باش بەت

ئادىلجان

6870يوللانما
70مەستانە

Uber باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كالانىك رەسمىي ئىستېپا بەردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-21 18:52 0 ئىنكاس چۈشتى

engadget تورىنىڭ 21-ئىيۇندىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتە Uberدىن «ۋاقىتلىق ئايرىلغان»لىقىنى جاكارلىغان كالانىك (Travis Kalanick) ئاخىرىدا پايچىكلارنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ بولالمىغان بولسا كېرەك، ئۇ بۈگۈن رەسمىي ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەمەلىيەتتە Uberنىڭ سەتچىلىك تارىخىدىن قارىغاندا مۇشۇ CEO ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە يۈز بەرگەن سەتچىلىكلەردىن شىركەت ئىچىدىكى جىنسىي كەمسىتىش مەدەنىيىتى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان Greyball ئەرۋاھ ماشىنسىى سىستېمىسى، شوپۇرنىڭ مائاش سەتچىلىكى ۋە شوپۇرنى جىنسىي پاراكەندە قىلىش قاتارلىقلار بار. بۇ ھەم پايچىكلارنىڭ شۇنچە چوڭ بېسىم ئىشلىتىپ شىركەتنىڭ ئىناۋىتىنى تېزرەك قوغداپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىشىنىڭ سەۋەبى. 

گەرچە بۇ يىل 2-ئايدا بۇ CEO تۈپتىن ئۆزگىرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما Axiosنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەبلەغ سالغۇچى Benchmark ،First Round Capital، Fidelity Investments ،Lowercase Capital ۋە Menlo Venturesلار بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «Uberنى ئالغا سىلجىتىش» (Moving Uber Forward) ناملىق خەتتە يەرلىكنىڭ CEO ئالماشتۇرۇش تەلىپىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنقىلاپ پەيدا قىلىشقا تەييارلانغان بۇ CEOنىڭ يۈزىگە بىر كاچات ئۇرغان.

ئەمما ئىستېپا بەرگەن تەقدىردىمۇ، شىركەتنىڭ زور كۆپ قىسىم پايچېكىنى كونترول قىلىپ تۇرغان كالانىك يەنىلا مۇدىرىيەت ئەزالىق سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا كالانىك بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئاساسلىقى مۇنتىزىم يوللار ئارقىلىق قايتىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号