باش بەت

جاھانكەزدى

14354يوللانما
5مەستانە

مىنېرال ئاپتول، يېرىم بىرىكمە ئاپتول ۋە تولۇق بىرىكمە ئاپتولنىڭ قايسى ئەڭ ياخشى؟

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-22 22:00 21 ئىنكاس چۈشتى

ھەر قېتىم ئاپتوموبىلنى ئاسراش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، نۇرغۇن شوپۇرلىرىمىز قىممەت باھالىق بىرىكمە ئاپتول ئىشلىتىش ياكى ئەرزان باھالىق مىنېرال ئاپتول ئىشلىتىشتىن ئىبارەت قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. قىممەتنى ئىشلەتسە، ھېچقانداق پەرقى يوقتەك بىلىنىدۇ، ئەرزاننى ئىشلەتسە ماتورغا زىيان يېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە، ئاپتولنى قانداق تاللاش توغرىسىدا ئورتاقلىشىپ باقايلى. 

ئالدى بىلەن، ئاپتولنىڭ رولى ئۈستىدە توختىلايلى. ماتور ھەر خىل مېخانىك زاپچاسلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ زاپچاسلار ئارىسىدا سۈركىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەگەر بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسا، زاپچاسلار ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئاپتول ئارقىلىق سىلىقلاپ، سۈركىلىشنى تۆۋەنلىتىشىمىز لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتولنىڭ يەنە پاكىزلاش، ھىملەش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. 

نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان ئاپتوللار مىنېرال ئاپتول ۋە بىرىكمە ئاپتول دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىكمە ئاپتول يەنە يېرىم بىرىكمە ئاپتول ۋە تولۇق بىرىكمە ئاپتول دەپ بۆلۈنىدىغان بولۇپ، تولۇق بىرىكمە ئاپتولنىڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. مىنېرال ئاپتولنى بىرىكمە ئاپتول بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سىلىقلاش ئۈنۈمى نىسبەتەن تۆۋەن، ئىشلىتىش دەۋرى نىسبەتەن قىسقا بولىدۇ.

 

1. تولۇق بىرىكمە ئاپتول

ئاڭلىماققا ناھايىتى ئېسىل بىلىنىدىغان تولۇق بىرىكمە ئاپتول ئەمەلىيەتتە سۈنئىي ئۇسۇلدا تەڭشەپ چىقىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئاپتول بولۇپ، مۇقىملىقى ئالاھىدە، سىلىقلاش ئۈنۈمى ياخشى، ئىشلىتىش دەۋرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. 

نېمە ئۈچۈن تولۇق بىرىكمە ئاپتول بۇنچە قىممەت؟ 

چۈنكى تولۇق بىرىكمە ئاپتولنىڭ ئىقتىدارى ئالاھىدە، تەننەرخى يۇقىرى بولۇپ، مىنېرال ئاپتول بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ مەخسۇس تولۇق بىرىكمە ئاپتول ئىشلىتىشىدىكى سەۋەبتۇر. بولۇپمۇ تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلەنگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتولغا بولغان تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى بولغانلىقتىن، تولۇق بىرىكمە ئاپتول ئىشلىتىلىدۇ.

 

2. يېرىم بىرىكمە ئاپتول

تولۇق بىرىكمە ئاپتول خەلقئارا تۆتىنچى ياكى بەشىنچى دەرىجىلىك ماي ئاساسىدا تەڭشەپ ياسىلىدۇ. يېرىم بىرىكمە ئاپتول بولسا خەلقئارا ئۈچىنچى دەرىجىلىك ماي ئاساسىدا تەڭشەپ ياسىلىدىغان بولۇپ، مىنېرال ئاپتول بىلەن تولۇق بىرىكمە ئاپتولنى 4:6 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. يېرىم بىرىكمە ئاپتولنىڭ ساپلىق دەرىجىسى تولۇق بىرىكمە ئاپتولغا ناھايىتى يېقىنلىشىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ تەننەرخى مىنېرال ئاپتولدىن سەل يۇقىرى بولۇپ، مىنېرال ئاپتول بىلەن بىرىكمە ئاپتول ئارىسىدىكى ئۆتكۈنچى مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. 

