندا تىك ئۇچار تۇيۇقسىز كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ياندىكى بىناغا سوقۇلۇپ كەتكەن، نەق مەيداندىكىلەر قورققىنىدىن تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ كەتكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئايروپىلان ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىپ، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ھالەتكە كېلىپ قالغان. بەختكە يارىشا، ئايروپىلان باشلىقى ۋاقتىدا قېچىپ كەتكەن بولغاچقا ئامان قالغان.

ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئىسمى سىگفىرېد (Siegfried Schwarz) بولۇپ، ئاۋسترالىيەدىكى ئابرويلۇق ئۇچقۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇچۇش تەجرىبىسى مول. ئۇ يەنە قىزىل كالا شىركىتىنىڭ ھاۋا قاتنىشى باشقۇرغۇچىسى، قوشۇمچە باش ئۇچقۇچى. بۇ قېتىمقى ۋەقە توغرىلىق سورالغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ مەشغۇلاتتىكى خاتالىقى ئىكەنلىكىنى، باشقا تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号