باش بەت

زورىگۈل

5741يوللانما
40مەستانە

Starbucks مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىپ ياۋروپادا 2500 خىزمەت ئورنى يارىتىدۇ

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-23 10:32 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 23-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

20-ئىيۇن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى، شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ زەنجىرسىمان قەھۋە شىركىتى Starbucksنىڭ سېئاتىلدىكى باش ئىشتاتى بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىلدا ياۋروپادىكى دۇكانلىرىدا 2500 مۇساپىرنى ياللاپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ Starbucksنىڭ دۇنيادىن 10 مىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى.

سېئاتىل ۋاقىت گېزىتىنىڭ Starbucksنىڭ باياناتىنى نەقىل قىلىشىچە، بۇ مۇساپىرلار ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئاۋستىرىيە، شىۋېتسارىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، گېرمانىيە ۋە گوللاندىيە 8 دۆلەتنىڭ Starbucks دۇكانلىرىدا ئىشلەيدىكەن.

خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى «خەلقئارا ياردەم بېرىش كومىتېتى» ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى Starbucksقا ياردەملىشىپ بىرلىكتە «ئادەم تاللايدىكەن». Starbucksنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كارخانىنىڭ ياۋروپادا 30 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بار ئىكەن.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 1-ئايدا چېگرادىن كىرىشكە چەك قويۇش بۇيرۇقى ئىمزالىغاندىن كېيىن Starbucks بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىلدا دۇنيا مىقياسىدا 10 مىڭ مۇساپىر ياللاپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ قارار ناھايىتى تېزلا قارشىلىق پەيدا قىلغان، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا «Starbucksنى توسۇش» ئاۋازلىرى پەيدا بولغان. لېكىن بۇ قېتىمقى ياۋروپادا مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىلانى ئۇنچە چوڭ ئىنكاس پەيدا قىلمىدى.

ئالدى بىلەن Starbucks بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىلدا كانادادا ئاز دېگەندە 1000 مۇساپىر قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ياۋروپا دۆلەتلىرى 2014-يىلىدىن بۇيان جەمئىي 1 مىليون 700 مىڭدەك مۇساپىر ۋە كۆچمەن قوبۇل قىلدى، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرىچە، مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا قىينالغان سۇرىيە، ئىراق، ئافغانىستان ۋە بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن.

ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنى مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا كۆپلىگەن ئامېرىكا كارخانىسى مۇساپىرلارنى كۈچەپ قوللىغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە گۇگول Goldman Sachs، LinkedIn ۋە Hp بار. كۆپلىگەن داڭلىق پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 نەچچە ئامېرىكا كارخانىسى سوت مەھكىمىسىگە بىرلىكتە ئىلتىماس سۇنۇپ تىرامپنىڭ چېگرادىن كىرىشكە چەك قويۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号