نېمە ئۈچۈن يېرىم بىرىكمە ئاپتول ئەرزان؟ ئۇنىڭ سۈپىتى ناچارمۇ؟ 

نۇرغۇن ئىستېمالچىلار «يېرىم» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپلا بۇ خىل ئاپتولنى ئىشەنچسىز دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەمەس. يېرىم بىرىكمە ئاپتول مىنېرال ئاپتول بىلەن تولۇق بىرىكمە ئاپتولنى 4:6 نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەڭشەلگەن بولۇپ، ساپلىقى تولۇق بىرىكمە ئاپتولغا ناھايىتى يېقىنلىشىدۇ. بىراق ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان ئاپتول بولغاچقا، ئۇنىڭ تەننەرخى مىنېرال ئاپتولدىن سەل يۇقىرى، تولۇق بىرىكمە ئاپتولدىن سەل تۆۋەن بولىدۇ. يېرىم بىرىكمە ئاپتول بىلەن تولۇق بىرىكمە ئاپتولنىڭ بىردىنبىر پەرقى بولسا، يېرىم بىرىكمە ئاپتولنىڭ ئاجىزلىشىشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، ئىشلىتىش دەۋرى تولۇق بىرىكمە ئاپتولغا قارىغاندا قىسقىراق بولىدۇ. 

ئۇنداقتا ئاپتولنى قانداق تاللاش كېرەك؟ 

بىرىكمە ئاپتوللارنىڭ مۇقىملىقى، يۈرۈشچانلىقى تېخىمۇ ياخشى بولغانلىقتىن، مەيلى قىشتا سوغۇق قوزغىتىش بولسۇن ياكى يازدىكى ئىسسىققا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى بولسۇن، ھەر جەھەتتىن ئارتۇقچىلىققا ئىگە، ئىشلىتىش دەۋرىمۇ نىسبەتەن ئۇزۇن بولۇپ، ماتورغا نىسبەتەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، ئەگەر ئامراق ئاپتوموبىلىڭىزنى ئاسراي دېسىڭىز، ئازراق پۇلغا چىداپ، تولۇق بىرىكمە ئاپتول ئىشلەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىلنىڭ يۈرگەن كىلومېتىر سانى ئاز، قەرەللىك ئاسرالغان بولسا، يېرىم بىرىكمە ئاپتول ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ماتورنىڭ بېسىمى نىسبەتەن كىچىك بولغان، تۆۋەن گاز چىقىرىش مىقدارىغا ئىگە تەبىئىي ھاۋا سۈمۈرىدىغان ماتور سەپلەنگەن تېجەشلىك تىپلىق ئاپتوموبىللارغا ئەرزان باھالىق مىنېرال ئاپتول ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. 

ئاپتولنى قانچە ئۇزۇندا ئالماشتۇرۇش كېرەك؟ 

ماتورنىڭ خىزمىتى نورمال، ھاۋا سۈپىتى نورمال ئەھۋالدا، بىرىكمە ئاپتولنى 10 مىڭ كىلومېتىر ئەتراپىدا، مىنېرال ئاپتولنى 5000 كىلومېتىر ئەتراپىدا، يېرىم بىرىكمە ئاپتولنى ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش لازىم. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • جاھانكەزدى2 ئاي ئىلگىرى

    مىنېرال ئاپتول 矿物质机油
    يېرىم بىرىكمە ئاپتول 半合成机油
    تولۇق بىرىكمە ئاپتول 全合成机油

  • ئەلى2 ئاي ئىلگىرى

    رىمنۇتچى خاتالاشتىڭىز ،تولوق بىرىكمە ئاپتوللانىڭمۇ 5w30 ھەممە تىپى چىقىدۇ ،بۇلا ئاپتولنىڭ بىرىكمە ياكى مىنىرال ئاپتول دىگەنلە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،ئۇسانلا ئاپتولنىڭ ئىشلىتىلش پەسلى ۋە تىمپىراتۇرنى بەلگىلەيدۇ

  • ئەلى2 ئاي ئىلگىرى

    بەلگە با يىرىم بىرىكمە ئاپتۇلدا خەنزۇچە 半合成تولوق بىرىكمە ئاپتۇلدا 全合成دىگەن خەت با مۇشۇ ئارقىلىق ئايرىلدۇ

  • سەۋدا2 ئاي ئىلگىرى

    قايسى كۈنى ئاپتۇلنىڭ ئۈستىدىكى خەت قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى دەپ چىقىرىپتىكەن،ئەمدى ما ئىنكاسقا قارايدىغان بولساق، خېتى كىچىكنى ياخشى دەپتۇ، زادى قايسىسى ياخشى ئىنىق چۈشەنچە بەرسەڭلاچۇ

  • شىرئەلى2 ئاي ئىلگىرى

    ماشىناڭلىنىڭ قوللانمىسىدا يېزىقلىق قاندا تىپلىق ئاپتۇل ماس كىلدىغېنى ، شۇ بۇيىچە تاللىساڭلا بۇلىدۇ

