باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

مىڭلىغان Uber خىزمەتچىسى كالانىكنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-06-23 12:08 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 23-ئىيۇندىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا خەۋەرلەر تور بېكىتى Axiosنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،Uberنىڭ 1000دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى بۇ شىركەتنىڭ مۇدىرىيىتىگە بىر پارچە بىرلەشمە ئىمزالىق خەت تاپشۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىن بىكار قىلىنغان CEO تىراۋىس كالانىكنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا Uberنىڭ خەتەرگە مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان KPCBمۇ ئوخشاش ئۇچۇرنى يوللىغان. Uber خىزمەتچىلىرى تۈنۈگۈندىن بۇيان ئىزچىل مۇشۇ ئىش توغرىسىدا كۈچ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، ئاخىرىدا بۇ بىرلەشمە ئىمزالىق خەتنى ۋۇجۇدقا چىقارغان، ئۇلار خەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئىمزاسىنى قويغان ھەمدە ھەرقايسىلىرى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەمما كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ھەرگىزمۇ ھەقىقىي «ئىمزا» قويماستىن، ئۆزىنىڭ Uberدىكى سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ Google Doc ھۆججەت قىسقۇچىغا كىرىپ «ئىمزا قويدى». ھازىرغا قەدەر ئىمزا قويغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ Uberنىڭ ئومۇمىي خىزمەتچىلىرى (شوپۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ %10تىگە يەتتى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号