باش بەت

گۈلمىرە شەمشىدىن

1542يوللانما
1008مەستانە

ئەڭ يېڭى مىكرو كىنو «بالام»نىڭ تېتىم فىلىمى ئېلان قىلىندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-21 21:22 10 ئىنكاس چۈشتى

 «بالام» ناملىق مىكرو كىنو تۇرپان بۈيۈك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىلەن جۇڭگو سەبىيلەرنى ئىزدەش پىدائىيلار ئەتىرتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش تېمىسىدىكى پاراۋانلىق تۈسىنى ئالغان فىلىم.

مەزكۇر فىلىمدە بىر قاتار تەسىرلىك مەزمۇنلار ۋە رېئال ۋەقەلەر ئاساسىدا كىشىلەرگە بالىلارغا كۆيۈنۈش، بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈش، بالىلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاتا-ئانا بولغۇچى ئەڭ ئالدى بىلەن قوغداش قاتارلىق تېمىلاردىن باشقا مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، مائارىپقا، پەن–مەدەنىيەت، مەرىپەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، مائارىپ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نادانلىق، خۇراپاتلىق قاتارلىق ناچار ئىدىيەلەردىن قۇتۇلۇشنى تەشۋىق قىلغان ئاكتىپ ئىنىرگىيەلىك فىلىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭگو سەبىيلەرنى ئىزدەش پىدائىيلار ئەترىتى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە جەمئىي 14مىڭغا يېقىن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن يۈتۈپ كەتكەن بالىنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كەلدى.

بىز مەزكۇر فىلىمىمىز ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، بالىلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن، ياخشى تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن، كەلگۈسىدە ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ ۋە پەن–مائارىپنى تېخىمۇ قوللىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز !


باش سۈرەت تاللاش x
  • بىلگيار4 ئاي ئىلگىرى

    سىنارىيىسىنى تۇرسۇنبەگ ياسىن يازغان ، ئىشقىلىپ يامان ئەمەس چىقىپتۇ . نۇرنىسا ھەدىمىز ناخشىنى بەك ياخشى ئورۇنلاپتۇ ، قاتناشقان ئارتىسلارغا كۆپ تەشەككۇر .

  • 09984 ئاي ئىلگىرى

    بەك تەسىرلىك ، ياخشى ئ‍ىشلەنگەندەك قىلىدۇ ، تولۇق نۇسخىسىنى قاچان كۆرەمىز ئ‍ەمدى؟؟؟؟؟؟

  • ئادىل4 ئاي ئىلگىرى

    تېتىم فىلىم دىگەن گەپنى چۈشەنمەپسىزدە ، سىز 26 يىل كۆرۈشمىگەنلىكىنى نىمگە ئاساسلىنىپ دىدىڭىز

  • توختاخۇن4 ئاي ئىلگىرى

    باھا بېرىشكە ئالدىراپ كەتمەڭلار، بۇ تېخى تېتىم نۇسخىسىكەن، تولۇق نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندا ئاندىن باھا بەرسەڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر!

  • جىسىم4 ئاي ئىلگىرى

    ئارىش نۇرداش ، ئاڭلىسام سىزنى قايناق ۋە ھېسيات 9 نىڭ سىنارىيەسىنى يازىدۇ دەيدۇغۇ

  • ئارىش4 ئاي ئىلگىرى

    سىنارىسيەسىنى پەقەت يازالماپتۇ، 26 يىل كۆرۈشمىگەن ئانا-بالىنىڭ ھېسسىياتى تۇمتاقلا چىقىپ قاپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتى بەكلا تېز، بالىسىدىن ئايرىلغان ئانىنىڭ ھېسسىياتى يوق دېىيەرلىك ھەمدە بۇ مىكرو فىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسا بولاتتى. ناخشا بىلەن تەڭ تۈگىتىمىز دېگەن ئىدىيە بىلەن ۋەقەلىكنى بەك كۆپ كېسىۋىېتىپتۇ، ئەسلى ئانا سىرىتقا چىققاندا باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ بالىسىدەك كۆرۈپ، بالىسىنى بىر كۈنى كەپ قالارمۇ دەپ يولغا چىقىپ قاراپ، نەچچە-نەچچە قېتىملىق ئۈمىدسىزلىق ئىچىدە ئاخىرىقى كۆزلىرىدە قىزىنى كۆرگەن بولسا، بالىسىنى سېتىۋەتكەن دادىمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن پۇشايمان قىلسا، ئىككى بوۋاي-موماي بىرلىكتە ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى يول ئېغىزىدا قىزىنى ساقلىسا ھەمدە قىزىنى سىتىپ بەرگەن ئادەمنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلسا تېخىمۇ جانلىق چىقار ئىكەن.

  • كىپەك دەرۋىش5 ئاي ئىلگىرى

    تۇز سالغان فىلىم؟…………………………………………

  • ئارىش5 ئاي ئىلگىرى

    ناخشىسى بەك ياخشى ئىكەن، بەك مۇڭلۇق ئادەمنىڭ يۈرىكىگە بارىدىكەن، لېكىن سۈرەت قىسمىنى پەقەت چۈشەنگىلى بولمايدىكەن.

  • يەكەنلىك5 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى ئشلىنىپتۇ تولۇق قىسىمىنى قانداق كۆرىدىغان دىمىز دوسلا

  • ئۆمەر5 ئاي ئىلگىرى

    تىتىم فىلىمى دەپ ياىشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ. بىر خىل يىقىملىق.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号