  • تىلچى2 ئاي ئىلگىرى

    ئاپتول ئالماشتۇرۇش دەۋرى ئادەتتە، ئاپتول دەرىجىسى ۋە سۈپىتى ئارقىلىق بەلگىلەنسىمۇ ئەمما يەنە بىر مۇھىم ھالقا بار، ئۇ بولسىمۇ مۇھىت ئامىلى ، ناۋادا ئوخشاش ئاپتۇلنى ئوخشاش بولمىغان رايۇندا ئىشلەتسەك ،مەسىلە پۈتۈن بىرىكمىلىك ئاپتۇلنى شاڭخەيدە ئىشلەتسەك 15مىڭنىمۇ ماڭسىڭىز بولىدۇ ، ئۈرۈمچىدە ئون مىڭنى ماڭسىڭىز ھىچنىمە بولمايدۇ ،ئەمما خوتەندەك قۇم بوران دائىم چىقىپ تۇرىدىغان رايۇندا ئۇ نىسبەتتە ئىشلىتىشكە قەتتى بولمايدۇ ، شۇڭا قېرىنداشلار مۇھىت ئامىلىغا ئالاھىدە دىھقەت قىلىشىنى سورايمىز ، ئەمما تەكىتلەيدىغىنىمىز يەنىلا قانداق ئاپتۇل بولۇشتىن قەتتى نەزەر ماشىنىڭىزغا ئامراق بولسىڭىز بەش مىڭ كىلومىتىردا ئالماشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز ، ئادەتتە مىنىرال ئاپتۇلنىڭ دەۋرى ئۈرۈمچىگە نىسبەتەن تۆت مىڭ دىن بەش مىڭغىچە بولسا مۇۋاپىق ھىسابلىنىدۇ ، ۋاقتى ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ،مەيلى سىز ماشىنىڭىزنى ھەيداڭ ياكى ھەيدىمەڭ ۋاقىت ئۇزارسا ئاپتۇلنىڭ يېپىشقاقلىقى قايچىسىمان كېسىشكەندىكى ئاپتۇل تۇراقلىقى قاتارلىقلار تەبىي ئاجىزلايدۇ ، يېرىم بىرىكمىلىك بولسا بەش مىڭدىن ئالتە مىڭغىچە ، يەنى بەش ئايدىن ئامال بار ئېشىپ كەتمىسۇن ، پۈتۈن بىرىكمىلىك بولسا ئالتە ئاي مۇۋاپىق دەپ قارايمىز ، بەزى بىر قىسىم شوپۇر قېرىنداشلار مەن ماشىنامنى تېخى ئاران مىڭ كىلومىتىر ھەيدىدىم دەيدۇ قاچان ئالماشتۇرغان دىسە بىر يىل بولغان ، بۇ ئەڭ خاتا قاراش ، ئاپتۇل ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن ئوكسىدلىنىدۇ ،ئىقتىدارى تەبىيلا تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ ،شۇڭا ئاپتۇل ئالماشتۇرۇش دەۋرىگە ئالاھىدە دىھقەت قىلىش كېرەك ، يەنە بىر مۇھىم تەرەپ ساختا ئاپتۇل قۇيۇشتىن ساقلىنىڭ ،مەخسۇس ماشىنىنىڭ مەخسۇس ئاپتۇلى دىگەن گەپكە ھەرگىز ئىشەنمەڭ ، ئاخىرىدا ھەممىڭلارغا دەيدىغىنىم ھەقىقىي ئۇستا ، ئىنسابلىق رىمۇنىتخانىلاردا ئاپتۇل ئالماشتۇرۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن

  • توغرا2 ئاي ئىلگىرى

    1.全合成机油,2.半合成机油,3.合成机油,4.矿物机油
    1.پۈتۈن بىرىكمە ئاپتول. 2.يېرىم بىرىكمە ئاپتول. 3.بىرىكمە ئاپتول. 4.مېنرال ئاپتول.

  • ئۇچار گىلەم2 ئاي ئىلگىرى

    پۈتۈنلەي بىرىكمە 全合成 دەپ يېزىلغان بۇلىدۇ يېرىم بىرىكمە 半合成 دەپ يىزىلغان بۇلىدۇ لىكىن بەزەن ساختا ماللار ھەممە دەرىجىسى 合成 چىقىدۇ ئۆزىچە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشەنچىلىك ئورۇنلاردا ئاسراش ئېلىپ بېرىش كېرەك

  • ŞAŞ2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بەت ناھايىتى ياخشى تەييالىنىپتۇ.مەن ھەر قىتىم ئاپتۇل ئالماشتۇرغىنىمدا ساقتىمىدۇ دەپ ئەنسىرەيمەن. يەنە بىر قىتىم ئاپتۇل ئالماشتۇرغاندا بۇ ئاپتۇل قانداقراق ئىكەن دەپ سورايمەندە ئەنسىرگەندەك جاۋاپقا ئىرشىمەن.ساقتا ئاپتۇلغا زەربە بىرىپ خەلقنىڭ مۈلكىنى قوغداش خىزمىتىنى كۇچايتىپ، ساقتا مالدىن ئەنسىرمەيدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلسە دىگەن ئۈمۈددە مەن .

  • منبكئوزرەشدە2 ئاي ئىلگىرى

    ئابديقييم باماسولش

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号